بۈگۈن

بۈگۈنكى ئاياللار

نىكاھ ۋە ئائىلە

بالىلار مائارىپى

ئۆرپ-ئادەتلەر

تىل ئۆگىنىش ئەتراپىمىزدا

كۆڭۈلدىكى سۆز

تاغدىن-باغدىن

تارىختىكى ئاياللار

يىگىتلىك

بالىلار ئەدەبىياتى

مەشھۇر شەخسلەر

تېببىي مەسلىھەت

شېئىرلار

دوست-مۇھەببەت

ناخشا-مۇزىكا

قىزلارغا سۆز

ئەرلىك جاسارىتى

چوڭلارغا سۆز

مەدەنىيەت

پىسخىكا دوختۇرى

ھېكايە-نەسىر

ئەدەبىي ئۇچۇرلار

يۇمۇر-لەتىپىلەر

ئانىلىرىمىز ئاتىلار سۆزى

بالىلار ئويۇنلىرى

ھويلا-ئارام مومامنىڭ شىپاسى راست ئىشلار

تەنقىد-ئوبزور

رەسىم-سۈرەتلەر

بۈگۈنكى ئاياللار ئاياللار تارىخ بەتلىرىدە قىزلارغا سۆز ئانىلىرىمىزنىكاھ ۋە ئائىلە
باش بەت

‹‹نىكاھتىن كېيىنكى مۇھەببەت››نى ئۇنتۇپ قالماڭ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-09 12:52 مەنبەسى: 7QIZ.com ئاپتورى: مەرۋەرى كۆرۈلۈشى: قېتىم
سىز بەلكىم بۇ خىل قاراشتىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ ياكى ئۇنى توغرا تاپماي مۇھەببەت پاراڭلىرىنى قىلىش مۇھەەبەتلىشىۋاتقان ياشلارنىڭ ئىش

 


 

 

سىز بەلكىم بۇ خىل قاراشتىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ ياكى ئۇنى توغرا تاپماي مۇھەببەت پاراڭلىرىنى قىلىش مۇھەەبەتلىشىۋاتقان ياشلارنىڭ ئىشى، تويدىن كېيىن ئەر - خوتۇنلار ھەممىشە بىللە ئۆتۈۋاتسا، يەنە قانداقتۇر ئىشق - مۇھەببەتتىن گەپ ئېچىش كېتەمدۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن.
بۇ خىل كۆزقاراشتىكىلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. ئۇلار ئەر - خوتۇنلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى داۋاملىق بىيىتىش، تولۇقلاش ۋە يېڭىلاشنىڭ زۆرۈرلىكىگە سەل قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نىكاھتىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ فېزئولوگىيە جەھەتتىكى ئارلىقى قىسقارسىمۇ، ئەمما روھىي جەھەتتىكى ئارلىقى ئەكسىچە كېڭىيىپ، نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن گەپلىرى تۈگىمەيدىغان، نىكاھتىن كېيىن قىلىشقىلى گەپ تاپالمايدىغان، نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن <<بىر- بىرىنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپالايدىغان>>، نىكاھتىن كېيىن<<بىرەر ئېغىز گەپمۇ ئېغىر كېتىدىغان>> ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چۈشىنىدىغان يەردىمۇ چۈشەنمەيدىغان، كەچۈرىدىغان يەردىمۇ كەچۈرمەيدىغان، چىدايدىغان يەردىمۇ چىدىمايدىغان بولۇپ قېلىپ، ئەر -خوتۇنلۇق ھېسسىيات بارغانسىرى سۇسلىشىپ، بارغانسىرى ياتلىشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، بىرسى شاھمات ئويناشقا بېرىلىپ كەتسە، يەنە بىرسى تېلۋىزوردى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ، ھەتتا ئارىدا<<ئۈچىنچى شەخس>> پەيدا بولۇپ، تالاغا قارايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.
بەزىلەر نىكاھلىنىشتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە تامامەن ئوخشىماي قالىدۇ. مەسىلەن، بۇرۇن مۇلايىم، سۆيۈملۈك ھەم رايىش بولغان بولسا، نىكاھتىن كېيىن بىشەم، لولا، بەغەرەز بولۇپ كېتىدۇ؛ بۇرۇن سالاپەتلىك، خۇشخۇي، ئەدەپلىك بولغان بولسا، كېيىن ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ قوپاللىشىپ كېتىدۇ؛مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغدا ئارلىقى شۇنچە يېقىن بولسىمۇ، سۆيگۈ خەتلىرى ئۈزۈلمەيدۇ، ئەمما نىكاھلانغاندىن كېيىن بىرەر ئايدىن ئارتۇق كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتسىمۇ بىرەر ئېغىز گېپى ياكى بىرەر پارچە خېتىنى كۆرگىلى بولمايدۇ؛ دوستلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى دائىم ئەسلەپ تۇرغىنى بىلەن ئېرىنىڭ(خوتۇنىنىڭ) تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. قىسقىسى، نىكاھلىنىپ بالىلىق بولغاندىن كېيىن نىكاھنى<<بىخەتەر ئىشكاپ>>قا سېلۋېتىپ، تاماق يىيىش، خىزمەت قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ، ھېسسىيات بىلەن كارى بولمايدۇ. مېھرىبان ئەر - خوتۇنلار تويدىن كېيىنكى مۇھەببەتكە ئەزەلدىن سەل قارىمايدۇ. ئۇلار دائىم نىكاھتىن كېيىنكى ھېسسىياتنىڭ ساپ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىپ، بىر -بىرىنى دائىم ئاشىق - مەشۇق قاتارىدا كۆرىدۇ.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، نىكاھلانغاندىن كېيىنكى مۇھەببەت نىكاھتىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. ئەر - خوتۇنلار نەچچە ئون يىللىق بوران - چاپقۇنلاردا بىللە بولۇپ، بىر-بىرىنى ئوبدان چۈشىنىپ، بىر- بىرىدىن ئايرىلماي، سۆيگۈ گۈلىنى تەڭ پەرۋىش قىلىش لازىم. بولمىسا بەخىتلىك ياشاپ، ئۆمرىنى بىللە ئۆتكۈزۈشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟! 

مەنبە: ئاياللار سىردىشى


ياخشىكەن
(6)
85.7%
ناچاركەن
(1)
14.3%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر