ئابىدە

ئىنسان ياشىغانكەن ئىز قالدۇرۇشى كىرەك!
    <<  مەشھۇر ئاسترونوم ئۇلۇغبەگ | باش بەت | ئاتا-ئانىغا قىلىشقا بولمايدىغان 10 ئىغىز سۆز  >>
  • باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماڭ

    2011-04-30

    تۈرى:ئۇنۋىرسال تېمىلار

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/124325248.html

    باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماڭ

    سېغىزخان ئۇۋا ياساپتۇ. قوشنىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىپتۇ.
    قۇشقاچ: ناھايىتى چىرايلىق بوپتۇ، بىراق ئوت چۆپنى بەك قېلىن يېيىۋېتىپسىز دەپتۇ.

    شاتۇتى: ئۆيىڭىز ناھايىتى پۇختا بوپتۇ. تاش بىلەن يەنە ئازراق پۇختىلىۋاتسىڭىز، تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپتۇ.

    قاغا: ئۆيىڭىز ناھايىتى ئىسسىق بوپتۇ. بىراق ئۆيىڭىزنى بۇ يىل مودا بولۇۋاتقان قارا رەڭدە سىرلىۋەتسىڭىز، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپتۇ.

    سېغىزخان ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرۈپتۇ.

    قىش كەلگەندە، سېغىزخان ئۇۋىسىدا توڭلاپ ھېچ ياتالماپتۇ. ھەتتا سوغۇق شامال كەلگەندە كىچىك تاشلار بوشىشىپ سېغىزخاننىڭ پۇتىنى يارىلاندۇرۇپتۇ. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، كىچىك بالىلار سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىنى ھەرە ئۇۋىسىغا ئوخشىتىپ، ئارام بەرمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سېغىزخان ئامالسىز يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىپتۇ.

    ھېكمەت: باشقىلارنىلا ئويلاش تۇرمۇشنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سىز مۇستەقىل بولۇشىڭىز، باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماسلىقىڭىز ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش بىلەن مۆلچەرلەشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك.

    مەنبە : تىببى ئۇلىنىش تورى


    历史上的今天:

    مەھمۇت سىجاڭنىڭ چەتكە چىقىپ كىتىشى 2011-04-30
    يېڭى دەۋىردىكى ‹‹دېھقان بولماق تەس›› 2011-04-30
    ئۇيغۇر قانداق مىللەت؟ 2011-04-30
    مەدەنىيەتنىڭ بىر قانىتى 2011-04-30
    ئـانـا 2011-04-30

    收藏到:Del.icio.us




    Tag:باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنماڭ
    ئادىرىسى:
    abeda يوللىغان15:14:00 | 编辑 | 分享 0


  • RSS 什么是RSS?
    用IM提醒我内容更新
    订阅到QQ邮箱
    订阅到鲜果阅读器
    订阅到Google阅读器
    订阅到抓虾阅读器
  • 《城客》第四期:创意之城
    博客大巴
    博客大巴使用指南
    博客大巴模板中心
    免费注册博客大巴
    一键博客搬家工具
    中文互动杂志城客

بىزنىڭ بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ ! ئۇسلۇب گۈزەللەشتۈرگۈچى