ئاقيول تورىنىڭ خەۋىرى:
كىشى بىلەن كىشىنىڭ زور پەرقى بار ، بۇ پەرىق بىلىمىدىلا ئىپادىلىندۇ .
چىن كىشىنىڭ بەلگسى ئادەمگەرچىلىك قىلىشتۇر .
بىلمەيدىغان كىشىلەرنى بىلەي دېسەڭ ، تونۇشلىرىنى سورا .
راھەت بىلەن مۇشەققەت ياندىشىپ كېلىدۇ .
ۋاپا كىشى ئۇچۇن ئادىمىيلىكنىڭ بېشىدۇر .
دۇشمىنىڭ قانىچىلىك بولسمۇ ، ئۇنى چوڭ دەپ بىل .
سۆزىنى ئاڭلا ، لېكىن ھەممىسىنى كۆڭلۇڭدە تۇتما .
ئىنسان بالسىنىڭ قەدىر قىممىتى بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن بولىدۇ .
ياخشى كىشى دوسلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەۋزىلدۇر ، ياخشى ئىشىلارنىڭ ئەۋزىلىدۇر .
بىلىم كۆڭۇلنىڭ چاڭ - توزىننى تازلىغىچىدۇر .
ئىنسان كېكەچ بولسىمۇ بىلىم ئالالايدۇ .
بىلىملىكنىڭ سۆزى بىلىمسىزگە كۆزدۇر .
سۆزنى ئۆز قەدىرىڭگە لايىق سۆزلە .
پايدىسى بولمىغان كىشى ئەل ئارسىدىكى ئۆلۇكتۇر .
تۇغۇلغان ئادەم ئۆلىدۇ ، سۆزى بەلگە بولۇپ قالىدۇ .