يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 630|ئىنكاس: 3

شادىمان؛ تۇرپان كارىزلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا رىۋايەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
25
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 20:23:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپان كارىزلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا رىۋايەتلەر

كارىزنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدىكى يازما ماتېرىياللار يوق ، ئەمما ، تۇرپان دېھقانلىرى ئارىسىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن مۇنداق ئۈچ خىل رىۋايەت بار.

بىرىنچى خىل رىۋايەت: قەدىمكى زاماندا چىگە بۇلاق ئەتراپىدا تاشئاخۇن ئىسىملىك بىر چارۋىچى بوۋاي ئۆتكەنىكەن . ئۇنىڭ توققۇز ئوغلى بار ئىكەن . تاشئاخۇن ئوغۇللىرىنى ئۆيلەپ نەۋرە – چاقىلىق بولۇپ ، جان سانى ئەللىككە يېتىپتۇ . بوۋاي بىر كۈنى بالىلىرىنى يىغىپ ، ئۇلارغا : "سىلەر ئەمدى چوڭ بولدۇڭلار . مەندىن كېيىن قالساڭلار ، بۇ كىچىككىنە بۇلاق سۈيى تىرىكچىلىك قىلىشىڭلارغا يەتمەيدۇ . شۇڭا باشقا جايدىن سۇ تېپىشىڭلار كېرەك" دەپتۇ - دە ، ئوزۇق - تۈلۈك تەييارلاپ ، توققۇز ئوغلىنى توققۇز تەرەپكە يولغا ساپتۇ . سەككىز ئوغۇل مەڭگۈ بۇلاق (مۈنكە بۇلاق) ، چىگە بۇلاق ، پاقا بۇلاق ، توشقان بۇلاق ، تاللىق بۇلاق ، توغراق بۇلاق ، سىڭگىم بۇلاق ، يىلان بۇلاق دېگەن بۇلاقلار ئەتراپىغا ماكانلىشىپتۇ . ئەڭ كىچىك ئوغۇل بولسا ، ماڭا - ماڭا تاغ باغرىدىكى ئوت - چۆپلەر ، يۇلغۇن ، سۆگەت قاتارلىق دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان ياپيېشىل بىر جايغا كېلىپ قاپتۇ . قارىسا بۇ يەردە چوكىدەك سۇ سىرغىپ ئېقىۋاتقان ، ئەتراپىدا نەم ئۆرلەپ تۇرغۇدەك . يىگىت سۇ كەلگەن تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ . قارىسا بىر تۈپ قومۇشنىڭ ئاستىدىن سۇ چىقىۋاتقانىكەن . ئۇ : "مۇشۇ جاي بولىدىكەن ، سۈيى ۋە يېتەرلىك ئوت - چۆپى بار ئىكەن" دەپ قايتىپ كېلىپ ، ئەھۋالنى ئاتىسىغا مەلۇم قىپتۇ . ئاتىسى ئوغۇللىرىنى باشلاپ كېلىپ قارىسا ، دېگەندەك ياخشى جاي ئىكەن . ئۇ سۇ چىقىۋاتقان يەرگە كېلىپ بالىلىرىغا : "بۇ سۇ چىقىۋاتقان يەرنى ئىچكىرىلەپ كولاڭلار " دەپ تاغنىڭ ئىچىگە قاراپ ئىككى – ئۈچ كۈن كولاتقۇزۇپتىكەن ، سۇ بارغانسېرى ئۇلغىيىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ ئاياغ تەرىپىگە كۆل چېپىپ ، سۇنى كۆلگە باشلاپتۇ . كۆل ھەر كۈنى بىر قېتىم توشىدىكەن . شۇنداق قىلىپ كەنجى ئوغۇل مۇشۇ جايغا ماكانلىشىپتۇ . ئاتىسى : "بالام ، بۇ بۇلاقنى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ چاپقانسېرى سۈيى ئۇلۇغلاپ بارىدۇ ، شۇڭا ھەر كۈنى ئاز - ئازدىن چېپىشنى داۋاملاشتۇر" دەپ تاپىلاپتۇ . كەنجى ئوغۇل شۇنىڭدىن باشلاپ كۈندىلىك ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىنلا ، تاغنىڭ ئىچى تەرىپىگە قاراپ ئېرىق چېپىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . ئايلار ۋە يىللار ئۆتۈپ ئېرىق بارا - بارا چوڭقۇرلاپ تىلىمغا ئايلىنىپتۇ . تىلىمدىن تەشمىگە ئايلىنىپتۇ . تەشمە ئۇزارغانسېرى لاي چىقىرىش ۋە نەپەسلىنىش قىيىنلىشىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۈستىدىن قۇدۇق قېزىپ چۈشۈپ ، لاينى شۇ قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىرىدىغان بوپتۇ . شۇنداق قىلىپ قىسقا تەشمىلىك بىر قۇدۇقلۇق ئىپتىدائىي كارىز پەيدا بوپتۇ . كېيىن بۇ ئۇسۇل� باشقا جايلارغىمۇ تارقىلىپتۇ.

ئىككىنچى رىۋايەت: قەدىمكى زاماندا بىر پادىچى بالا ئايدىڭكۆل ياقىسىدىكى بىر ئوتلاقتا مال باقىدىكەن . بىر كۈنى ئۇ چىڭقى چۈشتە مال بېقىۋېتىپ بەك ئۇسساپ كېتىپتۇ - دە ، سۇ چىقىپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىد بىلەن نەم ئۆرلەپ تۇرغان يەرگە تاياقنى غۇلاچتىن ئوشۇقراق پاتۇرۇپ ، سۇغۇرۇپ ئېلىپ قارىسا ، ئۇچىغا لاي يېپىشىپ چىقىپتۇ . پادىچى بالا : "كولىسام سۇ چىقىدىغان ئوخشايدۇ" دەپ ئويلاپ ئەتىسى كەتمەن ئەكېلىپ قارىسا تاياق سانجىلغان تۆشۈككە سۇ يىغىلىپ قاپتۇ . ئۇ ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولۇپ ، بۇ يەزگە بىر كۆل كولاپتۇ . ئەتىسى كېلىپ قارىغۇدەك بولسا ، بۇ كۆلنىڭ يېرىمىغىچە سۇ يىغىلىپ قاپتۇ . پادىچى بالا بۇ ئەھۋالنى ئاتىسىغا ئېيتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلىلىك ئادەم كېلىپ ، سۇ چىققان يەرنى چوڭقۇرلاپ چاپقانىكەن ، كەتمەن سېپىدەك سۇ چىقىپ ئېقىشقا باشلاپتۇ . بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان دېھقان باشقا قاراپ چېپىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . ئېرىق بارا - بارا چوڭقۇرلاپ ، قازىدىغان توپا مىقدارى كۆپەيگەندىن كېيىن ، ئېرىق قېزىشتىن تەشمە قېزىشقا ئۆتۈپتۇ . تەشمە تېشىلىپ مەلۇم جايغا بارغاندا ، لاي چىقىرىش ، ھاۋا ئۆتۈشۈش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، ئۈستىدىن قۇدۇق قېزىپ چۈشۈپتۇ . شۇنىڭ بىلەى بىر قۇدۇقلۇق ئىپتىدائىي كارىز پەيدا بولغانىكەن . كېيىنچە بۇ كارىز باشقا قارىتا ئۇزارتىلىپ قۇدۇق سانى تەدرىجىي كۆپىيىپ ، نۇرغۇن قۇدۇقلۇق كارىزغا ئايلانغانمىش.

ئۈچىنچى رىۋايەت: تۇردىئاخۇن ئىسىملىك بىر ئوۋچى ئايغىر بۇلاق تېغىغا شىكارغا چىققاندا ، كەچ قېلىپ دالىدا يېتىپ قاپتۇ . كېچىسى قۇلىقىنى يەرگە يېقىپ ياتسا ، يەر ئاستىدىن سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ . يەر ئاستىدا ئېقىن سۇ بار ئوخشايدۇ ، دېگەن خىيالغا كەلگەن تۇردىئاخۇن ئەتىسى بالىلىرىنى ئۆزى قونغان جايغا باشلاپ كېلىپ ، ئۇ يەرنى نەچچە غۇلاچ قازغانىكەن ، سۇ چىقىپتۇ . ئاندىن قۇدۇق سۈيىنى تەشمە ئارقىلىق ئېقىتىپ يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىپتۇ . توقسۇندىكى ساي كارىز مانا مۇشۇنداق پەيدا بولغانمىش.

         باغداش تورىدىن ئېلىندى.



Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
9
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 20:39:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارىز ھەققىدە يوللىغان رېۋايەت ناھايىتى ياخشىكەن . ھەممىسىنىڭ بىر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار . ئەجدادىمىزنىڭ ئەقىل- پاراسەتلىرى نېمە دېگەن قالتىس- ھە !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2183

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى 21:06:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شادىماننىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنى سېغىنىغاندەك قىلىمەن ، بۇ ئەھمىيەتلىك تېمىڭىغىمۇ تەشەككۈر ئۇكام .
قايسى كۈنى تېلۋېزوردا خەۋەردە كارىزلارنى قايتا رېمۇنت قىلىش جەريانىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 20:21:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنجى رىۋايەتنىڭ مەنىسى چوڭقۇر ئويلانغىدەك ئىكەن. ئىنسان ياشاش يولىدا نىمىلەرنى قىلمايدۇ؟
تەبىئىي كارىزلىرىمىز يوقىلىپ كېتىۋاتماقتا.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:10 , Processed in 0.048098 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش