ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن ئاقيول توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ شىئىرلار كومپيۇتېر چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار مىراسلار قانۇنلار تاماششا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى ئىكرانى MTV خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى جۇغراپىيە تائاملىرىمىز ئىقتىساد تور ئويۇنلىرى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا ئەسەرلەر
ئاۋازلىق ئەسەرلەر مەشھۇرلار تارىختا بۈگۈن قىزىق نۇقتا بوكىسلار غەلىتە ئىشلار تېلېۋىزىيە مۇنبەر
| كىنو چولپانلىرى | شىنجاڭ چولپانلىرى | ئامىرىكا - ياۋرۇپا | يـاپـۇن - كورىيە | جۇڭــگـــو چولپانلىرى | ئىنتىرنىت كومپىيۇتىر | تەيۋەن-شىاڭگاڭ | ھىندىستان چولپانلىرى | تەنتەربىيە چولپانلىرى  
ئورنىڭىز:چولپانلار >> تەنتەربىيە چولپانلىرى >>

شىرئەلىجان مۇختەر

http://kuy.cn/qolpan/pic/2012/08/15/201208151108007478.jpg41308small.jpg http://kuy.cn/qolpan/pic/2012/08/15/201208151108007478.jpg73369small.jpg http://kuy.cn/qolpan/pic/2012/08/15/201208151108007478.jpg29294small.jpg
http://kuy.cn/qolpan/pic/2012/08/15/201208151108007478.jpg21460small.jpg http://kuy.cn/qolpan/pic/2012/08/15/201208151108007478.jpg40332small.jpg http://kuy.cn/qolpan/pic/2012/08/15/201208151108007478.jpg41775small.jpg
http://kuy.cn/qolpan/pic/2012/08/15/201208151108007478.jpg62376small.jpg
شىرئەلىجان مۇختەر 1991 – يىلى 4 يانۋار قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا ئاپىسىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ۋاسكىتبولغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغان.      2004 – يىلى شىنجاڭ تەنھەرىكەت ماھارەت مەكتىپىنىڭ ۋاسكىتبول كەسپىگە قوبۇق قىلىنغان. 2007 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى مەشىق 1 – ئەترىتىنىڭ ۋاسكىتبول كوماندىسىغا، 2008 – يىلى شىنجاڭ گۇڭخۇي كوماندىسىغا تاللانغان. ئۇنىڭ باسقان ئىزلىرى، يېقىنقى ئىپادىسى ۋە جاڭ شىڭچۈەن تېرنېرنىڭ باھاسىدىن قارىغاندا، توپ مەستانىلىرى قويۇۋالغان ‹‹كىچىك ئادىلجان›› دېگەن لەقەمگە مۇناسىپ كېلەلىگىدەك لاياقەتلىك تەنھەرىكەتچىگە ئايلىنىپ، كوماندىدىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆز زىممىسىگەئالالىشىدىن ئۈمىد بار. شىرئەلىجان مۇنداق دەيدۇ: ‹‹بۇ مۇسابىقە پەسلى يىڭى باشلانغاندا، ئىپادەم ئانچە ياخشى بولمىدى، پۇرسەت كەلمىسىمۇ ھۇجۇم قىلدىم. جاڭ چىڭپىڭ بىلەن دۇبى ماڭا مۇنداق دەيتتى: ‹سەن ئەدەتتە مەشىق قىلغاندا، شۇنداق دەل ئاتىسەن، كۆپ كىرگۈزىسەن، مۇسابىقىدە نېمىشقا يۈرەكلىك ئاتمايسەن؟› مانا مەن ھاىر ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلىۋاتىمەن.›› ھەرقانداق بىر كوماندا مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجە قازىنىمەن دەيدىكەن، چەت ئەلدىن تەكلىپ قىلىنغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتىن سىرت يەنە ئۆز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۆپلەپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ھازىر شىنجاڭ گۇڭخۇي كوماندىسىدىكى شىر ئەلىجان مۇختەر، مەۋلان تۇرسۇن، مۇرات ئادىل، مەردان تۇرسۇن، كېرەمبېك ماكەل قاتارلىق ئۆز دىيارىمىزدىن يېتىشىپ چىققان ماھىرلىرىمىزنىڭ تېخنىكا سەۋىيىسى تېز ئېشىپ، مۇسابىقە تەجرىبىسى موللىشىپ، ئېغىر ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغىدەك سەۋىيىنىن ئاساسەن ھازىرلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، شىرئەلىجاننىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئۇنى تېزلا ‹‹ئايىقى چىققان بالا›› دېيىشكە بولىدۇ.      شىرئەلىجان مۇختەر 2008 –، 2009 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ گوڭخۇي كوماندىسىغا تاللىغان. ئۇ مۇداپىئە ئوينايدۇ، سۈرئىتى تېز، پارتىلاش كۈچى ياخشى، ئۈچ نومۇرلۇق توپ تېخنىكىسى يامان ئەمەس. تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇ مەيدانغا چۈشۈرۈلمىگەن. كېيىنچە پات – پات مەيدانغا چۈشۈپ، كوماندىنىڭ ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ چىقارغان ھەمدە مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى بارغانچە ياخشىلىنىپ تۇراقلاشقاندىن كېيىن، 2009 –، 2010 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە يېڭى ماھىرلارنىڭ جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىغا قاتناشقان. 2010 –، 2011 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، شىرئەلىجاننىڭ ئىپادىسى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ، ھۇجۇم تەشكىللەش ۋە ئاكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئىقتىدارى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئاخبارات ۋاستىلىرى شىنجاڭ گۇڭخۇي كوماندىسىنىڭ ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدىكى ئۇتۇقلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، ھامان شىرئەلىجاننىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 5 – يانۋاردىكى تيەنجىن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، شىرئەلىجان مەيدانغا چۈشكەن 25 مىنۇت ئىچىدە 30 نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ۋاسكىتبول ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىپ، ئۆز كوماندىسىنىڭ 95 كە قارشى 114 نومۇر بىلەن غەلبە قىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقاردى. ‹‹بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىز دۇبىدىن مۇداپىيە كۆرۈش ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن شىر ئەلىجانغا سەل قاراپتۇق ...›› تىيەنجىن كوماندىسىنىڭ ئەزاسى شۇنداق دېدى.      12 – يانۋاردىكى جېجياڭ گۇڭشيا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، شىرئەلىجان 23 نومۇرغا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئىككىنچى يۇقىرى نومۇرنى بارلىققا كەلتۈردى. ‹‹شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۈگۈنكى غەلبىسىنى كوماندىدىكى بىر ياش تەنھەرىكەتچىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇ – ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن مۇداپىيەچى شىرئەلىجان. ئۇنىڭ تاشلىسا چۈشۈۋاتقان ئۈچ نومۇرلۇق توپىغا قاراپ، نەق مەيداندىكى قارشى تەرەپ توپ مەستانىلىرى ھەيراق قىلىشتى: ‹بۇ كىم ئەمدى؟›، ‹نىمانداق ئاتسىلا چۈشىدۇ›....››ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى شىرئەلىجاننىڭ تەرىپىنى قىلىشتى.2010 –، 2011 – يىللىق مۇسابىقە پەسلى شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرى ئۈچۈن ھاياجان ۋە ئىپتىخارلىققا تولغان بىر پەسىل بولدى. ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك CBA ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدا ئۇدا 2 – بولغان شىنجاڭ گۇڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۆز ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇدا 17 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە 20 يىللىق CBA تارىخىدا ‹‹ئۇدا غەلبە قىلغان مەيدان سانى ئەڭ يۇقىرى كوماندا›› رېكورتىنى ياراتتى. شىنجاڭ گۇڭخۇي كوماندىسىنىڭ بۇنداق چوڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشى كوماندا كەسپىي سەۋىيىسىنىڭ تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ ئاقيول تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق ناخشا مۇزىكا،كىنو،ئەسەرلەر توردىن يىغىۋىلىنغان.ئەگەر نەشىر ھوقوقىڭىزغا دەخلى يەتكەن بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ،تىزلىكتە ئۆچۈرىمىز.
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
AhYol.com ©2011 E-Mail:365735538@qq.com 新ICP备12002469号 QQ:365735538
ئالاقە تېلىفون : 18097975477 8247071-0998 & 365735538:QQ