كومپىيوتۇر بىلەن تورغا چىققىلى بولىدىغانلىقىنى 1999-يىلى 10-ئايلاردا تۇنجى قېتىم بىلدىم. ئۇ ۋاقىت ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى. مەكتىپىمىزنىڭ يېنىدىكى بىز دايىم كىرىپ بېليارت ئوينايدىغان زالنى ئۆزگەرتىپ نۇرغۇنلىغان كومپىيوتۇرلارنى تىزىۋېتىپتۇ. بىز بۇ يەرنى كومپىيوتۇر تەربىيلەش مەركىزى قىلىدىغان چېغى دەپ ئېرەن قىلماپتىمىز. كېيىن قارىسام چوڭ كىچىك بالىلارنىڭ ھەممىسى كىرىۋاتىدۇ.
توۋۋا. ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ ئىچىگە قاراپ باققىنىم ھازىرغىچە يادىمدا . " بىز كىرسەك بولىدىغان يەرلەرمىدۇ يا؟" دەپ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ كەتكەنىدىم.
كېيىن بىر دوستۇم مېنى ئەكىردى. ئاندىن كومپىيوتۇرنى ئېچىپ شۇ ۋاقىتتىكى يېڭى يېزىقچە ياسالغان كاككۇك، ماكانىم دىگەن تور بېكەتلەرنى ئېچىپ ئۆزبېكىستانلىق شاھزادنىڭ ناخشىلىرىنى قويۇپ بەردى. توۋۋا. كومپىيوتۇردىن ئەسلى ناخشىمۇ ئاڭلىغىلى بولىدىكەن ھە . مەكتەپتىكى دوس سېستىمىلىق پەقەت يېزىقلا كىرگۈزگىلى بولىدىغان كومپىيوتۇرلار تولىمۇ ئاددىيلىقىنى ھېس قىلدىم. مانا شۇنىڭ بىلەن تورغا كىرىشكە باشلىدىم . ئۇ ۋاقىتلاردا بىر سائەتلىكى 3 يۇەن ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بىر چ چ نۇمۇرى ئىلتىماس قىلىۋالدىم، ئۇ ۋاقىتلاردىكى بارلىق چ چ نۇمۇرلىرى 7 خانىلىق ئىدى تېخى . ( ئۇغۇرلاپ كەتتى

)
2000-يىلى 4-ئايلار چ چ دا پاراڭلىشىپ يۇرۇپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ سانائەت ئىنىستوتى دەمدۇق (工学院) دە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر قەشقەرلىك قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ مېنىڭدىن 2،3 ياش چوڭ ئىدى . بۇ قىز بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئوبدانلا پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىشىپ قالدۇق. ( مۇھەببەت ئەمەس، دوستلۇق جۇمۇ، ئۆزۈمگىمۇ شۇنداق ئەسكەرتىش بېرىپ تۇراتتىمچۇ) . 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بۇ قىز بىر يۇز كۆرىشىشنى تەلەپ قىلدى . مەن تورداشلار بىلەن يۇز كۆرىشىپ باقمىغاچقا بەكمۇ ھودۇقۇپ كەتتىم. ئوغۇل بالا تۇرۇپمۇ شۇنداق ھودۇققان بارمۇ ھە . ئەمما ئالدامچى بوپ قالسا ياكى مەن بىلەن يۈز كۆرىشىپ مەن ئۇ ئويلىغاندەك چىقماي قالسام ماڭا كېيىن گەپ قىلماي قالارمۇ دىگەنلەرنى ئويلىدىم. كېيىن بىر غەيرەت قىلىپ كۆرۈشۈپ باقاي دەپ ئويلىدىم. ئۇ قىز ماڭا چاقىرغۇ نۇمۇرىنى بەردى. ئۇ ۋاقىتلاردا يانفۇنلار ئانچە ئومۇملاشمىغان، چاقىرغۇسى بارلار كۆز كۆز قىلىدىغان، چاقىرغۇ ئېلىپ قويۇپ بىكارچىلىقتا ئۆز ئۆزىگە چاقىرغۇ قىلىپ باشقىلار ئالدىدا داڭلىنىۋاتلىدىغان ۋاقىتلار ئىدى.
گەپنىڭ ئۆزىگە كىلەيلى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزغا چاقىرغۇ قىلدىم. تېزلا قايتۇردى . ئاۋازى شۇنداق يېقىملىق ئاڭلىنىپ كەتتى، ھېچ بولمىغاندا مېنىڭ سىنىپىمدىكى قىزلارنىڭكىدىن يېقىملىقكەن.

، ئۇ قىز بىلەن 101-يول كوچا ئابتوبۇسىنىڭ يەنئەن يولى بېكىتىدە كۆرۈشمەكچى بولۇپ پۈتۈشتۇق. ئۇ قىز ئۇچىدىغا ئاق مايكا، سىرتىغا قارا رەڭلىك جىلىتكە كىيىۋالدىغان بولدى، ئۇ ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچىدە مۇشۇنداق ئاق - قارا كىيىنىش مودا بولۇپ كەتكەن. مەن كاستيۇم چاپاننى قولۇمغا تۇتىۋالىدىغان بولدۇم. ( قانداق، شاڭخەينىڭ جاسوس فىلىملىرىدىكىدەك بوپتىمۇ؟

).
بىسمىللاھ دەپ يولغا چىقتىم. نىمە ئۈچۈن كېتىپ بارغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. كۆرىشىپ بولۇپلا قايتىپ كىلەي دىگەننى ئويلىدىم. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا قىزلارغىمۇ يوشۇرۇن دىققەت قىلىدىغان ۋاقىتلىرىمىزكەن، بۇ قىزغىمۇ قىزىقىپ قالغانىدىم. چىرايلىقمىدۇ؟ ئورۇقمىدۇ سىمىزمىدۇ؟
شۇ خىياللار بىلەن يەنئەن يولى بېكىتىگە كېلىپ قاپتىمەن. مېنى ئاۋال تونىۋالمىسۇن دەپ چاپاننى كىيىپلا چۈشتۈم ۋە ناھايىتى ئالدىراش ئادەمدەك بېكەتتىن پىيادە ئۆتۈپ كەتتىم. ئاندىن بۇ قىزنى ئىزلەشكە باشلىدىم، ئاق مايكا، قارا جىلىتكە قىز....
ئالە شەنى! بۇنداق كىيىۋالغان قىزدىن بېكەتتىلا 4سى تۇرۇپتۇ. قايسىسى شۇدۇ؟ بىرى شۇنداق سىمىزرەك قىزكەن، چىرايىدىن ئاچچىقى يامان ، ئىچىمدە مۇشۇ قىز شۇمۇ نىمە؟ ئاۋازىغۇ زىل چىققان ئەمما، مېنى تولا ساقلاپ ئاچچىقى كېلىپ كېتىپتۇ دە. بېرىپلا گۇناھىمنى توناي دەپ ئويلىدىم، ئەمما ياندىكى چىرايلىق زىلۋا قىزمۇ سائىتىگە قاراپ يا ئابتۇبۇسقا چىقماي تۇراتتى، شۇ قىزمىدۇ يا. ئەستا! تەس بولدىغۇ ئەمدى .
شۇ ۋاقىتتا نەدىن كەلگەن ئەقىلكىن. چاقىرغۇ بارتى ئەمەسمۇ راست . دەپلا بىر دۇكانغا كىرىپلا چاقىرغۇ قىلدىم. ئېۋۇ سىمىز قىز بالا چاقىرغۇغا قارىسا بولدى، ئاستالا كېتەي. ئېۋۇ زىلۋا چىرايلىق قىز بالا چاقىرغۇغا قارىسا كۆرىشەي ( ھەي! ياشلىق، ھەي بالاڭزا چاغلاردىكى گۆدەك خىيال دە).
چاقىرغۇ قىلىپ 3 مىنۇتتەك ئۆتتى ئىككىسىلا قارىمايدۇ چاقىرغۇغا . قانداق ئىش بوپ كەتتى دەپ تۇرسام تېلفۇن سايراۋاتماسما. ئوھ. ما ئىشنى دەپلا تېلفۇننى ئالدىم. " ۋەي " دىسەم " ھە كەلدىڭىزما ، مەن ئاز قالدىم ، ئىككى مىنۇتتىلا بارىمەن" دەپلا تېلفۇننى قويدى. دۇكاندىن چىقىپ تۇرىشىمغىلا ياندىن بىر قىز بالا " ھەي" دەپلا مۈرەمگە ئۇردى .
كەينىمگە بۇرۇلۇپ قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن. شۇنداق چىرايلىق ئەمما تېرىسى سەل چوكىلى رەڭ قىز كەن. ھە بوپتۇ. كۆڭلى ياخشى بولسىلا بولمىدىمۇ .
"يۇرۇڭ" دەپلا ئالدىمدا ماڭدى. ئىچىمدە " ۋوي نىمە ئىش بوپ كەتتى. سىز شۇمۇ. كېچىكىپ قالدىم سەت بولدى " دىگەن گەپ يوق. يۇرۇڭ دەپلا باشلاپ كەتتىغۇ. بۇ قىز سەل چاتاقمۇ قانداق دەپ ئويلاپ تۇرۇپ قالدىم . ئۇ قىز كەينىگە بۇرۇلۇپ:" ئەنسىرىمەڭ، سىزنى باشقا بىر يەرگە ئاپارمايمەن، سىز ياقتۇرىدىغان بىر جايغا بارىمىز" . ئىچىمدە تېخىمۇ گۇمانلاندىم " چاتاق" . تۇنجى توردىشىم بىلەن كۆرىشىپلا بۇنداق بوپ كەتسە نىمە بولغىنى . ئەمما ئوغۇل بالا بولغاندىكىن بېرىپ باقاي. ئەگەر بولمىغۇر ئىشلار بوپ قالسا قېچىپلا چىقمامدىم. ئەگەر مېنى بۇلايمەن دىسىمۇ بەرىبىر مەندەك نامرات بىر ئوقۇغۇچىدا پۇل نىمە قىلسۇن. يېنىمدا 10 يۈەنلا بارشۇ. ئۇنى ئېلىۋالسا مەكتەپكە پىيادە كىتىمەن . ماڭمىغان يولمۇ بۇ ھىم !
شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزغا ئەگىشىپ ماڭدىم . ئۇ قىز مېنى كونسۇل كوچىسى تەرەپتىن ئەكىرىپ شۇ يەردىكى بىر ئولتۇراق بىنا بار يەرگە باشلىدى. ئالتىنچى قەۋەتكە چىقتۇق. ئىچىمدە گۇمان كۈچىيىپ مۇقىملىشىپ بولدى. ئىسىت سىزنىڭ ئوقۇتقۇچى بوپ قالغىنىڭىز دەپلا كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ماڭماقچى بولۇپ پەلەمپەيدىن چۈشۈشكە باشلىدىم. ئۇ قىز :" ھەي، سىز خاتا چۈشۈنۈپ قالدىڭىز، بۇ يەردە بىر تەربىيلەش سىنىپى بار، كۆپچىلىك بىزنى ساقلاپ قالدى" دىدى . " ھە!" دەپلا ئۇ قىز بىلەن كىردىم. قارىسام كاتەكتەك بىر ئۆيدە 30 دەك ئوقۇغۇچى كىچىك ئورۇندۇقنى قويۇپ ئولتۇرۇپتۇ. بىرەيلەن ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ كەينىدىكى ئاق دوسكىغا توم قەلەم بىلەن بىرنىمىلەرنى سىزىپ چۈشەندۈرۋېتىپتۇ.
ئۇ قىز بىلەن ئاستا كىرىپ ئولتۇردۇم. ھېلىقى دەرس سۆزلەيدىغان كىشى قانداقتۇر بىر مەھسۇلاتنىڭ گىپىنى قىلىپ، مانچىدىن سېتىپ ياكى مانچىلىك ئادەمنى بۇ سودىغا قاتناشتۇرساڭلار پايدىسى مانچىلىك سىلەرگە كېلىدىغان نەپ مانچىلىك دەپ يېرىم سائەت ئىچىدە بىزنى مىليونىر قىلىۋەتتى. ئەتراپتىكىلەر دەپتەرلەرگە يېزىۋاتاتتى. كۆزلىرىدىن پۇل تېپىش ئىستىكى چاقناپ تۇرغان بۇ ئوقۇغۇچى بالىلار شۇ كىشىنىڭ ئاغزىغا قاراپلا ئولتۇراتتى. مەن بەرداشلىق بېرەلمەي ئاستا يېنىپ چىقتىم، ئۇ قىزغا مەن ماڭاي خوش دەپلا چىقىپ كەتتىم، ئۇ قىزمۇ كەينىمدىن چىقمىدى .
تويە! ساراڭ سايە. قىز بالا بىلەن كۆرۈشكىلى چىققانغا .
مانا بۇ مېنىڭ 11يىل بۇرۇن تۇنجى توردىشىم بىلەن كۆرىشىشىم. خۇددى تۆنۈگۈنكىدەكلا يادىمدا تۇرۇپتۇ . شۇندىن كېيىن تورداشلار بىلەن ئانچە ئۇچراشمايدىغان بولدۇم ، ئەلۋەتتە ئىشەنچىلىك تورداشلار بىلەن ئۇچرىشىپ تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئوبدان دوستلاردىن بولۇپ كېتىپ بارىمىز.
ئىشقىلىپ تورداشلار مۇمكىنقەدەر ئىشەنچىلىك دەپ قارىمىسا كۆرۈشۈشتىن ساقلىنىش كېرەك ئىكەن.