ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
1999-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدە 7.4 بال يەر تەۋرەپ، 18 مىڭ كىشى قازا قىلغان. تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر ئىزمېردا قاتتىق يەر تەۋرەپ، بىۋاستە زىيان 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولدى. 17مىڭ 997 كىشى قازا قىلغان. 42 مىڭ 442 كىشى يارىلانغان. 600 مىڭ كىشى ئۆيسىز قالغان.
1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كىلىنتون مونىكا لىۋىنىسكى بىلەن نامۇۋاپىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كىلىنتون پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تېلېۋىزىيە نۇتقى ئارقىلىق ئۆزى بىلەن لىۋىنىسكىنىڭ جىنسىي سەتچىلىكى بارلىقىنى، پۈتۈن مەملىكەت ئاممىسىدىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقى ئېيتقان. لىۋىنىسكى 1990-يىللاردا ئامېرىكا ئاق سارايدا ئىشلىگەن.
1992-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلغان. بۇ ئورتاق گەۋدىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى:ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭپۇڭ، ئادىل بولغان ئاساستا ئېچىۋىتىلگەن ئىقتىساد قۇرۇپ، ئۆز ئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىش.
1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېراق ئېراندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن ھەمدە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قويۇپ بەرگەن. 17-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئېراق ئىگىلىۋالغان ئېران زېمىنىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قويۇپ بەرگەن. ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ تۇتۇۋالغان ئەسىرلار 100 مىڭغا يېقىنلىشاتتى. ئېراق كۈۋەيتكە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە خەلقئارالىق جازاغا ئۇچرىغاچقا، ئېران بىلەن چېگرا زىددىيىتىنى ھەل قىلىپ، ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلغان.
1968-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، نېگىرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاچارچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىققان. نېگىرىيەدە ئاشلىق توشۇشنى توسىۋالغاچقا، نېگىرىيەدىن ئايرىلىپ چىقماقچى بولغان بىئافرادىكى خەلق ئاچارچىلىقتا قالغان.

1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي ئافرىقىدا 11 يېڭى دۆلەت بارلىققا كەلگەن. بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا سەككىز يېڭى دۆلەت ئافرىقا زېمىنىدا بارلىققا كەلگەن. داھومېئان، نېگىرىيە جۇمھۇرىيىتى، يۇقىرى ۋولتا جۇمھۇرىيىتى، پىل چىشى قىرغىقى، چاد جۇمھۇرىيىتى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، كونگو جۇمھۇرىيىتى، گابون جۇمھۇرىيىتى، سومالى ۋە ماداغاسقار قاتارلىقلار.(تامام)