
23 - ئىيۇل بېلگىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر لىبۇلامېڭدا يىلدا بىر قېتىم يېزا - ئىگىلىك كۆرگەزمىسى ئېچىلىدۇ ، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ خوجايىنلىرى بۇ كۆرگەزمىدە ئۆزىنىڭ كالىلىرىنى << گۈزەللەرنى تاللاش >> مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرىدۇ . بۇ يېزا - ئىگىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ۋاقتى بەش كۈن بولۇپ ، ئارلىقتا گۈزەل كالىلارنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ ، دېھقانچىلىق مەيدان خوجايىنلىرى ئۆزىنىڭ ئەڭ سېمىز ، چىرايلىق كالىلىرىنى قاتناشتۇرىدۇ .

بۇ خىل كالىلارنىڭ رەڭگى ، تېرىسى ۋە ساغلاملىقى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ ، بۇ باھالاش كومىتېتىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە چېمپىيون تاللاپ چىقىلىدۇ . ھەر يىلى بىر يىللىق چولپان تاللاپ چىقىلىدىغان بولۇپ ، بۇ << چولپان >> مۇ ھايات بولسىلا ، كېلەر يىلى يەنە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ .