ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
2000-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئاسىيا-ياۋروپا دېڭىز ئاستى نۇر كابىلى تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ نۇر كابىلى 33 دۆلەت ۋە رايوندىكى ئاسىيا ياۋروپا نۇر كابىلى سېستىمىسى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈچ يىللىق قۇرۇلۇش پۈتتى. بۇ كابىل ئەنگلىيەدىن باشلىنىدۇ. بۇ ئېلىمىز خەلقئارا خەۋەرلىشىش سېستىمىسىنىڭ يەنە بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا تۇنجى قېتىملىق سايلام ئۆتكۈزگەن. 2 مىليون 900 مىڭ كىشى سايلامغا قاتناشقان.
1993-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى چاۋشيەننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. چاۋشيەن يادرو ئەسلىھەلىرى 1993-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ پلوتونىي ئىشلىتىپ باقمىغان. چاۋشيەن بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان.
1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى:ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نېفىت سىياسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش. بۇ تەشكىلاتتىكى دۆلەتلەر دۇنيادىكى %70 نېفىت زاپاس مىقدارى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى %50 نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىگە ئىگە ئىدى.

1959-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭ ۋوگزالى قۇرۇلغان. بېيجىڭ ۋوگزالى دۆلەت ئىچىلا ئەمەس، دۆلەت ئىچى بىلەن سىرتىنى تۇتاشتۇرغۇچى ئەينەك.
1867-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كاپىتالنىڭ 1-تومى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە نەشىردىن چىققان. بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تەپەككۇر تارىخى بىلەن خەلقئارالىق كوممۇنىزىم ھەرىكىتى تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ خارەكتىرلىك چوڭ ئىش.(تامام)