ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
2000-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ئېرانغا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى ماي پاراخوتىدىن بەشنى ياساپ بەرگەن. داليەندىكى بىر پاراخوت ياساش شىركىتى ئېران بىلەن 30 توننا ئېغىرلىقتىكى بەش پاراخوتنى ياساش توختامىنى تۈزگەن. توختام قىممىتى 370 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ئېراقنىڭ جەنۇبىدا «ئۇچۇشنى مەنئىي قىلىش» رايونى قۇرۇشنى قارار قىلغان. ئەنگلىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش ۋەزىرى ئەنگلىيەنىڭ سەككىز ئايروپىلان ئاجرىتىپ، ئېراقتا «ئۇچۇش مەنئىي قىلىنغان رايون» قۇرۇپ، ئېراقنىڭ جەنۇبىدىكى شىئە مەزھىپىنى قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى:بۇ بىر ئىغۋاگەرچىلىك، ئېراققا ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشتىكى سەۋەب.
1984-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئېنىق خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇزۇندىن بۇيان مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىزىلىپ بولالمىغان سەددىچىن سېپىلىنىڭ تەپسىلىي خەرىتىسى سىزىلغان.
1950-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مەملىكەتلىك تۇنجى قېتىملىق تەبىئىي پەن خادىملىرى ۋەكىللەر يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلغان. 451 ۋەكىل يىغىنغا قاتناشقان. يىغىندا «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەبىئىي پەنلەر مەخسۇس جەمئىيىتى بىرلەشمىسى» ۋە «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيىتى» ۋۇجۇدقا كەلگەن.
1914-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن، ئامېرىكا كۈچلۈكلىكىنى ئانچە گەۋدىلەندۈرمىگەن، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ قەرزى ئىنتايىن كۆپ ئىدى. بىراق 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا بىردىنلا بېيىپ كەتتى. لېنىن ئېيتقاندەك ئامېرىكا ئىلگىرىكى قەرزگە بوغۇلغان دۆلەتتىن باشقا دۆلەتلەرگە قەرز بېرىدىغن دۆلەتكە ئايلاندى. شۇ ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيادىكى 20 نەچچە دۆلەت ئامېرىكىغا قەرز ئىدى. 1-دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، ياپونىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق ئاساسلىق دۆلەتلەر بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ زور پايدا ئالماقچى بولدى، ئامېرىكىنىڭمۇ قاتناشقىسى بار ئىدى، بىراق ئامېرىكىنىڭ يەنە باشقا پىلانى بار، يەنى ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەر ئۇرۇشۇپ ھالسىزلانغاندا، ئوتتۇرىدىن پايدا ئالماقچى بولغان، شۇڭا 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ ئورۇندا تۇرغان.(تامام)