يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 755|ئىنكاس: 9

شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
1
يازما
16
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 10:25:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940 - يىل 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئونيار يۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1955 - يىلىدىن 1958 - يىلى 3 - ئايغىچە سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1959 - يىلى 5 - ئايغىچە پىچان ناھىيسىدە قايتا تەربىيە ئالغان. 1960 - يىلىدىن 1968 - يىلىغىچە چاپچال ناھىيىسى ۋە غۇلجا ناھىيىلىرىدە مەمۇرىي خادىم، تېخنىك، كاتىپ، ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1968 - يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ناھەق جازالانغان، 1983 - يىلى ئاقلىنىپ، غۇلجا ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 1989 - يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ كەسپىي يازغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغانغا قەدەر شۇ مەكتەپتە تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن.
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1958 - يىلى «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئىلى دەرياسى» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شېئىر ئىجادىيىتىگە رەسمىي كىرىشكەن. بولۇپمۇ 1980 - يىللاردىن كېيىن ئىجادىيەتتە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىرغىچە «بۇ دۇنيا»، «بەزىلەر»، «سەن يوق»، «كۈت»، «مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس»، «يىللار ئىزى»، «مەن سەۋدايى بولۇپ قاپتىمەن» قاتارلىق 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان. مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ بۇ شېئىرلىرى «كاككۇك گۈلى»، «يىللار ئىزى»، «كۈنلەر ئالبومى»، «ئانا يەر قەسىدىسى»، «ئۆمۈر ئىلھاملىرى»، «ھايات دېگەن مانا شۇ» دېگەن ناملاردا توپلام قىلىنىپ نەشر قىلىنغان.
مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن بىرگە يەنە پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، 20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، پوۋېست ۋە ئەسلىمىسىنى ئېلان قىلغان، بۇلار «تېنىگەن كۆڭۈل» دېگەن نامدا 2001 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىر - غەزەللىرى ئاممىباب، خەلققە يېقىشلىق بولغاچقا، كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇپ خەلق ئارىسىغا تارقالغان، كۆپلىگەن شېئىرلىرى تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:00:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنەۋەر تۇرسۇن ھەدىمىزنىڭ كۆپ قىسىم ناخشىلىرىمۇ مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ ئىجادىيىتىنى مەزمۇن قىلغان ئىكەن. سەنەۋەر تۇرسۇن ھەدىمىزنىڭمۇ ناخشىلىرى ئارقىلىق بۇ مەنىلىك ناخشا تېكىستلىرىنى بىزگە سۇنۇپ كېلىۋاتقىنىغىمۇ ھەشقاللا دىمەك لازىمدۇر.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 17:03:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ شېئىرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 10:24:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنمۇ مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ شېئىرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن .


قىزىم بېرىڭ مەكتەپكە


( مۇھەممەدجان راشىدىن )


قىزىم، بېرىڭ مەكتەپكە ،بىلىم سىزگە مەشئەلدۇر ،
ئىنسان ئۈچۈن نادانلىق ئەلمىساقتىن پېشكەلدۇر .
تالاي تۈگۈن ،تالاي سىر ھەل بولمىغان مەكتەپسىز ،
تىلسىملارنى ئادەملەر شۇ مەكتەپ تەشكەندۇر .

بىلىم بىلەن ئايلاندى ئايمۇ ھەتتا بېكەتكە ،
پويىز ئۈچۈن شۇ بىلىم تاغدىن تونىل تەشكەندۇر .
تۇغۇلدىڭىز تۈنۈگۈن ،ئۆتمۈش سىزگە قاراڭغۇ ،
بۇ دۇنيانىڭ بېشىدىن تالاي ئىشلار كەچكەندۇر .

ئالەم ئۇزاق تەمتىرەپ يۈكسىلىشنىڭ يولىدا ،
ئىلىم -پەندىن ئاخىرى مۇرادىغا يەتكەندۇر .
سىزدەك مىڭلاپ گۆدەكلەر مەرىپەتنىڭ بېغىدا ،
مېۋە ئىزدەپ ھېكمەتنىڭ شاخلىرىنى ئەگكەندۇر .
بىلىپ قويۇڭ : تىرىشماي تاغ ئاشقانلار يوق تېخى ،
بىر كەشپىيات كەينىدە تالاي يىللار كەتكەندۇر .


Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:57:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىن

           بىر كۈنى

بالاڭ ئازسا، ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
ئامان بولسا، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى،
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى،

گەدەنكەشلىك ھىچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى،
ئات بولغۇچە ئاتال، تاي ھەريان چاپسا چاپمامدۇ،
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۈك ئارتىدۇ بىر كۈنى،

ئاقنى..چەككەن ئاغزىدا ئۇقۇپ ئەپسۇس-پۇشايمان،
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى،
كوچىلارغا تۈن بۇيى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر،
چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى،

تەييار توقاچ قۇلۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى،
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار ۋاقتى بار،
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ،ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى،

كۆندۈرۈدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى،
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى،
بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ،
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى،

پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا ،
يۈرۈكۈڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى،
سەنمۇ ئاتا-ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،
ئوغۇل-قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىركۈنى،

شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۈلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى،
يامان دىسەڭ بالاڭنى، كىم بېرىدۇ ياخشىنى،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:35:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆز يارىڭ

مۇھەممەدجان راشىدىن


ئۆزگە باغقا كۆز سالما،  ئۆز بېغىڭدا گۈلزارىڭ،
نېمە تەشۋىش ئالەمدىن،  تۇرسا ياندا ئۆز يارىڭ.
ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس قازىنىدا ۋاپانىڭ،
ئاغرىپ قالساڭ ئاشلايدۇ ئاپئاق ناندا ئۆز يارىڭ.

يار ئۈستىگە تۇتقان يار بەڭگە ئوخشار بىر چىلىم،
لەززەت يوقتۇر تەكتىدە تاۋۇز كەبى بىر تېلىم.
مۇڭداشقانسەن مۇڭداشساڭ تۈگىگىچە بىر فېلىم،
مىڭ سۆيگۈ بار ئۇ يەڭلىغ،  ئاچقان پالدا ئۆز يارىڭ.

پىچاق كەسسە قولۇڭنى ھېچكىم ئۇنداق تاڭالماس،
تىكەن كىرسە پۇتۇڭغا،  ھېچكىم ئۇنداق ئالالماس.
يۆلەپ يۈرەر ئۆمۈرلۈك بولۇپ قالساڭ ماڭالماس،
نىجاتلىق بار سەن ئۈچۈن ياققان شامدا ئۆز يارىڭ.

يۈگۈرۈپ چىقار ئالدىڭغا قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن،
ئېسىلىدۇ بوينۇڭغا يارىڭ،  ئامان چىقساڭ خەتەردىن.
يامان كۈن يوق ئالەمدە يارسىز يالغۇز ئۆتەردىن،
تۈنەپ چىقار سەن بىلەن ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ.

جۇدالىققا دۇچ كەلسە،  ئاۋۋال سېنى ئەسلەيدۇ،
سەن بولمىساڭ،  سۇ تۇتۇپ،  ئۆزى خامان چەشلەيدۇ.
بىلىندۈرمەي يوقۇڭنى،  ئۆزى ئوتۇن كەسلەيدۇ،
راھەت دېگەن ئەسلىدە ئەتكەن خامدا ئۆز يارىڭ.

چىنىسىدىن ئىلغايدۇ قىيمىسىنى چىنەڭگە،
ئاش ئۇسقاندا،  بىچارە بىللە چىقىپ بىنەمگە.
باي بولغاندا ياتقۇزار ئاۋۋال سېنى گىلەمگە،
تولغىنىسەن راھەتتە،  ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ.

كۆكلىتىدۇ تەر تۆكۈپ،  تۇرمۇش ئاتلىق باراڭنى،
سەن تالانى ئويلىساڭ،  ئۆيدىن باشلار پاراڭنى.
دۈشمىنىڭگە كۆرسەتمەس يىرتىقىڭنى،  ياراڭنى،
سۆيگۈڭ كېلەر سەن ئۈچۈن ئۇھ تارتقاندا ئۆز يارىڭ.

جاھان قىلغان جاھاننى شۇلاردىكى ساداقەت،
چېچىلغاندۇر شۇلاردىن يەر - زېمىنغا سائادەت.
باھار قەلب،  ياز چىراي،  ئۆز يار دېگەن گۈل قامەت،
كەلمەكتىدۇر ئات چېپىپ،  شەرەپشاندا ئۆز يارىڭ.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 22:59:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان دىسەڭ بالاڭنى، كىم بېرىدۇ ياخشىنى،
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى


شۇنداق، يامان دەپ قاقشىساق كىم بىزگە ياخشى بالىسىنى بەرسۇن، ئاللاھتىن ئىمان، ئىنساپ تىلەپ، ئۆز مەسئۇليىتىمىزنى ئادا قىلىپ، قاتارغا قاتساق بالىلار ھامان بىر كۈنى بىلىپ قالار

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:02:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز يارىڭ نامىلىق ناخشا!


Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:17:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىلار
مۇھەممەتجان راشىدىن

بىز كۆيگەندەك كۆيەمدىكىن بالىلار،
بىزنى بىزدەك سۆيەمدىكى بالىلار؟
ئەجىر قىلدۇق ، ئەجىر دېگەن ئۇلۇغ دەپ،
شۇ ئەجىرنى تۆلەمدىكىن بالىلار؟

بالا دېسە بېرىپ كەلدۇق جىمىنى،
كەپتەر باقسا توشۇپ بەردۇق دېنىنى.
ئۆي ئايرىسا سوقۇپ بەردۇق تېمىنى،
شۇ ئىشلارنى بىلەمدىكىن بالىلار؟

ھەيدەپ بەردۇق زىغىر، قوناق ،كۈزگىمۇ،
(ئېيتمىساممۇ بۇ ئىش مەلۇم سىزگىمۇ).
جاھان تۇتۇپ بىر كۈنلىرى ، بىزگىمۇ،
بىز بەرگەندەك بېرەمدىكىن بالىلار؟

قىرغا كەتتى قىزلىرىمدىن بىرى يەپ،
كەتتى ئوغلۇم «نەگە؟» دېسە،«ئوۋغا» دەپ.
يىراقلاردىن تەلمۈرىمىز ھەپتىلەپ،
سېغىنغاندا كېلەمدىكىن بالىلار؟

قاداپ بەردۇق چىنىلىرى چېقىلسا،
تىكىپ بەردۇق ئۈستىۋېشى يىرتىلسا.
يۆلەپ قويدۇق،ئىچىپ كېلىپ يىقىلسا،
بىزنى شۇنداق يۆلەمدىكىن بالىلار؟

ياشاپ كەلدۇق مىڭ تىرىلىپ ،مىڭ ئۆلۈپ،
گاھ يىللىرى ئون يىغلىساق،بىر كۈلۈپ.
مۇشەققەتنىڭ ئوتلىرىدا ئۆرتىلىپ،
بىز كۆنگەنگە كۆنەمدىكىن بالىلار؟

سۇغارماستىن سايە بەرگەن سېدىنى،
ئويلىماستىن بىزدەك باغرى زېدىنى؛
ئېلىپ قالسا ئەمما پۇلنىڭ ھىدىنى،
يېنىمىزدا ئۈنەمدىكىن بالىلار؟

بەزىلەر بار،«ھاي!» دېسەكمۇ تىڭشىماي،
يۈرمەكتىدۇر ئۆز يولىنى ئوڭشىماي.
قانداق قىلسۇن ئاتا-ئانا غىڭشىماي،
«ئاق» نى چېكىپ ئۆلەمدىكىن بالىلار؟

كۆك ئاسماندىن كۆڭلى يەرگە چۈشەلمەي،
كۆرۈپ تۇرۇپ ھالىمىزنى چۈشەنمەي؛
بىز ئۆرۈگەن يانچۇقلارغا ئىشەنمەي،
ئۆزى كېلىپ ئۆرەمدىكىن بالىلار؟

ئۇلار بىزنى «ئۆل» دەمدىكىن، بىلمىدۇق،
ئۇلار بىزنى «قۇل» دەمدىكىن،بىلمىدۇق؛
ئۇلار بىزنى «پۇل» دەمدىكىن، بىلمىدۇق،
ئۆلسەك ھۇزۇر سۈرەمدىكىن بالىلار.

تالاي قىزلار تۈگەشتىغۇ پۇلنى دەپ،
ئالۋاستىغا ئەگەشتىغۇ پۇلنى دەپ؛
يامانلارغا يۆگەشتىغۇ پۇلنى دەپ،
شۇنى يامان دېمەمدىكىن بالىلار؟

مودا دېسە ئاشۇ قىزلار دۈم چۈشتى،
مەيخانىدا مەست بولغۇچە ئىچتى،
ئېيتىڭلارچۇ ، مودا كىيىپ كىم ئۇچتى،
يالىڭاچمۇ يۈرەمدىكىن بالىلار؟

بىزنى گاداي قىلۋەتتى تويلىرى،
ھەشەمەتتۇر تام خىيال – ئويلىرى.
ئۇنمىساق تۇتۇپ قالار خۇيلىرى،
ياخشى گەپكە كىرەمدىكىن بالىلار؟

بېقىپ بەردۇق بالىسىنى نەۋرە دەپ،
بىر جاسارەت بولغاچ بىزدە «سەبرە» دەپ؛
قارىمىدۇق ئۇنى جاپا-جەبرە دەپ.
بىزدىن رازى بولامدىكىن بالىلار؟

رىزقىڭ بىزدىن بولىۋەرمەس لوق دېسەك،
ئۆز چوتۇقنى شۇڭا ئۆزۈڭ سوق دېسەك؛
ئەمدى ساڭا بېرەرىمىز يوق دېسەك،
گېلىمىزدىن سۆرەمدىكىن بالىلار؟

قەدىمىدە رېستۇرانلار كۆزلەنسە،
ئەل ئاغزىدا يامانلىقى سۆزلەنسە؛
ھەشەمەتتە نامراتلىققا يۈزلەنسە،
يەنە بىزدىن كۆرەمدىكىن بالىلار؟

بېقىپ قويدۇق يۇرت بالىسى بولسۇن دەپ،
پەرۋىش قىلدۇق گۈل – لالىسى بولسۇن دەپ.
ئاغرىپ قالساق بىزدىن رازى بولسۇن دەپ،
بېشىمىزدا تۈنەمدىكىن بالىلار؟

مەيلى ئۆتسۇن ئۇلارنى بىزنى جەبىرلەپ،
ئۆلۈپ كەتسەك قويار ئەمما قەبرىلەپ.
قەبرىمىزگە شۇنداقتىمۇ قەدىرلەپ،
قىزىلگۈللەر تېرەمدىكىن بالىلار؟



2000-يىلى 25- ئىيۇن ، غۇلجا


شۈكۈر

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:19:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


            ياتلاشتۇق

     مۇھەممەدجان راشىدىن

يامان كۇنلەردە تۇققانتۇق، روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق،
پالازدىن تەستە ئايرىلساق، كىگىز باسقاندا ياتلاشتۇق.
سارايلار بۇزدىمۇ ئىشنى، گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق،
تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا، توغاچ ياققاندا ياتلاشتۇق.
ئۇچۇپ چىقتۇق دىسەك كۆككە، قانات قاققاندا ياتلاشتۇق…

تىزىق مونچاق ئىدۇق بىزلەر، ئانام بوينىدىكى گويا،
سۇزۇك ئالما ئىدۇق بەش تال، ئاتام قوينىدىكى گويا.
ئۇچار قۇشلار ئىدۇق ھەمدە، ئاشۇ ھويلىدىكى گويا،
تۇگەل لەغمەن ئىدۇق ياكى، چومۇش چويلىدىكى گويا.
بىراق بىزنى جاھان ھەريان، ئۇزۇپ تاتقاندا ياتلاشتۇق…

ئوتۇن تەرگەن ئىدۇق بىر چاغ، يۇرۇپ جاڭگالدىمۇ بىللە،
بوران چىقسا ماكان ئەتكەن، ئىدۇق ئازگالنىمۇ بىللە.
ئېقىن ئەتتۇق، چېپىپ كەتمەن، چېقىپ داڭگالنىمۇ بىللە،
باراتتا بىرگە بولغانتۇق، ئېچىپ رامزاننىمۇ بىللە.
چىرايلىق ئوي تۇتۇپ ئەمدى، ئوتۇن يارغاندا ياتلاشتۇق…

ئانام كەتتى بىرەر ئويدە، تۇزۇك توت كۇن تۇرالماستىن،
ئېلىندى تاختىغا نانلار، ئازاپلاندى سورالماستىن.
دادامنى مەنمۇ كەتكۇزدۇم، بىرەر ئوغلاق سويالماستىن،
مىراس ماجراسىغا چۇشتۇق، تېخى قىلچە ئۇيالماستىن.
شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان تىنىپ ياتقاندا ياتلاشتۇق…

زورۇر بولسا مالاي قىلدۇق، شۇلارغا نەۋرە باققۇزدۇق،
كېلىنلەر چاچ سوقۇپ يۇردى، شۇلارغا ناننى ياققۇزدۇق.
تېزەك يىققاننى ئاز كورۇپ، شۇلارغا ئۆچكە ساغقۇزدۇق،
تېخى غالۋارىدۇق بەزەن، جاھاندا يوھنى تاپقۇزدۇق.
باقار چاغدا باھانە كوپ، بەدەر قاچقاندا ياتلاشتۇق…

ئاتا كەتتى، ئانا كەتتى، دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى،
قېرىنداشلىق بىناسىنىڭ يامان يەرىگە دەز كەتتى،
ئىچەرگە ئاش، كىيەرگە تون، چالارغا بىللە ساز كەتتى.
ئارادىن سەلتەنەت تاجى، ئاجايىپ ئىمتىياز كەتتى،
شۇلار كەتتى، يوغان ھويلا غېرىپ قالغاندا ياتلاشتۇق…

ئۇزاق ئوتمەي سۇكۇت پۇتتى، مىراس ۋەجىدە گەپ چىقتى،
بىرى ئەلچى قويۇپ ئاستا، بىرى ئاشكارا دەپ چىقتى.
بىرىدە يەڭ شىمايلاغلىق، بىرى چەيدو بىلەپ چىقتى،
ھازازۇل نەپسىمىز ئاھىر، جىمى ئىشنى سورەپ چىقتى.
قىرىق يىللىق قېرىنداشلار، مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق…

شۇنىڭدىن بېرىقى كۇنلەر، ئوتەر ھىچكىمنى خوش قىلماي،
قويامدۇ غۇم-ئاداۋەتلەر، ئارادا يازنى قىش قىلماي.
تىنىقتىنمۇ تولا كوت-كوت، كەسەكنى كەلدى ھىش قىلماي،
يۇرەر شەيتان توشۇپ گەپ-سوز، ئۇنىڭدىن باشقا ئىش قىلماي.
نىزا گۇلخانلىرى دىلدا، كويۇپ يانغاندا ياتلاشتۇق…

نىزالار ئۇلغۇيۇپ سەلدەك، ھەسەتخورلۇققا يۇزلەندى،
مېنىڭ ئىللەتلىرىم قۇمدەك، سېنىڭ ئاغزىڭدا سوزلەندى.
”سېنىڭدىن مەن قالامدىم“نىڭ ئىگىز مۇنبېرى كوزلەندى،
قېرىنداشلىق گۇلىستانى، تامام چەيلەندى تۇزلەندى.
ئەجەپ ئالەم ئىكەن قوشلاپ، سېيىر ساغقاندا ياتلاشتۇق…

خوتونلار پادىشا بولدى، سېنى بەنلەپ، مېنى بەنلەپ،
خوتونلارغا خوتون بولدۇق، ئېغىز ئاچساق قوپار سەنلەپ.
تېنىيدۇ يەڭگىلەر سىنچاي، ماڭا بەرگەن بىلەن دەملەپ،
ئاتار كەينىمدە غەيۋەتنىڭ، يەنە ئوقيارىنى بەنلەپ.
شۇلارنىڭ كەينىدىن بىزمۇ، تۇگەل چاپقاندا ياتلاشتۇق…

ئۇگەندۇق ئەرزىمەس ئىشقا، تۇرۇپ قىيداش-يامانلاشنى،
ئوتەرمىز ئۇچرىشىپ قالساق، ئارانلا لىڭشىتىپ باشنى.
قېرىنداشلىقنى كىم بىلگەن، بۇ خىل ئاسان تاماملاشنى،
نىزادا ئۆتتى ھېيت-ئايەم، قىلالماي جەم قەرىنداشنى.
ئىناقتۇق كەپىدە توۋا، ساراي سالغاندا ياتلاشتۇق…

قېرىنداش بولۇپ يارالغانلار، تامام بىزدەكمىدۇ دەيمەن،
قۇيۇنلار قۇترىغان ياكى، دالا-تۇزدەكمىدۇ دەيمەن.
بېغىدا ھىچ باھار-ياز يوق، غازاڭ كۇزدەكمىدۇ دەيمەن،
دىلىدا قىلچە ئاپتاپ يوق، سۆزى مۇزدەكمىدۇ دەيمەن.
يۇمۇپ كوز بارچە نۇقساندىن، تۇگەل تانغاندا ياتلاشتۇق.


شۈكۈر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 02:10 , Processed in 0.051673 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش