ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش

ئېلىكتىرۇنلۇق بۇيۇملار

يانفۇن بازىرى

ئىسلامچە كىيىملەر

بالىلار كىيىملىرى

ئەرەنچە كىيىملەر

ئاياللار كىيىملىرى

تەۋسىيەلىرىمىز:

ئـېــــلان چــولــپـانـلار كـومپىيۇتـېر كىـتابـــلار پىـلاستىنكا كـارخانىلار شىنــجـــــاڭ ئـويـۇنــلار باش بــەت
كۆزنــەك مـەشــھـۇرلار دىــتــالـــلار يـــۇمــۇلار ســـەنئــەت تۆھپىكارلار مــــەملىكـەت ئـۇچــۇرلار نــاخشىلار
تــەۋسىيە تـــــــارىخ ئــۈگــېنـىش تـەنتەربىيە كــۈلــكــە ئىــقتىسـاد خـــەلىقئــارا رەسىمـلـەر كـىنــولار
ئـۇلېـنىش ئىختىساسلىقلار تېـلېۋىزىيــە تور بازىـرى سـاغلاملىق مــائــارىـپ قىززىق نۇختا سەنئەت يۇرتى MTVلـــار
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >>تەنتەربىيە >>
مارادونا قىزىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ يىغلىدى ____ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى مەغلۇبىيەت
يوللىغان ۋاقىت:2010-07-26 23:33:56  يازغۇچى:ئاقيول  كىلىش مەنبەسى:ئەلكۇيى تورى  كۆرۈش سانى:


4:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، ماراودونا كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە قايتىپ قايغۇرۇپ يىغلاپ كەتكەن، ئېنىقكى ئارزۇلىرىنىڭ بەرباد بولىشى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېغىر كەلگەن.

 

توپچىلار مەيداندىن چۈشىۋاتقاندا مارادونا يەنىلا توپچىلارغا ئىلھام بەرگەن ۋە ئالاھىتەن ئازابلىنىۋاتقان مىسسىغا تەسەللى بەرگەن، شۇنداقتىمۇ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن، يەنىلا ئۆزىنى تۇتالماي كۆز يېشى قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، مارادونا خېلى بۇرۇنلا بىر قېتىم ياش تۆككەن، كىيىم يۆتكەش ئۆيىگە ماڭىدىغان يولدا مارادونا ئالدىدىن كەلگەن قىزىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، قايغۇلۇق ياش تۆككەن، دەل مۇشۇ پەيتتە، گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى رېف بۇلارنى كۆرۈپ قالغان.... ئارگىنتىنا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گروندو ۋە تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بىلار  مارادونا ۋە كوماندا ئەزالىرىغا تەسەللى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن كوماندىنى ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى قاپلاپ كەتتى.

 

مارادونا ئادەتتىق تاشقىرى ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەچكە، ئەسىلىدە گېرمانىيە كوماندىسىدىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچماقچى بولغان ئارگىنتىنا كوماندىسى يىغىننى كېچىكتۈردى. مارادونا يېرىم سائەتتىن كېيىن زالغا كىردى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ كەيپىياتى خېلىلا بېسىلىپ قالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ مۇسابىقىگە بولغان قاراشلىرىنى بايان قىلىپ:"نومۇر پەرقى مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، نومۇر پەرقى ھەرگىزمۇ مېنىڭ كوماندا ئەزالىرىمغا بولغان پەخىرلىنىش ھىسياتىمغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. مەن يىگىتلەرنىڭ داۋاملىق ئۆز-ئۆزىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشىنى، داۋاملىق ئېسىل بولغان ئارگىنتىنا توپلىرىنى تېپىشىنى، سۆز-چۆچەكلەرگە ئىشەنمەسلىكى ۋە ئۇرۇشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن." دېدى.

 

مارادونا بۇندىن بۇرۇن مەيلى مۇسابىقە مەيدانىدا بولسۇن، ياكى مەشىق ۋاقتىدا بولسۇن، ئىزچىل كىشىگە ھەيۋە كۆرسىتىۋاتقاندەك، كاج مىجەز تەسىر بېرەتتى، ئۇنىڭ خاراكتېرىمۇ ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ يەنە بىرخىل ئىپادىسى، لېكىن مەغلۇبىيەت ئالدىدا مارادونا ئۆزىنىڭ ئاجىز تەرىپىنى ئاشكارىلىدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستىپا بېرىش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ:"50 يىللىق ھاياتىمدا مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئازابلىق پەيتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، شۇنچە كۆپ مۇنەۋۋەر توپچىلار، مۇنەۋۋەر خەلق، مۇنەۋۋەر خىزمەتداشلار ئالدىدا، مەن ئۆزۈمنى قويغىدەك يەر تاپالمايۋاتىمەن، شۇ تاپتا مېنىڭ ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا ماغدۇرۇم يوق. مەيلى تېرىنېر بولاي، مەيلى توپ تېپەي، مېنىڭ توپقا بولغان تونىشىم باشتىن-ئاخىر ئالغا بېسىش، ھۇجۇم قىلىش، ئەزەلدىن ئارگىنتىنا پۇتبولچىلىقىنىڭ قائىدىسىگە بويسۇنۇشنى ئويلىمىغان. بەلكىم مەن ئەتىلا ئىستىپا بېرىشىم مۇمكىن." دېدى.

 

بەلكىم، بۇندىن بۇرۇن مارادونانىڭ روھلۇق قىياپىتى ۋە ھەمىشە ھەيۋە قىلىدىغان مىجەزى بولغاچقا، بىز ئۇنىڭ قېرىلىقىغا سەل قارىغان بولىشىمىز مۇمكىن. لېكىن 4:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈنلەي مەغلۇب بولدى. ئۆزىنىڭ ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، مارادونانىڭ بۇ قېتىمقى كوماندىنى باشلاپ دۇنيا لوڭقىسىنى بويسۇندۇرۇش سەپىرىگە ئىنتايىن ئاجىز ئاھاڭدا، خىرە چېكىتتىن بىرنى قويۇپ قويدى.

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/show.php?itemid=214
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
{tag_网站首页图片新闻列表}
 
 
 
تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
Ahyol.com © 2010 E-Mail:info@pakyar.net.TeL:13279990535 , 13399999723
ئەسكەرتىش: ئاقيول تور بېكىتى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەقسىتى ياخشى ناخشىلارنى ۋە ناخشىچىلارنى توردا تەشۋىق قىلىش، ئەسلىي پىلاستىنكىنى سېتىۋېلىپ
 (13279990535)ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز 24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈپ تاشلايمىزxئاڭلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز

24 سائەت مۇلازىمەت تېلىفونى : 0999-8096620 ، تېخنىكىلىق مەسىلىلەرگە يولۇقسىزڭىز : 13279990535 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

QQ : 164340765(HIKMET)      ,    QQ :1254742268 (AHYOL)

پۈتــــــــــۈن كۈچىــــــــمىز بىلــــــــــەن مۇقۇمــــــــــلۇقنى قوغــــــــــداپ ئىــــــــــناق شىــــــــــنجاڭ بــــــــەرپا قــــــىلايلى

تور ساقچىسى

بېخەتەر تور بېكەت

پاش قىلىش

新ICP备10000119号