
ئامېرىكىدىكى بىر شېركەت يېڭىدىن بىر خىل تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ ئايرۇپىلان ناھايىتى قىسقا ۋاقى ئىچىدە تۆت چاقى ئارقىلىق ھەركەتلىنەلەيدىغان ماشىنىغا ئۆزگىرەلەيدىكەن.ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرى بۇ خىل يېڭى تىپتىكى قورالنى ئىشلىتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ،بەلكىم كەلگۈسىدىكى جەڭ مەيدانلىرىدا ئەمەلىيەتكە ئايلانغان «ئۆزگىرىشچان ۋاجىرا» نى كۆرگىلى بولىشى مومكىن.

بۇ خىل ئايرۇپىلاننى تېكساس AVXئايرۇپىلان شېركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، قىسقىغىنا بىر مىنوت ئىچىدىلا تۆت چاقى سۆرەيدىغان ماشىنا ۋە تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ئوتتۇرسىدىكى ئۆزگىرىشنى تاماملاپ بولالايدىكەن.