يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 555|ئىنكاس: 5

سۆيگۈ ئىقرارى ( ي. ئىبراھىم ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 11:53:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۆيگۈ ئىقرارى

ياسىنجان ئىبراھىم

ئۆچمەس قىلىپ قەلبىم بېتىگە،
يېزىپ قويۇپ سۆيگۈ خېتىڭنى.
يوقالساڭ مەن ئىزدەپ ئاۋارە،
شاماللاردىن پۇراپ ھىدىڭنى.

كۆز ئالدىمدا ئوتلۇق تەبەسسۈم،
خىيالىمدا  ئاچىمەن قۇچاق.
ئەپسۇس گۈزەل سىمايىڭ مەۋھۈم،
ۋىسال ئىزدەپ چېكىمەن پىراق.

تىنىقلىرىڭ قالغانمىدۇ دەپ،
خەتلىرىڭنى ئاختۇردۇم تالاي.
ئاھ،ھەممىسى يوقاپتۇ تامام،
قېنى قەلبىم قۇچاقلىغان ئاي...

ئۇنۇتمايمەن سېنى بىر ئۆمۈر،
بەلكى شىرىن چۈشۈم بولۇپ قال.
سايراپ قالاي بۇلبۇلۇڭ بولۇپ ،
مەيلى ئۇنۇت مەيلى ئەسكە ئال.

بىلەلمىدىم سىرىڭنى نىچۈن،
پىنھان قىلدىڭ ئۆزۈڭنى ماڭا.
سۆيۈلۈشكە بولساممۇ تەشنا،
تاڭالمايمەن سۆيگۈمنى ساڭا.

بەخىت تىلەپ ياشاي سەن ئۈچۈن،
سۆيەر بىرى بەلكىم  مېنىمۇ.
كۆڭۈل بېرىپ سۆيگەن ئادىمىڭ،
مەن سۆيگەندەك سۆيسۈن سېنىمۇ...

مەنبە: ئۆزۈم


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:55:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈش گۇناھ ئەمەستۇر، سېنى چىن قەلبىمدىن سۆيگەنلىكىم، ساڭا بارلىقىمنى ئاتىغانلىقىم مېنىڭ گۇناھىم ئىدى. مېنى قاچانغىچە بۇنچە قىينايدىغىنىڭ نامەلۇم، يەنىلا سېنى ئەسلەيمەن، كۈتىمەن.......

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:09:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق بىر پاك قەلىب ساپ مۇھەببەت سۈيى بىلەن سۇغىرىلىشى كىرەك..........
مۇھەببەت-ياشلىق دەۋرىمىزدىكى  ئەڭ نازوك تۇيغۇدۇر........

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:15:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سۆيگەن ئادىمىم بىلەن مۇھەببەت  ۋاپادارلىق بابىدا ،چىمەنلىكتە بۇلبۇلدەك خەندان
ئۇرۇپ سايراشنى ئارزۇ قىلىمەن

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 08:43:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tabassum333 بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:15 دە يوللىغان
مەنمۇ سۆيگەن ئادىمىم بىلەن مۇھەببەت  ۋاپادارلىق بابىدا ،چىمەنلىكتە بۇلبۇلدەك خەندان
ئۇرۇپ سايراشنى ئارزۇ قى ...


شۇنداق، ئادەم ماددى بايلىقلا ئەمەس، چىن مەنىسى بىلەن مەنىۋى بايلىققا  مۇيەسسەر بولالىغاندا  ھەقىقى بەخىت ئىگىسى بولالايدۇ. سىزنى ھەقىقى سۆيەلىگەن ئادىمىڭىزگە سەمىمى ھېسسىياتىڭىزنى بېغىشلاپ  مەڭگۈلۈك سۆيۈپ ياشىشىڭىزغا تىلەكداشمەن...

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:52:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yasin0909 بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 08:43 دە يوللىغان


شۇنداق، ئادەم ماددى بايلىقلا ئەمەس، چىن مەنىسى بىلەن مەنىۋى بايلىققا  مۇيەسسەر بولالىغاندا  ھەقىقى بەخىت ئى ...

-مىنىڭچە، دۇنيادا ئازاپلاش ھەم ئازاپلىنىشنى سۆيۈش ھەم سۆيدۈرۈشنى بۈلۈشنىڭ  ئۆزىمۇ
ئادەم ئۈچۈن زور خوشاللىق بولسا كىرەك.   
مانا بۇ بىزنىڭ  بۇ دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگىنىمىز ئەمەس، بەلكى ئارمان بولۇپ تۆرەلگىنىمىز.......

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 12:43 , Processed in 0.043416 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش