بۈگۈن

بۈگۈنكى ئاياللار

نىكاھ ۋە ئائىلە

بالىلار مائارىپى

ئۆرپ-ئادەتلەر

تىل ئۆگىنىش ئەتراپىمىزدا

كۆڭۈلدىكى سۆز

تاغدىن-باغدىن

تارىختىكى ئاياللار

يىگىتلىك

بالىلار ئەدەبىياتى

مەشھۇر شەخسلەر

تېببىي مەسلىھەت

شېئىرلار

دوست-مۇھەببەت

ناخشا-مۇزىكا

قىزلارغا سۆز

ئەرلىك جاسارىتى

چوڭلارغا سۆز

مەدەنىيەت

پىسخىكا دوختۇرى

ھېكايە-نەسىر

ئەدەبىي ئۇچۇرلار

يۇمۇر-لەتىپىلەر

ئانىلىرىمىز ئاتىلار سۆزى

بالىلار ئويۇنلىرى

ھويلا-ئارام مومامنىڭ شىپاسى راست ئىشلار

تەنقىد-ئوبزور

رەسىم-سۈرەتلەر

بۈگۈنكى ئاياللار ئاياللار تارىخ بەتلىرىدە قىزلارغا سۆز ئانىلىرىمىز نىكاھ ۋە ئائىلە
باش بەت

ئاياللار ئۈچۈن 10 سائەتلىك زۆرۈر ئوقۇشلۇق

يوللانغان ۋاقتى: 2010-05-16 12:57 مەنبەسى: 7QIZ.com ئاپتورى: مەرۋەرى كۆرۈلۈشى: قېتىم
يېڭى توي قىلغان ئاياللارنىڭ نەزىرىدە تويدىن كېيىنكى ئائىلە رومانتىكىغا تولغان غايىۋى جاي ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسمان كۆك ، يەر يېشىل ، ھەم

 


 

 

 

يېڭى توي قىلغان ئاياللارنىڭ نەزىرىدە تويدىن كېيىنكى ئائىلە رومانتىكىغا تولغان غايىۋى جاي ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسمان كۆك ، يەر يېشىل ، ھەممىلا نەرسە ئۇنىڭغا كۈلۈپ باقىدۇ. ھەر بىر كۈنى رومانتىك تۇيغۇلارغا تويۇنغان بولىدۇ. ئەمما توساتتىن بىر كۈنى بۇ خىياللىرىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىپ كەتكىنىنى ، ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئوخشىماي قالغانلىقىنى بايقايدۇ. ئەجەبا ، يولدىشى ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ ياكى ئۆزى ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ؟ ئۇنىڭ بۇرۇنقى نازاكەتلىك سۈلكىتى قالمىدىمۇ؟ ئەجەبا، يولدىشى ئەمدى ئىلگىركى قامەتلىك ، شوخ ، تېتىك ، يۇمۇرلۇق يىگىتكە ئايلىنالماسمۇ؟
قانداق قىلغاندا بۇ سۇئاللاردىن قۇتۇلغىلى ، ھەقىقىي بىر ئايال بولغىلى بولىدۇ؟ تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى تۆۋەندىكى 10 نۇقتىغا مەركەزلەشتى. ئەگەر سىز بۇ 10 ئىشنى ماھىيىتى بىلەن ئىگىلەپ قوللىنالىسىڭىز ، چوقۇم ئىلگىركىدەك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيسىز.. بۇ 10 نۇقتا تۆۋەندىكىچە:


1. مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشىنىڭ!
نۇرغۇن ئاياللار ئۆزلىرىنى تويدىن بۇرۇن مۇھەببەتلەشكەن دەپ قارايدۇ. توغرا! ئۇلار ھەقىقەتەن شۇنداق قىلغان، ئەمما تويدىن كېيىنلا بۇ قارىشىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ ياكى ھىچنىمىنى چۈشىنەلمەي قالىدۇ . ھەتتا بەزىدە بۇنىڭغا تېگىپ خاتا قىپتىمەن، ئەسلى باشقا بىرىگە تەگسەم بوپتىكەن ، دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
مۇھەببەت ھەقىقەتەن سىرلىق ، ئۇ سىز ياش ۋاقىتلىرىڭىزدا تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ مۇرەككەپ. ئەرلەر نىمە ئۈچۈن سىزنى سۆيىدۇ؟ سىز سۈيۈملۈك بولغىنىڭىزدىلا سۆيۈلۈشكە ئېرىشەلەيسىز . بۇنداق بولماق ھەرگىزمۇ بىر كۈندىلا قىلىپ بولغىلى بولىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس. سىز چوقۇم ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ، بۇ سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ، سىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش پوزىتسىيىڭىز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. تۇرمۇشتا خىيالىڭىزدىكى << ئۇ>> نىڭ ئەمەليەتتە نۇرغۇن كەمچىلىكىلىرى بارلىقىنى بايقايسىز . ئىلگىرى سىزگە سۆيۈملۈك تۇيۇلغان ئەيىپلىرىمۇ ئەمدىلىكىتە سىزنى بىزار قىلىدۇ . بۇ چاغدا سىز يولدىشىڭىزنىمۇ ئۆزگىرىشى كېرەك دەپ ھېساپلايسىز. ئەمما ، سىلەرنىڭ ھېسسىياتىڭلار مۇكەممەللەشمەستىن بۇرۇن ، يولدىشىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ . پەقەت سىزدە چىم مەنىدىكى مۇھەببەت چۈشەنچىسى بولغاندىلا ، سىز بەخىتلىك نىكاھقا ئېرىشەلەيسىز، نەسىھەت قىلىش ، ئەيىبىنى كۆرسىتىش ، ئاغرىنىش ، كۆش يىشى قىلىشلاردىن ھېچنىمە چىقمايدۇ.
جىنىسىيەتنىڭ ئازدۇرۇش كۈچى ھەقىقەتەن زور، ئەمما ئۇ يەنىلا ھەممىگە قادىر ئەمەس. مۇھەببەت قىز-ئوغۇل ، ئەر-ئايال ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا جەلىپ قىلىشلا ئەمەس ، شۇنداقلا قىز -ئاياللارنىڭ ئۆزى ئىختىيار قىلغان مەجنۇنلىقى تېخىمۇ ئەمەس، مۇھەببەت شۇنداق قۇدرەتلىك كۈچ، ئۇ تۇرمۇشنى ، ھاياتلىقىنى قىزغىن سۆيىدۈرىدۇ، شۇنداقلا ھەر-خىل شەكىللەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . دۇنيادا ھىچكىممۇ بارلىق مۇھەببەتكە ئېرىشىپ باققان ئەمەس. شۇڭا ، مۇھەببەت ئۈچۈن ئۇنچە قاتتىق تەلەپ قويۇۋالماسلىقىمىز كېرەك. بىز پەقەت قانائەتچانلىقىمىز بىلەن كۈتەلەيمىز خالاس. ئەگەر يولدىشىڭىزنىڭ سىزنى سۆيۈشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز ، ئۇنداقتا ئۇ قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇل بىلەن مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەڭ.
مۇھەببەت دېگەن زادى نىمە؟ نۇرغۇن قىزلار بۇ توغرىسىدا .ويلىنىپ باققان . ئەمەليەتتە ، مۇھەببەت ھەرگىز ئاددىي ھالدىكى ئۆز-ئارا سۆيۈشۈش ئەمەس ، ھېسداشلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش تېخىمۇ ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلىشى ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. مۇھەببەت- ئاتا قىلىش ، ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ئارقىلىق ئېرىشىش ئەمەس. ئەگەر يولدىشىڭىزغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلىمەكچى بولسىڭىز ، ئۇنىڭغا يول قويۇڭ ، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈڭ ، ئۇنىڭ ئەيىپلىرىنى ئەپۇ قىلىڭ ، ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇڭ . ئەگەر قاتتىق ۋاستىلەر بىلەن ياكى يېلىنىش ، يالۋۇرۇش بىلەن مۇھەببەتكە ئېرىشمەكچى بولىدىكەنسىز ، ئاقىۋەتتە مۇھەببەت سىزدىن تېخىمۇ يىراقلىشىدۇ.

2. دۇنيادا مۇكەممەل ئائىلە بولمايدۇ، پەقەت مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان ئائىلە بار.

دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق، شۇڭا مۇكەممەل ئائىلىمۇ يوق. كۆپىنچە ياشلار ئائىلە ھەققىدە ئەمەليەتكە ئۇيغۇن بولمىغان غايىۋى خىياللارنى قىلىپ ، ئۇنى شۇنداق گۈزەل تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ئەلۋەتتە تۇرمۇشىمىزدا يەنە بىر قىسىم كۆڭۈلدىكىدەك ئائىلىلەرمۇ بار. ئەمما شۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەككى ، بۇ ئائىلىلەر ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئۇزۇن يىل بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى .

نىكاھ مۇراسىمى ئۆتكۈزىۋاتقان قىزلار ئۈچۈن بۇ يېڭى بىر سەپەرنىڭ باشلانغانلىقى ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ خىيال قىلىپمۇ باقمىغان ئوڭۇشسىزلىق ۋە جاپالارغا تەييارلىق قىلىپ قويۇشى كېرەك. شۇندىلا بەخىتلىك ، ئىللىق ، گۈزەل ئائىلىگە ئېرىشەلەيدۇ. بىر ئايال تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: << تويدىن كېيىنكى كۈنلەر شۇنداق شېرىن ئىدى ، ھەر بىر كۈن خوشال ئۆتەتتى ، ئەمما ئاستا-ئاستا كۈنلەر ئۆزگىرىشكە باشلىدى . كۈنلىرىمنى ئاشۇ مەنىسىز خىزمەت، يۇيۇپ تۈگىمەيدىغان كىر-قات، تۆلەپ تۈگىمەيدىغان قەزىر ئىچىدە ئۆتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدىم>>.

ئۇنىڭدىن باشقا سىز يەنە ھەمراھىڭىزنىڭ ئىلگىرى بايقىمىغان ئەيىپلىرىنى بايقايسىز. ئەلۋەتتە، يولدىشىڭىزمۇ سىزنىڭ بايقالمىغان تەرەپلىرىڭىزنى بايقايدۇ. دېمەك، ئاخىرىدا ھەر ئىككىڭلار ئۆزۈڭلار ئەمەس بولۇپ چىقتىڭلار ، شۇنداقلا سىزمۇ ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئايال ئەمەس بولۇپ قالدىڭىز. ئاراڭلاردا زىددىيەت، ئىختىلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن قاچا-قۇچا سۇنۇشقا باشلىدى. ھەر ئىككىڭلار بۇ خىل ئىشلارنىڭ بولۇشىنى خىيالىڭلارغىمۇ كەلتۈرمىگەن - ھە قاچان؟

ئائىلە مۇناسىۋىتى بارلىق كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ بىرخىلى. ئۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىمەن دەيدىكەنسىز ، چوقۇم سەۋىرچان بولۇشىڭىز ، ھېسسيات جەھەتتە ئۆزىڭىزنى كونتۇرۇل قىلىشىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىپ كېتىش تەس، ئەمما خالىسىڭىزلا ، تىرىشسىڭىزلا ، چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلەيسىز.


مەنبە: روھىي ساغلاملىق ئۈگۈتلىرىدىن
داۋامىغا قىزىقسىڭىز داۋاملىق بۇ سەھىپىمىزنى زىيارەت قىلىشنى ئۇنۇتماڭ !

 



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
  • ئالدىنقىسى : مۇشۇ ئەڭ ئالدىنقىسى
  • كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر