يۈزدىكى قورۇقلار گۈزەللىككە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەر كىمنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە ناچار ئىپادىلىرىمۇ قورۇق پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە دىققەت قىلىش لازىم.
(1) كۆزنى قىسۋېلىش: بەزىلەر كۆزنى چاقىدىغان ئاپتاپتا بىر بەرسىلەرگە كۆزىنى قىسىپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ ، كۆزەينەك تاقاشنى خالىمايدۇ ۋە يىراقتىكى نەرسىلەرگە كۆزىنى قىسىپ قارايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن كۆزنىڭ ئەتراپىنى ئۇششاق قورۇقلار باسىدۇ.
(2) يالغان كۈلۈش: بەزىلەر كۈلگەندە پەقەت جاۋغىيىنىلا مىدىرلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جاۋغىيىدا نۇرغۇن قورۇق پەيدا بولىدۇ.
(3)نەرسىلەرنى بىر تەرەپتە چايناش نەرسىلەرنى بىر تەرەپتىلا چايناپ يېسە، يەنە بىر تەرەپتىكى چىشلار نورمال چىشلىشىش مۇناسىۋىتىنى يوقىتىدۇ.جاغ سۆڭىكى ، جاغ چايناش مۇسكۇلى ،مىمىكا مۇسكۇلى قاتارلىقلاردا فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسيىلىك غىدىقلىنىش كەمچىل بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن جاغ سۆڭكىنىڭ سۆڭەك ماددىس غەيرىلىشىپ، مۇسكۇللار يىگىلەپ ،يۈزىنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن سول تەرىپى سىممىېتىرىك بولماي قالىدۇ.
(4) قويۇق گىرىم قىلىپ ئۇخلاش: بۇ ئادەمنىڭ ھۆسىنىگە ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ، ، گىرىم بۇيۇملىرى يۈزدە بىر كېچە تۇرۇپ قالسا ، تۈك تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىۋالىدۇ. ھەمدە ئادەمنىڭ تېرىسىگە سىڭىپ كىرىپ، تېرىنى زەخىمىلەندۈرىدۇ. ئۇپىنى بەك كۆپ سۈرسە، تېرىلەر يىرىكلىشىپ كېتىدۇ ياكى داغ پەيدا بولۇپ، قالىدۇ.
(5) بېشىنى پۈركەپ ئۇخلاش: تېرىلەرن قۇرغاقلىشىپ ، لەۋ ئوڭاي يېرىلىدۇ ۋە تېرىسى سويۇلۇپ كېتىدۇ.
(6) تاماكا چېكىش: تاماكا خۇمار ( بەڭگە)لارنىڭ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ۋاقىتسىز قورۇق پەيدا بولىدۇ. بۇ تاماكىدىكى نىكوتتىن قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنىڭ تېرىدىكى قىل قان تومۇرلارنى بۇزۇۋېتىپ ، تېرىنىڭ قان ئايلىنىشغا تەسىر يەتكۈزۈپ، تېرىنىڭ ئوزۇقلىنىشغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىدىن بولىدۇ. بۇنىڭدن باشقا ، يەنە تاماكىدىكى كاربون چالا ئوكسىدى بىلەن گىموگلوبىن ( قان قىزىل ئاقسىلى) بىرلىشىۋېلىپ ، گىموگلوبىننىڭ ئوكسىگېىن ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلكتىن ، تېرىگە ئوكسگېن يېتىشمەيدۇ.
(7) لەۋ يالاش: لەۋ يۈزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى. ئەدىبلەر دائىم «قىزىل لەۋ» دېگەن ئىبارە بىلەن لەۋنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئەمما بەزىلەرنىڭ لەۋ يالايدىغان ئادىتى بار بولۇپ ، بۇ ئادەمنىڭ سالاپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن ، يەنە سويۇلۇپ خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. مەزكۇر كېسەللىك ئاساسن ساقايمايدىغان بىر خىل تېرە كېسەللىكى بولۇپ، بىر نەچچە ئاي، ھەتتا بىر نەچچە يىل سۆرىلىدۇ. كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆپىنچە ئاستىنقى لەۋدە ئېغىر بولىدۇ. قىزىرىپ ئىشىشش، شەلۋەرەش، قەقەچ باغلاشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ.قەقەچ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ، قىزىل ھەم نەنخۇش تېرە يۈزى كۆرۈنىدۇ. كېيىن يەنە جاندىن ئۆتكىدەك ئاغرىيىدۇ. كېسەل كىشى ئاغرىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن ، لەۋنى سىلىقلاشتۇرۇش ئويىدا بولىدۇ، نەتىجىدە كېسەللىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ ئۇزۇنغىچە ساقايمايدۇ. بۇنداق چاغدا لەۋگە يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مايلىرىنى سۈرۈش، لەۋ يالايدىغان ناچار ئىللەتنى قەتئىي ئۆزگەرتىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا كېسەلنى ساقايتقىلى بولىدۇ.
(8) يۈزدىكى قورۇقلارنى چوڭقۇرلارشتۇرۇۋېتىدىغان ناچار ھەرىكەتلەر: 1
. تىت – تىت بولۇش،
2. بۇرنىنى كوچىلاش ياكى تاماقتىن كېيىن چىش كوچىلىغۇچ بىلەن چىشىنى توختىماي كوچىلاش،3
. بارمىقىنى ياكى تىرنىقىنى چىشلەش ،
4. تاماكا چەككەندە كۈچەپ شوراپ ،ئېغىزدىكى مۇسكۇللارنى بەك قورۇش،
5. كۆزەينەك تاقايدىغان كىشىلەرنىڭ نەرسىلەرگە كۆزەينەك ئاستىدىن قارىشى ،
6.گەپ قىلغان ياكى كىتاب ئوقۇغان چاغدا بىر قولى بىلەن ئىڭىكىنى تىرىۋېلىش ياكى مۇشۇنداق ھالەتتە مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىش،
7.ئاغزىنى دائىم ئىچىۋېلىش ياكى ئىسقىرىش ،
8. بىر قېشىنى ئېتىش ،
9. خاپا بولغان چاغلاردا قوشۇمىسىنى تۈرۈش ياكى ئاغزىنى پۈرۈش.
10. تېلېفۇن ئۇرغاندا تېلېفۇننى بوينىغا قىسىۋېلىش
11 . تېلېۋىزورنى بەك ئېگىزگە قويۇۋېلىپ ، ئۇزۇن ۋاقىت ئېگىزگە قاراپ تېلېۋېزور كۆرۈش. بۇ ناچار ئادەتلەر يۈزدىكى قورۇقلارنى بىلىندۈرۈمەي چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق ناچار ئادىتى بارلار ئۇنى ئۆزگەرتىشى، يوقلار ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .
مەنبە : ئەلتېكىن تورى
www.alteken.com