ئابلاجان يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئابلاجان ئۇسلۇبى ۋە ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىدىن كۆرۈنۈشلەر

ئابلاجان ئۇسلۇبى ۋە ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىدىن كۆرۈنۈشلەر

ۋاقتى: 2015-12-03 ئاۋاتلىقى: 2743 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئابلاجان يانبىلوگى كونا خەۋىرى:
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، يېڭى يىپەك يولى تالانتلىق ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ شىنجاڭدىكى ئايلانما ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنىڭ قاراماي پونكىتى باشلاندى.
شىنجاڭدىكى ئەڭ تەسىر قوزغاۋاتقان مودا ناخشا چولپىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئابلاجان ئاۋۇي ئايۇپ قارامايدىكى قوللىغۇچىلىرىغا بىر مەيدان ناھايىتى كاتتا ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئېلىپ كەلدى.
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ يالغۇز ناخشا ئېيتىپلا قالماي، يەنە ئابلاجان سىتۇدىيەسىدىكى ئۇسۇلچىلار ئويۇن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىۋەتتى.
شۇ كۈنى، ئابلاجاننىڭ باشقا دوستلىرىمۇ نەق مەيدانغا كېلىپ، پائالىيەتنى تېخىمۇ ئەۋجكە چىقاردى. شىنجاڭ سېرىك شاھى ئەنۋەر ئازات، Gangsamosa نىڭ قۇرغۇچىسى؛ رەپ ئېيتىش چولپىنى Young Zenjir؛ پاكىستان رەپ ئېيتىش چولپىنى Asaed Kamal Khan؛ كىچىك چولپان شېرىنئاي قاتارلىقلار قارامايدىكى كۆرۈرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ ئېسىل نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلدى.
قەلبنى لەرزىگە سالغۇچى ناخشىلار، ئادەمنى ھاياجانغا چۆمۈلدۈرىدىغان ئۇسۇللار... ئابلاجان ئۆز ئۇسلۇبى ئارقىلىق دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلدى.
كىچىك پىچىنە سىتۇدىيەسى پۈتكۈل پائالىيەتكە ئەگىشىپ، ئابلاجاننىڭ قاراماي ناخشا كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىپ، پەردە ئارقىسىدىكى «سىرلار»نى ئاشكارىلىۋەتتى.
ئابلاجاننىڭ ئۈچىنچى پىلاستىنسىكى «شاھزادە» پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا تارقىتىلىشقا باشلىدى. بىر يېرىم يىللىق تىرىشىش نەتىجىسىدە ھازىرلانغان 16 تال ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى ناخشىلار ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا ماس كېلىدۇ. بۇ پىلاستىنكا ئابلاجاننىڭ سەنئەت ھاياتىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرگۈسى.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ نازارەتچىلىكىدە يېزىلغان بولۇپ، بارلىق يازما، رەسىم، ناخشا ۋە باشقا ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ تولۇق ماقۇللۇقى بىلەن يوللانغان، خالىغانچە رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى