
سائەت 8دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى 24 - ئىيۇل تېلېگراممىسى ، جۇڭگو دۆلەتلىك يەر تەۋرەش ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچىشىگە ئاساسلانغاندا ، 24 - ئىيۇل سائەت 6 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ، مىنىداناۋ ئارىلىغا يېقىن دېڭىز ساھىلىدا ( شىمالىي كەڭلىك 6.5 گرادۇس ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 123.6 گرادۇس ) يەر تەۋرەپ ، دەسلەپتە 7.2 بال ، كېيىن 7.1 بار يەر تەۋرىگەن ، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 590km غا يەتكەن .
8دىن 41 مىنىۇت ئۆتكەندىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مانىلا 24 - ئىيۇل تېلېگراممىسى ، ئامېرىكا يەر سۈپىتىنى چارلاپ - تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۆلچىشىگە ئاساسلانغاندا ، فىلىپپىننىڭ مىنىداناۋ ئارىلىغا يېقىن دېڭىز ساھىلىدا 24 - ئىيۇل 6 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە 7.4 بال ناھايىتى قاتتىق يەر تەۋرىگەن .
يەر تەۋرەش مەركىزى مىنىداناۋ ئارىلى گىدباتو شەھىرى بىلەن 115m يىراقلىقتىكى مورونى دېڭىز قولتۇقى رايونى ئىكەن ،بۇ دېڭىز سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 575.6km بولۇپ ، مىنىداناۋ ئارىلىنىڭ كۆزى ھېسابلىنىدىكەن . يەر تەۋرەش يەنە پاجىدىئەن ۋە كلورنادا قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ يۈر بەرگەن ئىكەن .
فىلىپپىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ۋە يارىلانغان كىشىلەر ۋە زىيانغا ئۇچرىغان مال - مۈلۈكلەر توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن . ھەتتا يەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ۋە يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارماقلىرىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن .
فىلىپپىننىڭ ئورنى تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يەر تەۋرەش بەلۋېغىغا جايلاشقان بولۇپ ، بۇ جاي دۇنيا بويىچە ھەرىكەتچان يەر تەۋرەش ناھايىتى ئەۋج ئالغان رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن .
سائەت 7دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندىكى شىنخۇا تورى تېز تېلېگراممىسى ، ئامېرىكا يەر سۈپىتىنى چارلاپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا 24 - ئىيۇل ناھايىتى قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بولۇپ ، ئايرىم - ئايرىم 7.3 بال ۋە 7.4 بال دەپ خەۋەر قىلدى ، نۆۋەتتە يارىلانغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق ئىكەن .
سائەت 6 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندىكى شىنخۇا تورى تېز تېلېگراممىسى ، ئامېرىكا يەر سۈپىتىنى چارلاپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى فىلىپپىننىڭ مىنىداناۋ ئارىلىدا 24 - ئىيۇل سائەت 7 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 6.9 بال ۋە 7.3 بال يەر تەۋرىدى دەپ خەۋەر بەردى .
يۇقىرىدىكى يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ۋاقتى ۋە يەر تەۋرەش ئىستانسىسىلىرى ئوخشىمىغاچقا مۇقەررەر ھالدا نەتىجىدە پەرق چىققان ، ئەمما پەرق كۆرۈنەرلىك چوڭ ئەمەس ئىكەن .