ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزى بېيجىڭدا قۇرۇلغان. بۇ مەركەز-دۆلەت قۇرغان ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە نەشىر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئورگىنى.
1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا ئارخوئولوگلار ئەڭ بۇرۇنقى ئىنسانىيەنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسمىنى بايقىغان. بۇ تاشقا ئايلانغان جىسىم 4 مىليون 400 مىڭ يىل بۇرۇنقى جىسىم ئىدى.
1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 11-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بېيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن. 36 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 5200 تەنھەرىكەتچى 14 كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقىگە قاتناشتى، جۇڭگو ماھىرلىرى 183 ئالتۇن مېدال، جەمئىي 341 مېدال ئېلىپ، ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە 1-ئورۇندا تۇردى.
1980-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېراق بىلەن ئېران ئۇرۇشى پارتلىغان. ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئېراق بىلەن ئېران ئوتتۇرىسىدا زېمىن تالىشىش، مىللەت ۋە مەزھەپلەر زىددىيىتى ئېغىرلاشقان. 1971-يىلى ئىككى تەرەپتە چېگرا زىددىيىتى كۈچەيدى. بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ئىككى تەرەپتىن بىر مىليوندىن ئارۇق كىشى قازا قىلدى، بىر مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. 1988-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىغان.
1973-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كېسسىنگىر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرىلىكىگە تەيىنلەنگەن. كېسسىنگىر 1923-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيەدە تۇغۇلغان، 1938-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان، 1943-يىلى ئامېرىكا تەۋەلىكىگە كىرگەن، 1973-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1971-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، كېسسىنگىر جۇڭگودا مەخپىي زىيارەتتە بولغان. كېسسىنگىر 8-ئىيۇل پاكىستاندا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، مەخپىي ھالدا بېيجىڭغا ئۇچۇپ كەلگەن ھەمدە جۇ ئېنلەي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ تەيۋەن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقان. جۇ ئېنلەي ئامېرىكا: تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس ئۆلكىسى ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.تەيۋەن مەسىلىسى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشى، شۇڭا باشقىلارنىڭ ئارىلاشماسلىقى كېرەك دېدى. كېسسىنگىر مۇنداق دېدى:1.تەيۋەننىڭ جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز 2.ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن قارشىلاشمايدۇ، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.(تامام)