ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
”ئەسلىدە دۆلەت ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئالى مەكتەپ ئەمەسكەن“
خارۋارد ئۇنۋېرسىتىدا لېكسىيە سۆزلىگەندىن كېيىن، مەن بۇ ئۇنۋېرسىتىتىكى ئۈگىنىش كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى قۇيۇقلۇقى ھەققىدە بىر پارچە تەسىرات ماقالىسى يازدىم. ماقالام ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى ماڭا ئېل خەت ئەۋەتىپتۇ. ئۇ خېتىدە مۇنداق دەپتۇ: خارۋارتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھايىتى قىزغىن مۇنازىرە قىلىدىغىنى ئەمىليەت، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇنازىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، لېكىن ئۇلارغا ئامال يوق، چۈنكى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق تەلەپ قويىدۇ: ئەگەر مۇنازىرىگە قاتناشمىسىڭىز دەرسكە يېتىشەلمەسلىكىڭىز مۈمكىن.
ئۇنىڭ ماڭا دىمەكچى بولغىنى ئالى مەكتەپنىڭ ئۈگىنىش كەيپىياتى ئوقۇچىلارنىڭ ئاڭلىقلىغىدىن ئەمەس، بەلكى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇشىدىن، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشىدىن شەكىللىنىدۇ. ماسساچۇسىست تېخنىلوگىيە ئىنىستوتى(قىسقارتىپ MIT دىيىلىدۇ)دا ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ماڭا دىيىشىچە، ئۇ خەلقارالىق ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىپتۇ. بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ھەر مەۋسۈمدە 10 پەننى تاللاپ ئۈگەنسىمۇ چاتاق چىقمايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ چۈنكى ئوقۇغۇچىلار مەۋسۈم ئاخىرىدا ئىمتىھاندىن ئۆتسىلا بولىدىكەن، باشقا تەلەپ يوقكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچى ئالى مەكتەپ ھاياتىنى ئاساسەن ئەپلەپ سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزسىلا بولىدىغاندەك ھىس قىپتۇ.
يەنە بىر ئوخشاشلا بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى بۇنداق ئەپلەپ سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزسە ئۆزىگە بەكلا يۈز كېلەلمەيدىغىنىنى ھىس قىلىپ ماسساچۇسىست تېخنىلوگىيە ئىنىستوتىدا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىپتۇ. بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ھەر مەۋسۈمدە پەقەت بەشلا پەننى تاللاپ ئوقۇسىمۇ ئۆزىنى ناھايىتى ئالدىراش ئۆتۈۋاتقاندەك ھىس قىپتۇ، چۈنكى ھەر بىر دەرستە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن كەڭ دائىرىدە كىتاپ ئوقۇشنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا، يەنە بەزى دەرسلەردە چوقۇم كۆپ مىقتاردا تەجىربە ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئازراقلا بوش تۇرسا دەرسكە يېتىشەلمەيدىكەن. بۇ ئوقۇغۇچى ماڭا بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئالى مەكتەپتىن بەكمۇ ئۈمىتسىزلەنگىنىنى، MIT غا كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئوقۇغىنىنىڭ ئالى مەكتەپكە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
يېقىندا دۇنيادىكى بىر قانچە داڭلىق ئۇنۋېرسىتىتنىڭ توردىكى ئۇچۇق دەرسى دۆلەت ئىچىدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ۋە ئاق ياقىلىقلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دەرسلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئوقۇغىنىنىڭ ئالى مەكتەپ ئەمەسلىگىنى ھىس قىلىشتى. بۇ خىل ھىسىيات ھېلىقى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھىس قىلغانلىرىغا بەكمۇ ئوخشايدۇ.
مەكتەپ ئورۇننى قانداق بەلگىلىسە، ئۇسلۇبى قانداق بولسا بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە مەكتەپنى قىزغىن سۆيدۈرەلەيدۇ، مەكتەپكە سىڭدۈرەلەيدۇ، لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى ئالى مەكتەپلەر ناھايىتى ياخشى بىر ئوقۇغۇچىنى ئەپلەپ سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئەگەر پەرق بار دىيىشكە توغرا كەلسە دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئالى مەكتەپلەر ۋە چەتئەللەردىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ پەرقى دەل مۇشۇ يەردە. بۇ مەكتەپلەرگە قانداق يىتىشىۋېلىش توغرىسىدا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇچىلارنىڭ تەسىراتى بەكمۇ چوڭقۇر، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى ئالى مەكتەپلەر چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار.
《新纪实》 گېزىتىنىڭ 2011-يىللىق 16-سانىدىن ئاقيول تورىغا تەرجىمە قىلىندى.