1.ئاياللارنىڭ كۈچى چىدامچانلىقتا ئىپادىلىنىدۇ
ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى خىمىيىلىك تەركىپ ئەرلەرنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ماي ماددىسى كۆپ، مۇسكۇللار ئازراق بولغانلىقتىن، ئاياللارنىڭ چىدامچانلىقى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ... مەسىلەن: يېشى، سالامەتلىكى ئوخشاش بولغان ئەر-ئايال ئۇزۇنغا يۈگۈرگۈچىنىڭ ئىچىدە ئايال گەرچە ئەردەك تېز يۈگۈرەلمىسىمۇ ، لېكىن ئەرلەرگە قارىغاندا ئۇزاقراق يۈگۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئادەم يۈگۈرۈش جەريانىدا بەدىنىدىكى گلىكوگېن ماددىسى تەمىنلىگەن " يېقىلغۇ " غا ئايلىنىدۇ. لېكىن، گلىكوگېن ماددىسى تەمىنلىگەن " يېقىلغۇ " چەكلىكبولغاچقا، بەدەندىكى ماينىڭ داۋاملىق " يېقىلغۇ " بولۇپ بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ . كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى دەپۈس مەكتىۋىدە ئېلىپ بېرىلغان بىرقاتار تەكشۈرۈشلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئاياللارنىڭ تېنىدە 25 پىرسەنت ماي ماددىسى، ئەرلەرنىڭ تېنىدە 15 پىرسەنت ماي ماددىسى بولىدىكەن. شۇڭا گلىكوگېن ماددىسى تەمىنلىگەن " يېقىلغۇ " ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئاياللار ئۇزۇن ۋاقىتقىچە بەدىنىدىكىماي ماددىسى تەمىنلىگەن " يېقىلغۇ " دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تولۇپ - تاشقان جىسمانىي، مەنىۋىي كۈچىنىساقلاپ قالالايدىكەن. بىراق، ئەرلەر بولسا ئاسانلا ھېرىپ قالىدىكەن. ئامېرىكىلىق بىر جۈپياش ئەر-ئايال بولۇپ، ئېرى دائىم : " ئايالىم بەك ئاجىز ، شامال چىقسىمۇ ئۇچۇپكەتكىلىتاس قالىدۇ، ھەتتا مۇراببا قۇتىسىنىڭ ئاغزىنىمۇ ئاچالمايدۇ، بازاردىن نەرسە - كېرەك سېتىۋالغاندا، مەن بولمىسام نەرسىلەرنى ماشىنىغىمۇ سالالمايدۇ...... " دەيدىكەن. بىر يەكشەنبە كۈنى ئۇلار شەھەر سىرتىغا چىقىپ مۇز تېيىلىپ ئوينىغان. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئېرى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن، كرېسلوغا ئۆزىنى تاشلىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالغان. لېكىن، ئايالى بولسا كەچلىك تاماقنى ئېتىپ، تاتلىق تۈرۈملەرنى پىشۇرۇپ ئارام ئالماي ئىشلەپ كەتكەن. ئېرى تاماقنى يەپ بولۇپلا ئۇخلاپ قالغان. لېكىن ئايالى پوپايكا توقىغاچ تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان. ئازراقمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمىغان. ئېرى بۇنىڭدىن ئەجەپلىنىپ، ئايالىمئادەتتە يالغاندىن ئاجىز قىياپەتكە كىرىۋېلىپ مېنى ئىشقا سالىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالغان. ئەمىلىيەتتە ئۇ ئاياللارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەن.
2. ئاياللار بىۋاستە سېزىمىغا تايىنىپ شەيئىلەرنىكۆزىتىشكە ماھىر بولىدۇ
ياش قۇرامىغا يەتكەن ئەر - ئاياللارنىڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ پەرقىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئەرلەر كىتاب ئوقۇغاندا ئاساسەن سول مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ. خەرىتە ئارقىلىق بىرەر جاينى ئىزدىگەندە ئوڭ مېڭىسىنىئىشلىتىدۇ. لېكىن، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئىشنى بۇنداق بۆلۈۋالمايدۇ. كۆرۈشسەزگۈسى قابىلىيىتىنىتىزگىنلەيدىغان ئوڭ مېڭىسى تىل قابىلىيىتىنىمۇ تىزگىنلەيدۇ. تىل قابىلىيىتىنى تىزگىنلەيدىغان سول مېڭىسى كۆرۈش سەزگۈسىنىمۇ تىزگىنلەيدۇ . شۇڭا، ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا چوڭ مېڭىنىڭئىككى بۆلىكىدىن تەڭ پايدىلىنىپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇ بىر خىل بىۋاستە سەزگۈنىڭياردىمىگە تايىنىپ پىكىرقىلىش ئىقتىدارىدۇر. شۇڭا، ئاياللار باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى زېھىن قويۇپ ئاڭلاش بىلەن بىرگە، سۆزلىگۈچىنىڭ ھېسسىياتى، كىيىنىشى، ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە سۆزلىگۈچىنىڭ ئويلىغىنى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بىلىۋېلىشتا ئاياللار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ.
ئاياللارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى ------ ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت، كۆيۈنۈش، ئىللىقلىق، مۇھەببەتتۇر!!!
ئاياللار ئېرى بىلەن جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەر-ئاياللار ھېسسىياتىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىراق، نۇرغۇنلىغان ئەرلەر ئايالى بىلەن بولغان ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا سەل قارايدۇ.
3.ئاياللار ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى ۋە ئىجتىمائىيتۇرمۇشتىكىئورنىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ
ئادەتتە سول مېڭىسى تىل ئىقتىدارىنى ، ئوڭ مېڭىسى كۆرۈش سەزگۈ قابىلىيىتىنى تىزگىنلەيدۇ . قىزلارنىڭ سول مېڭىسى ئوغۇللارنىڭكىگەقارىغاندا تېز تەرەققى قىلىدۇ، ئوغۇللارنىڭ ئوڭ مېڭىسى قىزلارنىڭكىدىن بالدۇر يېتىلىدۇ. شۇڭا، قىزلارنىڭ سۆز، يېزىقچىلىق قابىلىيىتى ئوغۇللارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئالمىزار تورىدىن ئېلىندى.
[
Coffee بۇ يازمىنى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:18 دە تەھرىرلىگەن. ]