يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1055|ئىنكاس: 29

(ئاھۇ) ئانار ھەم ئاچچىق ھەم تاتلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
360

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:31:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانار ،تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك!


گۈل بەر!-دېدىڭ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ،
بىر بوستانلىق بىنا ئەيلىدىم
.
گۈل بەر!-دېدىڭ بولدۇقلاپ تۇرۇپ،
مىھرىم بىلەن يەردەك تەۋرىدىم
.

گۈل بەر!-دېدىڭ نازلىق تولغۇنۇپ،
ئەقىل قۇشۇم قەپەستىن قاچتى
.
گۈل بەر!-دېدىڭ چۈشتىن ئويغۇنۇپ،
دوستلۇق مېھرى دېڭىزدەك تاشتى
.

گۈل بەر!-دېسەڭ،گۈلۈم ناۋادا،
قىيا تاشقا ھىلالدەك قونۇپ
.
قارلىغاچ بوپ ئۇچاي سامادا،
لىۋىمگەلىق چىچەك تولدۇرۇپ
.

گۈل بەر!- دېگەن تاۋۇشۇڭ بىلەن،
بىر تال گۈلگەئايلىنىپ قالدىڭ.
ئاناڭ بەردى بەختىڭگە دۇئا،
ھاياتلىققا قەدرىڭنى يايدىڭ
...


دوسىتلىرىنىڭ قەدىرىنى بىلىش ،ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىدىغان
ئەقىللەردىن ئەمەس.ئۆز دوسىتلىرىغا سەمىمى مېھىرىدىن رىياسىز مۇئامىلەقىلىش-ئانارنىڭ ئەڭ ئىسىل پەزىلەتلىرىدىن.ھاياتنىڭ يېڭى قىسمەتلىرى ئۈچۈن،تېخىمۇپىشىپ،تېخىمۇ تولغان روھ ۋە تېنى بىلەن لىۋەن قەدەم تاشلىغان ئانارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن!...ئۇنىڭ ئانىسىغا تەشەككۈرلەرھەم!...


قوللىرىڭغا گۈل سۇنالمىدىم،
گۈل ئورنىدا مېھرىمنى بىرەي
.
خوشاللىقتاتۆكۈلسە يېشىڭ،
مارجىنىم دەپ ئاۋايلاپ تىرەي
.

قەدرىڭ بىلەن قەلبىڭنى بىزەپ،


گۈلدەك ياشاپ كەلدىڭ ئومىقىم.
ئسىىڭدىدۇ يۈزۈڭنى چىمدىپ،
يىنىك سۆيۇپ قويغان قىلىقىم؟




بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ،
نىمىلەرنى دىگۈڭ بارماڭا ؟
ئوت ئىچىگە ئۆزۈڭنى ئاتقىن،
ھەسرىتىڭدىن بولغانچەجۇدا...



[ ئاھۇ بۇ يازمىنى  2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:55  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:45:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ھەقىقى قەلەم ئىگىلىرىلا مۇشۇنداق دۇردانىلارنى تىزالايدۇ، ئويلىغانلىرىنى مانا مۇشۇنداق قۇرلارغا تۆكەلەيدۇ.
ئانىرىم، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! ئاھۇ ئېيتقاندەك تېخىمۇ بەردەم بولۇپ گۈلدەك چىرايلىق بولۇپ كېتەرسىز !!

Rank: 4

توردا
201 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
691
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:55:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە ۋە ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن ! ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق تۇرمۇشىڭىز كۆڭۈللۈك ئۆمۈرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن !!!!!

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:49:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىق ئانار يۈرەككە دورا دەپتىكەن ئاھۇ .
ئانار قىزنىڭ قۇتلۇق كۈنىگە مۇبارەك!
مېھرىبان ئانىڭىزنىڭ سىزنى ئاپىرىدە قىلغان كۈنىگە مۇبارەك!
سىزنىڭ دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان ئاشۇ ئېسىل پەزىلىتىڭىزدىن سۆيۈندۈم،<<مېلىڭ مىڭغا  يەتكۈچە، دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن>>، دېگەندەك ، سادىق دوستلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
222 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1232

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 00:44:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ھەدە ....بۇ سوۋغا ھەقىقەتەن بەك ئالاھىدە بولدى ، ئېسىمگە سىز بىلەن دائىم جىدەللىشىدىغان كوناجايلارنى كەلدى گۈلبەردىن سىزگە مىڭچە تەشەككۈلەر !!!ئاناردىنمۇ ھەم

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
171 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
297
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 13:41:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە تونۇشمىساقمۇ، گەرچە باشقا مەۋلۈد سوۋغىلىرىنى تەييارلىيالمىغان بولساممۇ، ئاللاھ خالىسا يىلدا بىر كېلىدىغان بۇ قۇتلۇق خاتىرە كۈنىڭىزنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلىگۈم كەلدى....
  ھەممىسى مېھرىبان ئانىڭىزغا تەشەككۈرلەرنى ئېيتىشىپتۇ. مەن داداشنى تەبرىكلەپ قوياي... داداشمۇ جاپا چەككەندۇ سىزنى قاتارغا قوشقىچە؟...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1740

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:44:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى كىممۇ شېئىر يېزىپ تەبرىكلەر؟
ئانار ئۈچۈن بۇ شېئىرلار ئەڭ ئېسىل سوۋغا بوپتۇ. دوستلۇقنىڭ قەدرىنى قىلغاندىلا ئۇ ھەقىقىي دوستلۇق بولدىكەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
53 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
321
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:47:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدا مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلمىغان دوستلۇقلا ھەقىقى دوستلۇق بولۇپ ئۇ مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
مەن ئاھۇ ھەدەمگە تۇغۇلغان كۈنىمىنى پىچرلاپ تۇرۇپ دەپ بەرمىسەم تازا ، ماڭىمۇ شېئىر يېزىپ بېرىدۇغۇ تازا

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
360

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:24:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانار،قەھۋە ئىچكەچ ئولتۇرۇپ مۇزىكا ئاڭلاشقا ئامراق ئىدىڭىز. ئۆزىڭىز ئۈچۈن شۇنچىلىك ۋاقىت ئاجىرتىشنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىزلا  بىز خاتىرجەم. سالامەت بولايلى

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
360

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:27:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق!مېنىڭ قەلبىمدە شېئىردەكلا گۈزەل نۇرغۇن نەرسىلەر بار...شۇنىڭ بىلەن تەبرىكلەيمۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 02:27 , Processed in 0.132388 second(s), 19 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش