ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
1991-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو شەھەر باشلىقلىرى جەمئىيىتى بېيجىڭدا قۇرۇلغان. جۇڭگو شەھەر باشلىقلىرى جەمئىيىتىنىڭ مەقسىتى:شەھەر باشلىقلىرى خىزمىتى، شەھەر ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش.
1980-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دېڭ شياۋپىڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ تارىخىي ئورنىغا باھا بەرگەن. دېڭ شياۋپىڭ ئىتالىيە مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ماۋ زېدۇڭنىڭ تارىخىي رولىغا قايتىدىن باھا بەرگەن، ئۇ مۇخبىرنىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدىكى ماۋ زېدۇڭنى رەسىمى مەڭگۈ شۇ يەردە ئېسىقلىق تۇرامدۇ دەپ سورىغاندا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:مەڭگۈ شۇ يەردە ئېسىقلىق تۇرىدۇ. بۇرۇن ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىملىرى ھەممە يەردە ئېسىقلىق ئىدى، لېكىن بۇ ماۋ زېدۇڭغا بولغان ھۆرمەتنى ھەقىقىي ئىپادىلىيەلمەيدۇ.گەرچە بۇرۇن ماۋ زېدۇڭ بەزىبىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇ كومپارتىيە ئەزاسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇنىڭ تۆھپىسى ۋە خاتالىقىنى سېلىشتۇرغاندا ئەلۋەتتە تۆھپىسى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ، ماۋ زېدۇڭنىڭ جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، شۇڭا ماۋ زېدۇڭنى پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ئورنىدا مەڭگۈ خاتىرلەيمىز.
1967-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزگە تاجاۋۇز قىلغان ئامېرىكا ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. 1966-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامېرىكىنىڭ 26 ھەربىي ئايروپىلانى جۇڭگو زېمىنىغا بېسىپ كىرگەن بولۇپ، ئېلىمىز تەرىپىدىن بېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

1959-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا ھاۋاينى 50-شىتات قىلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئېززىنخوۋېر ئىككى پارتىيە قاتناشقان ئاق سارايدىكى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا تىنچ ئوكياندىكى بۇ جەننەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ 50-شىتاتى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
1937-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتنامىسىنى تۈزگەن. بۇنىڭدا مۇنۇلار بەلگىلەنگەن:ئىككى تەرەپ ئۇرۇشنى خەلقئارا ماجرالارنى ھەل قىلىشتىكى چارە قىلىشنى ئەيىپلەش؛ يەككە ياكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ بىر-بىرىگەھۇجۇم قىلماسلىق قاتارلىقلار.
1609-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى تۇنجى دۇربۇن بارلىققا كەلگەن. ئىتالىيە ئالىمى گالىلىي ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى دۇربۇننى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇ دۇربۇن نەرسىلەرنى 32 ھەسسە چوڭايتالايتتى.(تامام)