يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 737 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: دىلەيسەم

توردا تونۇشقان دوستلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 13:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھاندار ئىنكاسىڭىزنىڭ داۋامى باردەك  قىلىدىغۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:29:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2007-يىلىغۇ دەيمەن، ئۇ ۋاقىتلاردا مەن 16 ياش ئىدىم
شەھلا مۇنبىرىگە كىرەتتىم. ئۇ يەردە سۇۋادان، ئۆركىشى، قەھۋە، ئادالەت، مېھراي قاتارلىق نۇرغۇن ئاكىلىرىم ھەدەشلىرىم بولىدىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەتتە قىز مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ كىرگەنتىم. ئايتۇران ھەدە، (پۈتۈنلەي يوقاپ كەتتى) قىسمەتكام، (بۇرۇن يەتتە قىزدا ئەمەل تۇتقاچقا خېلى ئالاقىلىشىپ تۇراتتۇق ) جۇلالىق ھەدەم قاتارلىقلار بىلەن خېلى يېقىن  تورداشلىق مۇناسىۋىتى ساقلاپ كەلگەن ئىدۇق. ھازىر شۇ جۇلالىق ھەدەم بىلەنلا چەكلىنىپ قاپتىمەن ئويلاپ باقسام.
تورنىڭ ماڭا بەرگەن خۇشاللىقى، ھەم قايغۇلىرىمۇ ئاز ئەمەس، بارا-بارا ئەدەبىياتقا قىزىقتىم. ئابدۇل تېرىدىن ياخشىراق شېئىر يازالايدىغان ھالەتكە يەتتىم. تور ئېچىلغاندىن كېيىن ئانا تۇپراق مۇنبىرىگە كىرىپ، شۇ مۇنبەرگە بىر كىشلىك تۆھپەمنى قوشۇپ كەپتىمەن. يەتتە قىز مۇنبىرىگىمۇ تولا ۋاقىتلاردا مېھمان ھالەتتە كىرىپ كۆرۈپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتىمەن. كىچىك بالىغا نېمە بار چوڭ ھەدەشلارنىڭ ئارىسىدا، يەنە بىكاردىن-بىكار دەككەمنى يىمەي دىدىمچۇ ئانا تۇپراق مۇنبىرىگە كىرىپ نۇرغۇن دوسلار بىلەن تونۇشتۇم. بىر قانچىسى بىلەن بىللە تاماققا باردۇق. تېلفۇن قىلىشىپ ھال-ئەھۋال سورىشىپمۇ تۇرىمىز ھازىر. بىكەت باشلىقى مەن بىلەن بىر ناھىيدىن بولغاچقا، ھەر قانداق ئىش بولسا ماڭا تاپشۇراتتى. ئۆزۈممۇ دۇكاندا بىكار بولساملا باش بەتتىن باشلاپ مۇنبەر بەتلىرىگىچە كۆز-قۇلاق بولۇپ، ھازىر مۇنبەر مەسئۇلى دىگەن قالپاقنى كىيىپ يۈرۈپتىمەن.  بىكەت باشلىقى بولغاندىكىن تورداشلارمۇ خېلى كۆپ، ئالاقىلىشىپ، ئۇچىرلىشىپ، تېلفۇنلىشىپ تۇرىدىغىنىم 7، 8  دىن ئاشمايدۇ.
بۇرۇنقى يەتتە قىزدىكى ئايتۇران، قەھۋە....ئادالەت (مۇشۇ ھەدەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ يازغان بىر پارچە شېئىرىم بار تېخى )  سۇۋادانكام قاتارلىقلار يوقاپلا كەتتى.  
بەزىدە نېمىشقىمۇ تور بولغان بولغىيتتى دەپ قالسام،  بەزىدە، تورنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان تاتلىق ئازاپلىرىغا كۆپ رەھمەت  دەپ قالىمەن..

نادانلارغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ-سۈكۈت

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 16:23:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aychiwer بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:27 دە يوللىغان
بۇ نەچچە يىل ئاۋۋالقى ئىش .....
غۇلجىدىن بىر ئايال توردىشىمىزنىڭ قارامايغا كېلىش سەۋەبى بىلەن ، توردا يېقىن ئۆ ...


يىراق دىسىڭىز ئالەمنىڭ ئۇچىتى ، يىقىن دىسىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا دىگەندەك .  مۇشۇ ئايچىۋەر قىزنىڭ دىيارىمدىكى يازمىلىرىنى كۆرۈپ ، تارىخى ماتىريال يىغىدىغان ئادىتىگە شۇنداق قول قويدۇم .  بۇ قىزنى ئىزدەپ بىر پىكىر ئالماشتۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم . شۇنداق قىلىپ بىر كۈنى بۇ قىزنىڭ ئاۋۇ غۇلجۇلۇق ھەدىسى بىلەن بىر سورۇندا بولۇپ قالدۇق ، گەپتىن -گەپ چىقىپ ئايچىۋەرنىڭ گېپى بوپ قالدى ....
توۋا .... مەن ئىزدەپ يۇرگەن بۇ قىز ئۆزۇم كۆرۇپ تۇرغان ، بىر شىركەتنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەنمىز .بۇ ئىشتىن شۇنداق خوشال بولدۇم ،  يىقىندا يەنە خىزمەت ئورنىمىز يوتكىلىپ تام خوشنىمۇ بولدۇق . بىر كۆرۈشۇپ مۇڭداشقۇم بارتى ئەمما ماڭا پەقەت پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ   .

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
54
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 18:49:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەچەت ھېكايىلەر چىقىۋىتىپتۇ ، قېنى داۋاملىق .
بىر بىرىڭلاردىن كونا تور قۇرتىكەنسىلەر جۇمۇ .
يەنە باشقىڭلار يازماپسىلەرغۇ ؟ توختاپ قالماي يېزىڭلار بەك بەلەن تېمىكەن ماۋۇ !

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 23:53:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇججۇن  بۇ  تېمىنى  ھەجەپ كۆرمەي  قاپتىمەن مەنمۇ  ئايرىم  توختىلىدىغانغا ئورۇن  ئەپ  قوياپ  تۇراي ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 03:25:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆھھــــــــــــــــــــۈ~~
  ئۇ چاغلاردا نەدىكى تــــــــــــــــــور دەيسىلەر.....ئاز كام 6000 سومغا ئىچكىرىدىن "پوقتىن ئەرزان" ئەكەلدۈرگەن بىر كومپيۇتېرىم بولىدىغان. قاتتىق دېسكىسى قانچىلىك دېمەيسىلەر؟ ئاران 2G  ئىدى... شۇنىمۇ تېخى 2400 سومغا ئالغانغۇ دەيمەن ئېسىمدە قېلىشىچە. توۋۋا دەيمەن ھازىرقى كىچىككىنە بارماق دېسكىلارمۇ 2-4 گىگابايت كېلىدۇ ھە؟ خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن ئىدارىدىكى كومپيۇتېر بشقۇرىدىغان يولداشقا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، ئىچكى ساقلىغۇچنى 32 مېگابايت قىلىۋالغاندا بېشىم ئاسمانغا يېتەي دېگەن.
  شۇنداق قىلىپ شۇ كومپيۇتېردا DOS  بۇيرۇقلىرىنى توكۇلدىتىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، بىر دوستۇم: "ئاداش مەن ۋىندوۋس دەيدىغان نەرسىدىن بىرنى تاپتىم، ئۇنىڭ  Office  دەيدىغان بىر نەرسىسىمۇ بار ئىكەن قاچىلاپ باقامدۇق؟" دېدى... ئۇ چاغلاردا دېتاللا بولسا، ئىشلەتمىسەكمۇ قاچىلاپ باقاتتۇق...كەچقۇرۇن ئۇ ئاداش كەلدى... قولىدا 3.5 ديملۇق يۇمشاق دېسكىدىن 7 قاپ تۇراتتى~~...... ئويلاپ بېقىڭلار 7 قاپ دېسكا ھە... ئاز كام 100 مېگابايت~! دېسكا دېگەننى يەيدىكەندە ~~ دىيىشىپ قاچىلىدۇق...
   قاچىلانغاندىن كېيىن قارىسام ۋىندوۋس 3.0 ئىكەن، ئاۋۇ ئوففىس دىگەننىڭ نەشرىمۇ 4.0 ئىكەن.... توۋۋا... دېتال بولا مۇشۇنچىلىك بولا؟ ئالامەت ئىكەنتۇق...
  شۇ چاغلاردا كومپيۇتېرىمنىڭ سەپلىمىسىگە قارىسام "مودېم" دەيدىغان بىرنىمىسىمۇ بار ئىكەنتۇق.... تېلېفون ئارقىلىق ئىككى كومپيۇتېرنى ئۇلايدىغان نەرسە دەپ چۈشەندۈرگەن ئىدى ئاغىينەم...بىر يىلدىن ئاشقاندا ۋىندوۋس 95 دېگىنى چىقتى...
  بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ چوڭ ئۆيگە كېتىۋاتسام، بۇرۇن بانكا قىلغان بىر بىنانىڭ بىرىنجى قەۋىتىنىڭ ئالدىغا گۈلدەستىلەرنى سېۋەتلەپ تىزىۋېتىپتۇ... ۋاقىلداق دېگەننى پاراسلىتىپ ئېتىۋېتىپتۇ... نېمە قىلىدىغان يەر ئىكەن بۇ دېسەم "ۋاڭبا" دەيدۇ...ھەم كىرىپ كۆرۈپ باق، بۈگۈن ئىككى سائەت ھەقسىز... دېدى... كىرىپ بىر كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرسام... بىر مۇلازىم كېلىپ :"تورغا چىقىشنى بىلەمسىز؟" دەپ سورىدى... مەن ئۇ چاغدا "تور خوشنام" نى ئېچىپ "تور نەدىدۇ؟" دەپ ئىزدەۋاتقان ئىدىم...مەن بېشىمنى چايقىدىم..ئۇ قىز كېلىپ IE 4.0  نى قوش چەكتى ... بىر بەت ئېچىلدى... ئۇ يەردە نۇرغۇن ئادرېس بار ئىكەن... مەن "رەھمەت~!" دەپلا مائۇسنى ئىتتىك تارتىۋېلىپ بىر چىقىپتىمەنكى تور دېگەنگە~~ ئەييۇھەنناس~! چۈشلۈك تاماقنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن..
  كېيىن مۇلازىم "ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتتى، ئەمدى يەنە ئولتۇرىمەن دېسىڭىز سائىتىگە  15 سوم~!" دېگەندە ئەندىكىپ تۇرۇپ كېتىپتىمەن... 15 سوم~! شۇ چاغلاردا 15 سوم دېگەن مېنىڭ يېرىم ئايلىق تاماكا پۇلۇم ئىدى... ... غەزەپ بىلەن چىقىپ كەتتىم.... ئەمما.... ئەمما... ئەتىسى چىدىماي يەنە كىردىم. شۇنداق... يەنە كىرىپ ئېسىمدە يوق 3 سائەت ئوينىۋېتىپتىمەن... چىدىمىدىم... ئۆگۈنى يەنە كىرىپتىمەن.... بوپتۇلا تاماكا چەكمىسەملا بولدىغۇ دەپ... 4- كۈنى يىغلاپ تۇرۇپ كىرسەم، مۇلازىم: "ئەزالىق كېنىشكىسى بېجىرسىڭىز سائىتى 10 سوم" دېگەن خوش خەۋەرنى يەتكۈزدى... خوش خەۋەر بولا مۇشۇنچىلىك بولا؟... لېكىن... ئۇ چاغدىكى مائاش ... بىلىسىلەر... ھەييييييي.... ئاخىرى پوچتىخانىغا باردىم... زادى مۇشۇ نېمەڭلار نەچچە پۇل؟ دېسەم، "163 ئارقىلىق ئۇلانسىڭىز سائىتى  3.60 يۈەن، 169 ئارقىلىق ئۇلانسىڭىز 3.00  " دەيدۇ؟؟؟ 163 دېگىنىدە چەتئەل بەتلىرىنى ئاچقىلى بولىمىشكەن... ھېلىقى مېنى بىر ئايغا يېقىن  ئېكىسپلاتتاتسىيە قىلغان ۋاڭبا نى مىڭنى تىللاپ، ئۆيگە تور ئاچقۇزۇپتىمەن... نەچچە يىل بولغاندۇ؟
   ................
  "تېمىدىن چەتنەپ كېتىپسىز " دېسەڭلارمۇ مەيلى... بىر پۇتىمىز تورغا ساڭگىلىغان ئادەم... مەن توردا تونۇشقانلارنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرمەي... تونۇرغا ئىڭىشكەندە ساقالغا ئوت تۇتاشمىسۇن دەپ ئېلىۋېتىپ "ياشتەك"  يۈرگەن بىلەن،  ئۇنى- بۇنى تونۇيمەن دېسەم... ئۇلار ئاڭلاپ قېلىپ، "توۋۋا~~ مۇنۇ تېخى ئۆلمەپتىما؟" دەپ سالسا، كۆڭلۈم يۇمشاق ئادەم... تولا يىغلاپ سامسام تۇزلۇق بوپ كەتمىسۇن...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1834

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 10:24:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بىر تېما بىلەن ھەممەيلەننىڭ كونا سىرلىرى ئاشكارا بولغىلى تۇردى.
قېنى داۋاملىق ھە........
مەنمۇ يېزىپ قالامدىم تېخى!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:36:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور دىگەن ئىسمنى كىم قويغان بولغىيتى ... ئىسىمى -جىسمىغا لايىق توركەن بۇ ،،،
مەنمۇ 2006 - يىلى تورچى چايخانىسغا تۇنجى كىرىش بىلەن تور ھاياتىم باشلانغان ،،، شۇ چايخاننىڭ كۆزگە كۈرنەرلىك باشقۇرغۇچىسىدىن بىرى مەن ئىدىم ،،،  شۇنداق قىلىپ ماڭا قىزقىدىىغان منىڭ ئاۋازىمنى سۆزلىگەن سۆزلىرمنى سىغنىدىغان غۇلجۇلۇق بىز قىز بىلەن تۇنۇشتۇم ئۇنىڭ توردىكى نامى مەردانە ئىدى ،،،  مەن ئۇقىز بىلەن تورخاندا كۈرۇشكەن ...ئۇقىز روس تىلىنى تەربىلەش مەركىزدە يەنى ئورخۇن تەربىلەش مەركىزدە ئوقۇيتى ،،بىز بەكلا ئاسان چىقشىپ كەتتوق شۇنىڭ بىلەن 2008-يىلغىچە ئارلىشىپمۇ ئۆتتۇق ئاتا-ئانسى  ۋە منىڭ ئاتا-ئاناممۇ بىلدى بىز توي قىلدىغان چاغدا ئۇ  قىز باشقا بىرنىڭ كەيندىن ئىزىپ كەتىتى ،نەگە ئىزىپ كەتتى دەمسىز  نەگە بۇللاتتى ئىچىكىرگە ،، ئۇ مەن قەشقەرگە يىنىپ كلىپ 1 ئاي تۇرۇپ بارغۇچە ئاسمان زىمىن ئۆزگۈرۇپ بوپپتۇ ...........
لكىن ئۇ قىز بەك ياخشىتى ،،  راس 5ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن يەنە توردا كۈرشۇپ قالدۇق
ئۇ توي قىپتۇ ،،لكىن بەخىتسىزمىش . يولدىشى قىمارۋاز مىش ..بولدىلا ،،،،، ئىش قىلىپ بو تور .يەنە دەيدىغنىم بۇ تور ،،،،،،،،،،،،،،،،

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
122

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 04:39:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يازسام بولغۇدەك ...

يۇم كۆزۇڭنى

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:46:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازسام بولغىدەك دەپلا يوقاپ كەتمەي يازىلى مانداق ، قېنى ئۇلۇغبىكنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ باقايلى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:05 , Processed in 0.046258 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش