بۈگۈن

بۈگۈنكى ئاياللار

نىكاھ ۋە ئائىلە

بالىلار مائارىپى

ئۆرپ-ئادەتلەر

تىل ئۆگىنىش ئەتراپىمىزدا

كۆڭۈلدىكى سۆز

تاغدىن-باغدىن

تارىختىكى ئاياللار

يىگىتلىك

بالىلار ئەدەبىياتى

مەشھۇر شەخسلەر

تېببىي مەسلىھەت

شېئىرلار

دوست-مۇھەببەت

ناخشا-مۇزىكا

قىزلارغا سۆز

ئەرلىك جاسارىتى

چوڭلارغا سۆز

مەدەنىيەت

پىسخىكا دوختۇرى

ھېكايە-نەسىر

ئەدەبىي ئۇچۇرلار

يۇمۇر-لەتىپىلەر

ئانىلىرىمىز ئاتىلار سۆزى

بالىلار ئويۇنلىرى

ھويلا-ئارام مومامنىڭ شىپاسى راست ئىشلار

تەنقىد-ئوبزور

رەسىم-سۈرەتلەر

ئۆرپ-ئادەتمەشھۇر شەخىسلەر ھويلا-ئارام مەدەنىيىتى تىل ئۆگىنىش مەدەنىيەت
باش بەت

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-03 16:10 مەنبەسى: 7QIZ.com ئاپتورى: مەرۋەرى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپە

 

ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم بەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى  ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم،تالانتلىق ئەدىب،تۆھپىكار مائارىپچى. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28- كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشىھەدكە تۇتاش باغئرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دىنىي تەربىيىنى قىسقا مۇددەت ئالغاندىن كپيىن، 1950- يىلىغىچە نەزەرباغدىكى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىدا 4يىل ئوقۇغان. 1950 -يىلى غەربى شىمال ياشلاربىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. يىغىندىن كىيىن شىئەن، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ئىكىسكۇرسىيىدە بولغان ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ بىئو- خىميە فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1952- يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان، شۇيىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. مەكتەپتە بىر تەرەپتىن ئۆسۈملۈكلەرفىزىئولوگىيىسى، ئۆسۈملۈكلەر پاتالوگىيىسى، ھاشاراتشۇناسلىق قاتارلىق دەرىسلەرگە تەرجىمان ئوقۇتقۇچى بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن فىزىكا، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە ۋە ئاگرونومىيە سىنىپلىرىغا ماركسىزم ئاساسلىرىپەلسەپە دەرسلىرىنى ئۆتىگەن. 1953- يىلى ئۇ شىئەندىكى غەربىي شىمال ئونۋېرستېتىنىڭ ماركسىزىم ئاسپىرانتورىيىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ بىريىل بىلىم ئاشۇرغان. ئاسپىرانتورىيىنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ماركسىزم كافىدىراسىدا پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ بىر نەچچە خىل دەرس ئۆتىگەن ۋە بۇ دەرسلەرنىڭ دەرسلىكىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئقتىدارلىق ياش ئوقۇتقۇچى 1955- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان شىنجاڭ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى(ئۇيغۇرچە نەشرى)نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى قوشۇمچەئۈستىگە ئالغان.ئۇنىڭ تەتقىقات ھاياتى ئەنە شۇ يىللاردا رەسمىي باشلانغان.ئۇنىڭ ئىككى تىلدا يازغان ئۇيغۇرخەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۈيۈك ئالىمى ناملىق ئىلمىي ماقالىسى 1956-يىلى مەزكۇر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ خەنزۇچە ھەم ئۇيغۇرچە سانىدا ئېلان قىلىنغان.بۇ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىداقۇتادغۇبىلىك ۋە تۆركىي تىللار دىۋانى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەتقىقات ئىدى. ئۇ مۇشۇ ماقالىسى سەۋەبىدىن20يىل ئوڭچى قالپىقى كىيگەن.1959- يىلى ئۇ پارتىيىدىكى خىزمىتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ،ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن.1961- ئۇ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىن قويۇۋېتىلگەن.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن1966 - يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر تۆت يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا نازارەت ئاستىدا ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ ئىلىمخۇمار ئالىم جۇڭگونىڭ مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولغان«ئەلنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆرنەكلىرىنى، 24 تارىخنى،ئەنگلىيە دراماتورگى شېكىسپىرنىڭ 36سەھنە ئەسىرىنى،ھىندىستاننىڭ رامانايا،ماخاپىراتا داستانلىرىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشر قىلىنغان 15توملۇق(32كىتاب) دۇنيا تارىخىنى، ئومۇمىي تاڭ نەزمىلىرىنى، بايرۇننىڭ دون جۇئان داستانىنى،ھومېرنىڭ ئىللادا ۋە ئودېسسا داستانلىرىنى، يۇنان ۋە رىمنىڭ ئەپسانە - رىۋايەتلىرىنى، قۇرئان كەرىم، ئىنجىل ۋە تەۋرات نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىلىرى، ئەپلاتۇن، ئارستوتىل ئەسەرلىرىنى، دانتىنىڭ تەڭرى كومىدىيىسى داستانىنى، گومورو ۋە تيەنخەننىڭ تارىخى درامىلىرىنى، ماركىس ئىنگىلىس ئەسەرلىرىنى، نەۋائى، بابۇر، مەشرەپ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۆگەنگەن. ئۇ بۇجەرياندا 30 نەچچەخاتىرە دەپتەرنى ئۆگىنىش خاتىرىسى بىلەن تولدۇرغان.ئۇ مۇشۇ يىللاردا قارلىق تاغ شەجەرىسى ناملىق داستان ۋە سۇمۇرغلار قوشىقى،قەدىمكى يىپەكيولى، خەنئوردىسىداباھار،مەلىكە خۇارۇڭ،تەڭرىتاغ ناخشىسى،دات باسماس قىلىچ، پىلە مەلىكىسى قاتارلىق يەتتە پارچە تارىخىي دراما يېزىپ چىققان.جاۋاھىرۇل ھاقايىق دېگەن ماۋزۇدا قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا(بۇ كىتاب1995-يىلىنىڭ يېشىدا 4-قېتىم تۈزىتىلگەندە ئالىم قەدىمكى تۇران تارىخى دەپ ئاتىغان) ناملىق كىتابىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. يەنە بارماق ۋەزىنلىك بىر تۈركۈم مۇھەببەتلىرىكىلىرىنى يېزىپ چىققان.
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگىلدە ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھى كۈچلۈك بۇ ئالىم ئاق تېررورلۇق قاپلىغان ئاشۇ ئەنسىز يىللاردا پارچە - پارچە يازغان 500 پارچىدىن ئارتۇق رۇبائىيسىنى رەتلىگەن. سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى ( بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى تۇنجى نەسىرلەر توپلىمى)ناملىق لىرىك نەسىرلەر توپلىمىنى تولۇق تاماملىغان.
1978- يىلى پارتىيە11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن سىياسىي جەھەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەم خاتا ئوڭچى قىلىنغان دېگەن خۇلاسە بىلەن ئاقلانغان ۋە1980-يىل ئۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئومۇمىي ئىستىتىكا دەرسىنى تەسىس قىلىپ ئۆتۆشكە كىرىشكەن . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كىتاب، ماقالە، رۇبائىي، شىئر- غەزەللىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1986- يىلى ئۇ ياپۇنىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولۇپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىتۆك قامۇسى- (قۇتادغۇبىلىك) دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن.
1980-يىللاردا ئۇنىڭ200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ھەققىدە، شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا- ئۇسۇل سەنئىتى، فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى، ئومۇمىي ئىستىتىكا، چوغلۇق، رۇبائىيات(1)، رۇبائىيات(2)، قارلىق تاغ شەجەرىسى قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە 1980- يىللاردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان:
روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۆللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى، ھەسەتخورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار، ئارىفنامە، يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت، يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت قاتارلىق بىر قاتار ئىسىل ماقالىلىرى ۋە سىكتاي- ساك- ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى ئىزچىللىق، ئۇيغۇر ئەجدادلىرى مەي مەدەنىيىتى، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى غەربىي يۇرت ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ تارىخىي ئۇچۇرى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى، ئون ئىككى مۇقام ۋە نەۋائىخانلىق ئەنئەنىسى،نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقىي تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي مۇلاھىزە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ئىجتىمائىي ھاياتىمىزنى چۈشىنىشتە ۋەمەدەنىيەت تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى يول ئېچىپ بەردى. ھەقىقەتەنمۇ بۇ مۇنەۋۋەر ئالىمنىڭ ئاشۇ يىللاردا يازغان ۋە تۆزەتكەن ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى، غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى، قوتادغۇبىلىك خەزىنىسى، ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى، سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بىر- بىرلەپ نەشر قىلىندى. بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە، يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش، سوغدىلار ۋە ئۇنىڭ ئپتنىك ۋارىسلىرى توغرىسىدا، چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى قاتارلىق نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالىسىمۇ گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىغا يىپيىڭى تۈس قوشقان ئىدى.
ئەپسۇسكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدەبىي، تۆھپىكار باغۋىنى، مول مېۋىلىك پروفېسسورى ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن ئۆزنىڭ بىر تالاي يازمىلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ، 1995-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىشى سەۋەبى بىلەن 62 يېشىدا بۇ ئالەم بىلەن خەيىرلەشتى.

مەنبە: ئىنتېرنېت


ياخشىكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر