ھـــەي ، شــۇ ئـۆتـكەن كـۈنـلـەر...
«بۇرۇن، ھېلىقى چاغلاردا ... ھە، شۇ ئۆتكەن كۈنلەر ... شۇ كۈنلەر ... دەيسەن. نېمىشقا شۇ ئۆتكەن كۈنلىرىڭنىلا سېغىنىسەن؟ نېمە ئۈچۈن ئۆتمۈشىڭگىلا تېۋىنسەن؟ سېنىڭ بۈگۈنۈڭ يوقمۇ؟ ئەتەڭ يوقمۇ؟» ئۆزۈمنى پات - پات مۇشۇنداق سوراق قىلىمەن. بۇ سوراقلېرىمغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن كاللامنىمۇ خېلى قاتتۇرۇپ كېتىمەن.
مېنىڭ «بۈگۈن» لېرىم بولغان ھەم بولۇۋاتىدۇ، «ئەتە» لېرىممۇ بولغان ھەم بولۇۋاتىدۇ. تالاي - تالاي «بۈگۈن» لېرمنى تاماشا ياكى جاپا بىلەن، خۇشاللىق ياكى خاپىلىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتتىم. خۇشلۇق يار بولغاندا ئۇ «بۈگۈن» لېرىمنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلكىنمۇ سەزمەي قالدىم. بېشىمغا دەرد - ئەلەم كەلگەندە، ئۇ «بۈگۈن» لېرىمنى شۈنچە تەستە- تەستە ئۆتكۈزدۈم. لېكىن ھەممىسلا ئوخشاش ئۆتۈپ كەتتى . ئاسان ئۆتۈپ كەتكنىمۇ، تەستە ئۆتكىنمۇ ماڭا ھازىر ئوخشاشلا شۈنچە تېز ئۆتۈپ كەتكەندەك بلىنىدۇ.
ئۆزۈمنى بىر ئىشلارغا ئاجىز سەزگەندە، جەبرى -مۇشەققەت چەككەندە ئەتىگە تەلمۈرۈپتىمەن. ئۇ «ئەتە» ماڭا كۈتكەن قۇدرتنى بېرەلمىگەندە ياكى بېشىمدىن مۈشكۈلچىلكنى كۆتۈرۋەتەلمىگەندە يەنە ئەتىگە، يەنە بىر ئەتىگە تەلمۈرۈپتمەن. شۇنداق قىلپ، ئۇ ئەتىلەر مېنى خۇددى ئۇسسۇزلۇقتا قالغان يولۇچنى چۆل ئالۋۇنى تەلمۈرتۈپ ئەپكەتكەندەك ئەپكىتىۋېرىپتۇ. ئەمدى قارىسام، شۇ ئۆتكەن كۈنلەر بىلەن تەڭ، بالىلىقىممۇ، ياشلىقىممۇ، نەۋقىرانلىقىممۇ ئۇزاق-ئۇزاق يەرلەردە قاپتۇ. ئادەم دىگەن شۇنداق نېىمىكەن، ئۆتكەن كۈنلېرىگە ھامان قيالمايدىكەن. چۈنكى ھەر بىر كۈن ئۆتكەنسىرى ئاخىرقى نۇقتىغا، يەنە ئۆلۈمگە شۈنچە يېقىنلىشدىغانلىقىنى ئادەم چوڭ بولغاندا سېزىپ قالىدكەن.
ئۆمۈرنى دۈم قىلىنغان تۇرۇنكىسمان ھەيۋەتلىك تاغقا ئوخشاتساق، تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈش ئۇ تاغنڭ ئەتراپىدىكى چوڭقۇر ھاڭغا ئوخشايدىكەن. يەنە كىشىنڭ ھاياتى چەكسز ئىككى يوقلۇقنىڭ ئوتتۇرىسدىكى چەكلىك مەۋجۇدلۇقلا ئىكەن. باسقان ھەربىر قەدىمىڭ سېنى يوقىلىش گىردابىغا شۈنچە يېقىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقنى سەزگنىڭدە، يەنە كىلىپ، بۇ قەدەمنى كەينگە ھەرگىز باسقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرغنىڭدا، سەن قانداقمۇ ئازابلانماي تۇرالايسەن؟! ئىنسان تۇغۇلۇشتىن يوقلشقا قاراپ سوزۇلۇپ كېتىۋاتقان مۇساپنى ئۇزارتىش ئىمكانىيتنىڭ ھېچقانچە قالمىغانلقىنى سەزگەندە، ئۆتكەن ھاياتىغا ئەپسۇس - نادامەت چېكىدىكەن. ئۆمۈر پۇشايماندىن باشقا نەرسە ئەمەس، دىگەن سۆزنى كونىلار بەلكىم مۇشۇنداق چاغدا ئېيتىۋەتكەن بولسا كېرەك.
بالىلىق ھەم ياشلىق رىشتە ھەجەپ رىشتە ئىكەن. ئۆمۈر رىشتسمۇ ئاجايىپ رىشتە ئىكەن. ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالغۇڭ كېلدۇكەنكى ، ھەرگىز قويۇۋتكۈڭ كەلمەيدىكەن. ئەگەر ئۇنى بىر بۈيۈكلۈككە ئوخشاتساق، گەرچە ئۇ يەردىن سېرىلىپ چۈشۈپ بولغان بولساڭمۇ، يەنە ئۇنڭغا چاڭگاق تاشلاپ ئارغامچىغا ئېسلىپ چىقىۋالغۇڭ كېلىدىكەن. بەلكىم مېنىڭ شۇ ئۆتكەن كۈنلىرىمنى سېغىنغىنىم، ئۆتمۈشۈمگە تېۋىنغىنىم شۇ ھاياتقا چاڭگاق تاشلىغىنمدۇ؟ لېكىن، بۇ چاڭگاق خيالىي چاڭگاق. ئۇنىڭ ماڭا بېرەلەيدغىنى يا سېغنىش لەززىتى ، يا پۇشايمان ئاچچىقلا، خالاس.
توغرا، ھېلىھەم مېنىڭ بۈگۈنۈم بار، ئەتەممۇ بار. لېكىن بۇ «بۈگۈن» چەكلىك «بۈگۈن». ئۇ «ئەتە» چەكلىك «ئەتە». بۇ چوڭ چەكلىكلىكنى تولدۇرىدىغان كىچىك چەكلىكلىكلەر. مەن بۇنى ئەقىل تاپقاندا بىلدىم. بۈگۈن بىلدىم. بۈگۈن يەنە شۇنى بىلدىمكى ، كىشى ھەر بىر «بۈگۈن» نىڭ قەدرىگە يېتىشى ، شۇ «بۈگۈن» نى خۇشال، مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى بىلىشى كېرەك ئىكەن. شۇ بىر كۈنگە ھەققي مەجبۇرىيەت ئارتماي تۇرۇپ، ئەتىگە تەلمۈرگەن كىشى ئۆزىنى ھەر كۈنى تۇيدۇرماي ئۆلتۈرۈپ بارىدىكەن. بىز بۈگۈننى بۈگۈن دەيمىز، ئەتىنى ئەتە بولغاندا يەنە بۈگۈن دەيمىز. مېنىڭ بۇ يەردە ديدىغنىم: ئادەم بۈگۈننى يەنمۇ قەدىرلىشى ، ھەرگىز ئەتگە تەلمۈرۋەرمەسلىكى كېرەك ئىكەن. مەن بۇ گەپنى بۈگۈن دەۋالدىم ھەم يېزىپ چىقتىم. ئەتە بۇنى بەلكىم ئوغلۇم ئوقار، كېيىن نەۋرىلىرىم، ھەتتا چەۋرىلىرىممۇ ئوقار. ئەگەر بۇنىڭىدىن، ئۇلار ئانچە-مۇنچە نەپ ئالالىسا، مەن مۇشۇ گەپنى قىلىۋالغان «بۈگۈن» ىمدىن قانداقمۇ رازى بولماي! مەن خۇشال، ئەۋلادلېرىمغا پايدىلىق گەپ - سۆزلەرنى قىلالىغان «بۈگۈن» منىڭ بارلقىدىن خۇشال، مېنى ئەسلەيدىغان، ياد ئېتىدغان «ئەتە» لەرنڭ بارلىقىدىنمۇ خۇشال ...
لېكىن ... شۇنداقتىمۇ ... ئۆتكەن كۈنلرىمنى سېغىنىمەن، ئۆتمۈشۈمنى سېغىنىمەن ...
ھەي، ئۆتكەن كۈنلەر ...
ئاپتور: ئەخمەت ئىمىن
[
otkankunlar بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 14:35 دە تەھرىرلىگەن. ]