يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 580|ئىنكاس: 8

بەش سىزىقلىق نوتىدىكى<< قۇمۇچاقلار>> نېمىدىن ئىبارەت؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:02:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بەش سىزىقلىق نوتىغا قارىساق،ئۇ بىر توپ قۇمۇچاقلارنىڭ بەش تال سىزىقتىن
تەركىب تاپقان دولقۇنلاردا خوشال -خورام ئويناپ يۈرگىنىگە ئوخشايدۇ،بۇ كىچىك
قۇمۇچاقلار ئەمەليەتتە ھەربىرى بىردىن نوتىدۇر.
ھەربىرنوتا باش ئاۋاز ، غول ئاۋاز ۋە ئاياغ ئاۋاز دەپ ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ.
باش ئاۋاز كاۋاك ياكى پۈتەي ئېللىپىس شەكىلىك بەلگە بولۇپ،بەش سىزىقلىق نوتىنىڭ
سىزىقلىرى ئۈستىگە ۋە ئارىسىغا قويۇلىدۇ، غول ئاۋازنىڭ يۇقىرغا قارايدىغانلىقى ياكى
تۆۋەنگە قارايدىغانلىقى باش ئاۋازنىڭ ئورنىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ، كىچىك قۇمۇچاقنىڭ
قۇيرۇقى ئاياغ ئاۋاز ،مەڭگۈ غول ئاۋازنىڭ ئوڭ يىنىدا بولىدۇ ھەمدە بېشى باش ئاۋازغا
قاراپ كۆتۈرلۈپ تۇرىدۇ.
                         ياقتۇرۇپ ئەۋەتكۈچى( ن پولات)
                         مەنبە:  ( رەڭگارەڭ مەدەنىيەت)

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 00:00:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ <<قۇمۇچاقلار>>غا قاراپ مۇزىكا چالغانلارغا قاراپ، ناخشا ئېيتقانلارغا قاراپ ھەيران قالىمەن، قانداق چۈشىنىپ، قانداق ئېيتار شۇ ناخشىلارنى، قانداق چالار شۇ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان كىلاسسىك مۇزىكىلارنى بەلكىم كەسىپ ئەھلىلىرىگە ھېچگەپ ئەمەستۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 20:23:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېمىنىڭ مەزمۇنىنى چۈشۈنۈشكە بىلىمىم ئاجىزلىق قىلدىمۇ نېمە؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى 09:26:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوتا بەلگىلىرىنى قۇمچاقلارغا بەك جانلىق ئوخشىتىپ سەنئەت ساۋادىدىن ئۇچۇر بېرىپسىز. كەسىپتە ئىزچىل روناق تېپىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى 09:55:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇل خوتۇن دەپ...( ي.ئىبراھىم)

تۇل خوتۇن دەپ

ياسىنجان ئىبراھىم

مودا قىلىپ ئۆزىچە دائىم رەڭلىك سورۇننى،
ئاجىزەنى پەس كۆرۈپ تىكلىۋېلىپ بويۇننى،
دەز كەتكۈزۈپ تۇرمۇشقا ئۆزى ئويناپ ئويۇننى،
شۇنچە ئىللىق ئۆيىگە باشلاپ تەتۈر قۇيۇننى،
ئەر ئەمەسمۇ بۇرادەر تۇل قالدۇرغان خوتۇننى.

تانالمايمىز بىزدىمۇ شاللاق ئايال يوق ئەمەس،
قىز-ئايالنىڭ ھەممىسى مىشچان،نايناق "شوق" ئەمەس،
تۇل ئايالنىڭ ھەممىسى سېسىغان بۇزۇق  ئەمەس،
تالاپ-چىشلەپ تارتىشقا دائىم ئۇلار "لوق" ئەمەس،
بىر تاياقتا ھەيدەمدۇق كۆرۈپ بىرلا يوچۇننى.

دىيانەتلىك مېھرىبان ئانىلار بار تۇل قالغان،
ۋىجدانىدىن ئىماندىن قەلبلەرگە ئىز سالغان،
كۆيۈپ پەرزەنت ئوتىدا ھىممىتىدىن زوق ئالغان،
مۇشەقەتتىن ۋايسىماي پاك ياشاشنى تاللىغان،
ئۆرنەك قىلىپ ئۆزىگە ئەجدادىنى يوسۇننى.

ئۇلۇقلايمىز ئانىنى ھەر بىر ئوغلان سۈت ئەمدۇق،
تۈزەلمەي ئۆي-ماكاننى ئۆزىمىزنى ئەر دەمدۇق،
ناپاك بولسا شۇ ئايال ھارام دىمەي ئاش يەمدۇق،
قوغدالمىساق بىر ئۆينى باش كۆتۈرۈپ يۈرەمدۇق،
كۆرۈپ قالماق ئۆلۈمدۇر گۈلىمىزدە قۇزغۇننى.

يوقمۇ بىزدە ئايالنى خارلىغانلار "قۇل" قىلىپ،
قوغدىماستىن قوغلىغان كوچىلارغا تۇل قىلىپ،
كۆز-كۆز قىلىپ ھەر جايدا تەشتەكتىكى گۈل قىلىپ،
ھەتتا نومۇس قىلماستىن رەستىلەردە پۇل قىلىپ...
ئىشلەتتۇقمۇ بارچە ئەر ۋىجدان ئاتلىق سوپۇننى.

بىر ئائىلە بىر ۋەتەن ئەرگە تالىق قىسمىتى،
روناق تاپقاي ياشنىغاي بولسا چەكسىز ھىممىتى،
ئەرگە بېقىپ ئاشمامدۇ ئايالنىڭمۇ قىممىتى،
ھايا-نومۇس ئىنساننىڭ پەزىلىتى زىننىتى،
ئاش سورىما ئايالدىن تەييار قىلماي ئوتۇننى.

تۇل خوتۇننى كۆپەيتىپ ۋايسىمايلى ئەر بولساق،
چاقناتقىنى ۋاپادار شۇ خوتۇندۇر  زەر بولساق،
تەڭ ئۈلىشى بىزدە بار نۇقسانلارنى دەر بولساق،
تەڭ بولىمىز ئاقىۋەت ئار-نومۇستىن يەر بولساق،
پاك بولسىلا بىگۇناھ  تۇل قىلمايلى خوتۇننى...

  مەنبە: ئۆزۈم

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 14:37:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئىرنى ئوقۇپ ناھايتىمۇ ھاياجانلاندىم ،ھازىر جەمىيىتىمىزدە مەسئولىيەتسىز ئەرلەر
كۆپەيگەنسىرى جەمىيەت قالايمىقانلىشىپ ھەممە نەرسە ئۆز قەدىر قىممىتىنى يوقاتماقتا،
ھەر قانداق بىر ئەر سىزدەك ئاشۇنداق ئويلىغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە!!!
مەنچە ھەرقانداق بىر ئاجىزە ئىللىق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشنى خالىمايدۇ،پەقەت
چىدىغۇچىلىكى قالماي ئامالسىز قالغان ۋاقىتتىلا شۇنداق بولمىسا............
كونىلاردا << ئەر يەكلىگەننى ئەل يەكلەيدۇ >> دىگەن گەپ بار،شۇنىڭ ئۈچۈن
<ئەرلەر.......ھەرگىزمۇ زىمىمىزدىكى ئەرلىك مەسۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى،ئاشۇ
ئاجىزەلارگە كۆچۈل بۆلەيلى،چۈنكى ئاللاھ....ئاجىزەلەرنى سىلەرنىڭ قورىغاڭلاردىن
ياراتغان>....مەن ئۇلۇغ ئاللاھ...دىن ئەرلىرىمىزگە ئىنساپ ئاياللىرىمىزغا ئىمان تىلە
يمەن..<ئامىن>....

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 18:51:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تەبەسسۇم333،يۇقىرىدىكى شېئىرنى مۇنبەرگە يوللىغاندەك قىلغان ئىدىم، ئىنكاس ئورنىغا چىقىپ قاپتۇ. كەچۇرۇڭ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:07:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىچقىسى يوق..... مەن سىزنىڭ شئىرىڭىزنى ئوقۇپ ئىنكاس يوللىسام  مۇنبەرگە  چىقىپ
قالغاندەكلا  ئىش بولۇپتۇ  قارىغاندا << بىر قاققا -بىر قاق>> دىگەن شۇ بولسا كىرەك

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:14:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي تەبەسسۇم333، چاقچاققا بىر كەلتۇرىۋالدىڭىز ھە؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 03:32 , Processed in 0.047693 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش