ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
1999-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو «99-يىللىق دۇنيا پوچتا ماركىسى كۆرگەزمىسىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان. ئېلىمىز مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان دۇنيا پوچتا كۆرگەزمىسىدىكى تۇنجى «ئالتۇن مۇكاپاتى» ۋە «دۆلەتلىك مۇكاپات» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئېلىمىز تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە جەمئىي 71 خەلقئارا پوچتا بىرلەشمىسىنىڭ ئەسەرلىرى قويۇلغان. ئېلىمىزنىڭ نەتىجىسى يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ياخشى بولغان.
1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياپونىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى كىتابتىكى «731-قىسىم» توغرىسىدىكى مەزمۇننى چىقىرىۋېتىش قانۇنغا خىلاپ دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىتابتىكى «نەنجىڭ زور قىرغىنچىلىقى»، «ياپونىيەنىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشى» توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.
1983-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىنى جەنۋەدە ئېچىلغان. 138 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ۋەكىللەر يىغىنغا قاتناشتى. ئامېرىكا يىغىنغا قاتناشمىدى. يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيەگە ياردەم قىلىشنى توختىشىشىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ، فود جەمئىيەتلىرىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.
1978-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئۈچ ئامېرىكىلىق گازلىق شار ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈش رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئۇلار بوشلۇقتا 138 سائەت 6 مىنۇت ئۇچۇپ، ئەڭ ئۇزۇن ئۇچۇش رىكورتىنى ياراتقان. «قوش بۈركۈت» ناملىق بۇ گاز شارىنى ھەيدىگۈچىلەر ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا شىتاتىدىن.

1958-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، داڭلىق چولپان مايكول جېكسون ئامېرىكىنىڭ ئىندىئاننا شىتاتىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى شوپۇر، ئاپىسى ناخشىچى ئىدى. داڭلىق مودا ناخشا چولپىنى مايكول جېكسون ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق. بەلكىم سىزمۇ بۇرۇن ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا مەستخۇش بولغانسىز، مايكول جېكسوننىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭىچە تۇيغۇ بېغىشلىغان، ئەپسۇس ئۇ 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ھوللىۋۇدنىڭ دۇسسائۇت شام ھەيكەل سارىيىدا مايكول جېكسوننىڭ ۋاپاتىنىڭ ئىككى يىللىقىدا مايكول جېكسوننىڭ ئەڭ يېڭى ئۈچ شام ھەيكىلىنى تۇرغۇزدى. دۇسسائۇت شام ھەيكەل سارىيىدىكى ئالاقىدار كىشىلەر مۇنداق دېدى: مايكول جېكسوننىڭ ۋاپاتىنىڭ ئىككى يىللىقىغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ ياۋروپادا مايكول جېكسوننىڭ بۇ ئۈچ شام ھەيكىلىنى ياساتتۇق. بۇ ئۈچ شام ھەيكەل ئايرىم ئايرىم ھالدا ئۇنىڭ ئۆسمۈر ۋاقتى، ياش ۋە قۇرامىغا يەتكەن ۋاقتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. دۇسسائۇت شام ھەيكەل سارىيى شام ھەيكەلدىن باشقا يەنە «مايكول جېكسون» توغرىسىدىكى فىلىمنى قويۇپ، جېكسونغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ھوللىۋۇدنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: مايكول جېكسون نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتتى، ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا ئالەمدىن ئۆتۈشى-مۇزىكا ساھەسىدىكى بىر يوقىتىش،شۇنداقلا بىر رىۋايەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ھېسابلىنىدۇ. مايكول جېكسوننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئۇسۇل مۇئەللىمى كېن مۇنداق دېدى: جېكسون دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەتكار. پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۇنى ياد ئېتىدۇ، جىنېت جېكسون، جاستىن بىبېر قاتارلىق داڭلىق چولپانلار تور ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىككى يىل بۇرۇن رېتسىپ دورىنى ئارتۇق ئىشلەتكەنلىكتىن ھاياتىدىن ئايرىلغان مايكول جېكسونغا بولغان سېغىنىشىنى بىلدۈردى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جېكسون ۋاپات بولۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ تەپسىلاتلىرى توغرىسىدىكى مەخپىيەتلەر ئائىلە توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جېكسوننىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى كونراد ماررى ھازىرغىچە سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەنمەكتە. مايكول جېكسوننىڭ ۋاپاتىنىڭ ئىككى يىللىقى ھارپىسىدا ئۇنىڭ ھەدىسى لاتيا يېڭى بىر كىتاب نەشىر قىلدى، كىتابتا لاتيا جېكسون قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دېگەن قاراشنى تەكىتلىگەن. لاتيا جېكسوننىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆزىگە مالىيە سەۋەبلىك باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى دېدى.
لاتيا جېكسوننىڭ سەنئەت ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە سودا مەسلىھەتچىسى بولغان توممىنى ئەيىبلىدى، جېكسوننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش گۇماندارى، جېكسوننىڭ خۇسۇسىي دوختۇرىد كونراد ماررى بۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دىلوسىدىكى يادرولۇق كىشى ئەمەس دېدى. رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «قايتىدىن باشلاش» ناملىق بۇ كىتابتا لاتيا جېكسوننىڭ قازا قىلىشتىن ئالدىدا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىنى يېزىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى يولدىشىنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى يازغان. 1993-يىلى جېكسوننىڭ كىچىك بالىغا ئەدەبسىزلىك قىلىش دىلوسىدا لاتيا جېكسونغا پايدىسىز ئىسپات كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇرۇنقى يولدىشىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلغانىكەن. لاتيا يەنە مۇنداق دېدى: جېكسون قازا قىلىشتىن بۇرۇن بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. دوختۇر موررى پەقەت بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر جېكسوننىڭ ئۆلۈمىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك دېدى. لاتيا مۇنداق دېدى: جېكسون ھايات ۋاقتىدا قاسراقلىق قوڭغۇز ۋە باشقا ناخشىچىلارنىڭ مۇزىكىسىنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلىقتىن، باشقىلار ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلدى. ھەتتا بەزىلەر ئۇنى ئۆلتۈرۈپ نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە بولماقچى بولدى. بۇ ئىشلار ھەممىسى ئالدىن پىلانلانغان، ئىنىم ئۇلارنىڭ پىلانىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ ماڭا دائىم قولۇمدا نەشىر ھوقۇقى بولغاچقا قەستكە ئۇچرىشىم مۇمكىن دەيتتى. لاتيا جېكسوننىڭ مىراس بۇيۇملىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى جون برانكاغىمۇ نارازى بولۇپ، جوننى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ جېكسوننىڭ مىراسلىرىنى بۆلۈپ بەردى، جېكسوننىڭ ئاپىسى، بالىسى ۋە جېكسوننىڭ خەيرىيەت ئىشلىرىنى ئويلىمىدى، دېدى.(تامام)