يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 477|ئىنكاس: 2

ۋاز كېچىش-نەسىر (سەنسىز0903) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 10:38:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاز كېچىش سەنسىز0903



بۈگۈن سېنى كۆرۈپ قالدىم. دۇنيادىكى بارچە ئازاپلارنى شاراپ قىلىپ بىرسى زورلاپ ئىچۈرۋەتكەندەك ئاچچىق، ئاچچىق تولغۇنۇپ كەتتىم. سېنى كۆرۈشنى پەقەت خالىمىغان بولساممۇ، گۇناھكار كۆزلىرىم سانسىزلىغان گەۋدىلەر ئارىسىدىن سېنى ئىزدەپ تېپىۋالغانلىقىغا ھەيران بولاتتىم. ئىسمىڭنى خاتىرەمدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىماقچى بولاتتىميۇ ، ساڭا غايىبانە ئاشىق بولغان يۈرىكىم ئىسيان كۆتۈرۈپ بۇنداق قىلىشىمغا يول قويمايتتى. كېچىلىرى دەرىزەمنىڭ تۈۋىدە يۇلتۇزلارغا دەردىمنى سۆزلەپ-سۆزلەپ تۈگىتىپ بولالمايتتىم. ئەتتىگەندە كوچىغا چىقىپ، ئەخمەقلەرچە سېنى كۈتەتتىم. سەن يىراقتىن قۇچىقىڭنى ئېچىپ ماڭا قاراپ كېلەتتىڭ. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالاتتىميۇ، ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ سەن تەرەپكە بار كۈچۈم بىلەن يۈگرەيتتىم. پۇتۇمنىڭ ماغدۇرسىزلىنىپ، سوغۇق شامالنىڭ يۈزىمگە چاسىلداپ ئۇرۇشلىرى بىلەن ئېسىمگە كىلىپ ئولتۇرۇپلا قالاتتىم. قولۇڭنى پۇلاڭلىتىپ تۇمانلارنىڭ ئارىسىغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كېتەتتىڭ.
بۈگۈن سېنى كۆرۈپ قالدىم. كۆزلىرىڭدە يېلىنجىغان نۇر، قىسقىغىنە نەچچە دەقىقە ئىچىدە يۈرىكىمگە ئوق بولۇپ سانچىلىپ، پۈتۈن روھىيىتىمنى كۇكۇم تالقان قىلماقتا ئىدى. ئازاپلارنىڭ قوينىدا ئاچچىق ئىڭرايتتىم. تەقدىرىمگە تەن بەرمەي تىغ كۆتۈرۈپ جەڭ قىلاتتىم. ھەر بىر تىنىقىڭ دەھشەتلىك بورانغا ئايلىنىپ، قاغجىراپ كەتكەن روھىيىتىمنى كۇكۇم-تالقان قىلسا، ھەر بىر تال كىرپىكىڭ ئوق بولۇپ، پۈتۈن خىيالىمنى ئۆز ئىسكەنجىگە ئېلىپ تەسلىم قىلدۇراتتى. يۈرىكىم، خىيالى دۇنيا بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن تېڭىرقاپ تۇرۇپ كېتەتتى. بارماقلىرىم قان ئېقىۋاتقان يۈرىكىمنى تاتىلاپ، يارا ئۈستىگە چاڭگاللاپ تۇز چاچاتتى. ئسىمىڭنى ئىككىنچى ئېغىزىمغا ئالماسلىققا قەسەم قىلساممۇ، جۇدالىقنىڭ يۈرىكىمنى تاتلىق-تاتلىق قىيناشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئىسمىڭنى ئۇزۇندىن-ئۇزۇن زىكرى قىلىۋاتقان تىلىمنى كېسىپ تاشلىغۇم كېلەتتى. يۈرىكىڭگە يىپسىز باغلىنىپ قالغان بىچارە يۈرىكىمگە، كۈندە تۈمەن-تۈمەن تەسەللىلەرنى بىرەتتىم. كۆرەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرساممۇ، ساڭا كۈندە خەت يازاتتىم. ھېسلىرىم سەن توي قىلغاندا ئۆلۈپ، مۇزدەك سوۋۇپ كەتكەن جەسسىتىمنى قۇچاقلاپ زار-زار ياش تۆكەتتى. ھىجران ھەر ئاخشىمى تىغ كۆتۈرۈپ سۆيگۈمنى تەسلىم بولۇشقا زورلايتتى. ھەر ئاخشىمى ئۆيۈڭنىڭ كەينىدىكى ئورمانلىققا بېرىپ، ساڭا ئاتاپ ئېيتقان ناخشامنى توۋلىغان ۋاقتىمدا، ئۆيۈڭدىكىلەرگە تۇيدۇرماي ئاستاغىنا چىقىپ كەلسەڭ قوللىرىڭنى تۇتۇپ كۆزلىرىڭگە ئۇزاقتىن-ئۇزاق قاراپ تۇرۇشنى، بىر-بىرىمىزگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، بىر نائۇشنىكتا بىللە ناخشا ئاڭلىشىمنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. تويۇڭ بولۇپ كەتكىلى بىر يىل بولغان بولسىمۇ سەندىن ئەسلا ۋاز كېچەلمىگەن ئىدىم. سېنى ئۇنتۇش ئۈچۈن يەنە بىر قىزنىڭ سۆيگۈسىگە خىيانەت قىلغانلىقىمنى ئويلاپ، يۈزلىرىمگە توختىماي كاچاتلايتتىم. سېنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئىسمىڭنى خاتىرەمدىن بىر قېتىم يىغلاپ تۇرۇپ ئۆچۈرسەم، ئۇ قەلبىمگە بىر بۆلۈك ئازاپ لەشكەرلىرىنى باشلاپ كىرەتتى. ساڭا بىر قەدەم يېقىنلاشسام ۋىجدان سۆيگۈمنى دارغا ئېسىپ ئازاپلايتتى. ئايدەك يۈزۈڭگە كۆك ئىزلارنى سېلىپ، قۇندۇزدەك چاچلىرىڭنى يۇلغان ئۇ ناكەسنىڭ بارماقلىرىنى بىردىن-بىر چانىۋەتكۈم كېلەتتى. بېشىڭنى يوتامغا قويۇپ قانغۇچە يىغلىۋېلىشىڭنى، دەرتلىرىڭگە ساقىي بولۇشنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم. كەچۈر، سېنى بەختلىك قىلالمىدىم.
تەقدىرنىڭ دەھشەتلىك بورانلىرى ئالدىدا قاراسلاپ سۇندۇم. رەھىمسىز سىناقلىرى ئالدىدا، خوجايىنىنىڭ ئالدىدا قولىنى قوشتۇرۇپ تۇرغان قۇلدەك بېشىمنى ئىگىپ تۇرماقتىمەن. تەقدىر لەشكەرلىرى مېنى چەمبەرچەس باغلاپ، ھايات دېڭىزىنىڭ يېنىدىكى كېمىگە ئېلىپ چىقتى. تەقدىرنىڭ مېنى قايەرگە ئېلىپ بېرىپ، قايسى قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىشىنى ئەسلا بىلمەيمەن.  كۆزۈم تېڭىلغان، پۇتۇم كىشەنلەنگەن، تۇيغۇلۇرۇم بەنت قىلىنغان. چەكسىز كەتكەن دېڭىزدا نىشانسىز كېتىپ بارماقتىمەن.

نادانلارغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ-سۈكۈت

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 15:03:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<سەنسىز>..دىگەن بۇ نەسىرنى ئوقۇپ ناھايتىمۇ تەسىرلىك مۇھەببەت فىلىمىنى
كۆرگەندەك ھىسياتتا بولدۇم،ھازىرقى جەمىيەتتىمۇ ھەقىقى مۇھەببەت مەۋجۈتمىدۇ؟
.....بۇ نەسىر ناھايتىمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ،قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن دوستۇم

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:52:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەندىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ نەچچە قېتىم بەل باغلاپ بولدۇم، لېكىن يەنىلا سەندىن ۋاز كېچەلمىدىم. يۈرىگىمگە قولۇمنى قويۇپ تىڭشاپ باقتىم، يۈرىكىم توختىماي سېنىڭ ئىسمىڭنى توۋلىماقتا ئىدى. سېنى ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىمدا پەيدا بولسا ئىكەن دەپ كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمغان ھالدا خىياللار ئىلكىگە غەرق بولاتتىم، كۆزۈمنى ئاچسام سېنىڭ كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇشۇڭنى، بىر مۆجىزە يۈز بېرىشىنى شۇنچە ئۈمىد قىلاتتىم، ئەپسۇس........ خىياللىرىمنى، ئارمانلىرىمنى ھىجران بورانلىرى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۇپ كەتتى.............

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:40 , Processed in 0.044413 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش