ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| شىئىر | ئەدەبى - ئەسەر | كۈلكە-چاقچاق،يۇمۇرلار | مەشھۇر شەخسلەر | قانۇنلار | تائاملار | كىيىم-كىچەك | ھۈنەر-سەنئەت | مىللەتلەر | چالغۇلار | ناخشا-ئۇسۇللار | يادىكارلىق | جۇغراپىيە | تارىخدىكى بۈگۈن
ئورنىڭىز:ئەدەبى ئەسەر >> تارىخدىكى بۈگۈن >>
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
 يوللىغۇچى:  كىلىش مەنبەسى:ئىنتىرنىت  كۆرلىشى:436  
ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:

    2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار مۇنبىرى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى ئېلىپ سېتىلغان قۇللار، مۇستەملىكىچىك، ئېرقىي كەمسىتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارغا تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۆتمۈشتە نۇرغۇن قارا تەنلىكلەر قۇل قىلىپ سېتىلغان، مۇستەملىكە ۋە ئېرقىي كەمسىتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ھازىر بولسا ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا. ئەگەر پۈتۈن دۇنيا ئىتتىپاقلاشمىسا، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

    1999-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، روسىيە «تىنچلىق» ناملىق ئالەم بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى توختىتىپ، ئادەم ئېلىپ ئۇچۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان. «تىنچلىق» ناملىق ئالەم بوشلۇقى 120 توننا كېلىدىغان، ئەمەلىي رولى يوق سۈنئىي ھەمراھ. بۇ سۈنئىي ھەمراھ 1986-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ،ئۆمرى بەش يىل ئىدى، لېكىن سەككىز يىل خىزمەت قىلدى. 1400 نەچچە يېرىدە كاشىلا يۈز بەردى.

    1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مارادونانىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرگەندە 3-قېتىم مەسىلە چىققان. ئارگېنتىنا پۇتبۇلچىلىق جەمئىيىتى ئىككى قېتىم سۈيدۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ روھلاندۇرۇش دورىسى يېگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا مۇسابىقىدىن ۋاقىتلىق توختىتىلىش جازاسى بېرىلگەن. 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، مارادونا مۇخبىرنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمگە بۇيرۇلغان. مارادونا 1994-يىلى 2-ئايدا يەل مىلتىق بىلەن ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا مارادونانى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن تۆت مۇخبىرنى ئاتقان، ئۇنىڭغا ئىككى يىل 10 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، كېچىكىپ ئىجرا قىلىنماقچى بولغان. مارادونا 1961-يىلى ئارگېنتىنادا تۇغۇلغان. ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇ پۇتبۇلچىلىق ھاياتىدا دۇنيا خەلقى ئۈچۈن نۇرغۇن قالتىس مۇسابىقىلەردە ماھارەت كۆرسەتكەن. بىراق 90-يىللاردا ئۇ زەھەر چېكىش، روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، پۇتبول سەھنىسىدىن ئايرىلغان. 1997-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، پۇتبول سەھنىسىدىكى چولپان مارادونا كەسپىي پۇتبول سەھنىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىدا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ تېرېنېرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

    1987-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىلىپپىندە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. سەھەردە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدىكى بازاردا تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلەر بېسىپ كىرگەن.

    1981-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، شەخسىي كومپىيوتېر ئىشخانا ۋە ئائىلىلەرگە كىرىشكە باشلىغان.

    1963-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مارتىن لۇسېر كىڭ لىنكولىن خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا 250 مىڭ كىشىنىڭ ئالدىدا «مېنىڭ غايەم» ناملىق ئۆلمەس نۇتۇقىنى سۆزلىگەن. 1929-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مارتىن لۇسېر كىڭ Martin Luther King، ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى پوپ بولۇپ، ئاپىسى مۇئەللىم ئىدى. گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىقتىسادىي سىياسىي، ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا قارا تەنلىكلەر كەمسىتىشكە ئۇچرىغان. 1995-يىلى ئۇ ئىلاھىيەتشۇناسلىقتا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ پوپ بولغان. 1955-يىلى 12-ئايدا، ساقچىلار ئاممىۋىي ئاپتوبۇستىكى ئورۇننى ئايرىش بۇيرۇقىنى سەۋەب قىلىپ، قارا تەنلىك ئايالنى تۇتۇۋالغان، بۇنى ئاڭلىغان مارتىن بىر نەچچە قارا تەنلىكلەر بىلەن نامايىس ئۇيۇشتۇرغان. پۈتۈن شەھەردىكى 50 مىڭغا يېقىن قارا تەنلىك بىر يىلدىن ئارتۇق نامايىس ئۆتكۈزگەن. ھۆكۈمەت يەرلىكنىڭ ئاپتوبۇستىكى ئورۇن ئايرىۋېتىش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز كۈچى بىلەن غەلىبە قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن 10 يىل داۋاملاشقان قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى باشلاندى. 1963 گەرچە ئۇ دۇنيادىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ غايىسى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتتى. ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 3-دۈشەنبىسى«مارتىن لۇسېر كىڭ» كۈنى. 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ، ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ رەھبىرى مارتىن لۇسېر كىڭغا ئوق تېگىپ، 39 يېشىدا قازا قىلغان.(تامام)

ئاستىدىكىنى بىسىپ ئەسلى مەنبەدىن تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ
بۈگۈنكى ناخشىلار
غولجا گاڭنام سىتاي
غولجا گاڭنام سىت...
كىرەك ئەمەس
كىرەك ئەمەس
سۆيەلمەيمەن
سۆيەلمەيمەن
ياشاۋەر
ياشاۋەر
ئانا قەدرى
ئانا قەدرى
دوستلۇق ناخشىسى
دوستلۇق ناخشىسى
قالۇرسەن
قالۇرسەن
جان ئانا
جان ئانا
بۈگۈنكى كىنولار
گۇمپا شاھى جۇشڭچ...
قىساسكار چېن جىن
قورىقماس رەقىپل...
ئەجدىرھا ئوغلى
گۇمپىكەش بودەك
شاۋلىن ۋاسكىتبو...
ئايال رازۋېتچىك
كۇرتلار ۋادىسى 17...
ئاستىدىكى ئادىرىسىنى كۆچۈرۋىلىپ دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ
  /Asar/bugun_1344.html

بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەر
تارىختا بۈگۈن [2013-1-8]
ئۇيغۇر تويلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئ...
تورداشلار جىنسى مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار...
<<قۇتادغۇبىلىك>>تىن تەرمىلەر
تارىخىدىكى بۈگۈن:29-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:28-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:25-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:24-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:23-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:22-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:21-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:20-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:19-سېنتەبىر
تارىخىدىكى بۈگۈن:14-سېنتەبىر
تارىخيدىكى بۈگۈن: 29-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 28-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 27-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 21-ئاۋغۇست
تارىخىدىكى بۈگۈن : 20-ئاۋغۇست
ھەپتىلىك ئاۋات خەۋەرلەر
ئاقيول تورى ھەققىدە | نەشىر ھوقوقى | ئىلان مۇلازىمىتى | سەھىپىلىرىمىز | مۇلازىمىتىمىز | ئالاقىلىشىڭ | يۇمشاق دىتاللار | تىلىۋىزىيە
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى AhYol.com ©2005-2012 新ICP备12002469号