يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 685 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 682|ئىنكاس: 3

45 يىللىق ئىجادىيەت مۇساپەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
1
يازما
16
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 10:23:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن مېنىڭ 45يىللىق ئىجادىيەت ئەمگەكلىرىم ئۈستىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ . بىر شائىرنىڭ ئىجادىيەت تارىخىدىكى مۇنداق بىر شەرەپلىك كۈننىڭ ماڭىمۇ نىسىپ بولغانلىقىدىن پەيدا بولغان خوشاللىقىمنى شۇ تاپتا مەن قانداق ئىپادە قىلىشنى بىلمەي ئولتۇرۇپتىمەن . شۇڭا ، مەن بۇ يەردە تۆت ئېغىز گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ئاۋال ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ، ھەمدە بۇ مۇھاكىمىنى ئۇيۇشتۇرغان ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىگە چوڭقۇر رەھمەتلىرىمنى ئېىتىمەن !
دۆلىتىمىز ئەدەبىيات – سەنئەت ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقىي ياخشىلانغانلىقىغا مۇناسىپ ھالدا مۇنداق مۇھاكىمىلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلىشى پۈتۈن ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىمىز ئۈچۈن يەنىمۇ زور رىغبەت ، يەنىمۇ چوڭ قەدىردانلىق . بۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان قەلەم ساھىبلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئورۇنلۇق ئالقىش . بۇ خىل كەڭ پۇرسەت ، شەرەپلىك مۇنبەرلەر بىزنىڭ ئۇستاز پىشىۋالىرىمىز : زۇنۇن قادىر ، نېمشېھىت ،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ،ئەلقەم ئەختەم ،تېيىپجان ئېلىيۇپ ، شۈكۈر يالقىن ، تۇردى سامساق ، ئەرشىدىن تاتلىق ، ئابدۇكېرىم خوجا ، ئۆمەر ئىمىن قاتارلىق ھەقىقىي تۆھپىكارلارغا مۇنداق داغدۇغىلىق نىسىپ بولغان ئەمەس . ئۇ بىر ھەسرەتلىك ئۆتمۈش . شۇڭا ،بۈگۈن مەن بۇ يەردە مەدھىيە لەۋھەلىرىنىڭ ئەسلى ئەشۇ مۇناسىپ ئىگىلىرىنى سېغىنىش ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئەسلەپ ئولتۇردۇم . مۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ داغدۇغىلىق تۇنجى نۆۋەتلىرى ئەسلىدە ئەنە شۇ مەرھۇملارغا مەنسۇپ ئىدى . نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلار ھەققىدىكى خىياللار ئەمدى بىز ئۈچۈن ئاچچىق ئەسلىمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . بۈگۈن بىز ئۇ چاغلارغا ئوخشىمايدىغان ئازادە بىر مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز . بۇ تارىخى پۇرسەتنىڭ ئەۋزەل خاراكتېرىنى شان – شەرەپ نەزىرىنىڭ بىزگە ئوخشاشلارغا تەككەنلىگىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .دېمەك ، ئىنسان ئەمگىگىنىڭ قەدىر – قىممىتى ئۇلۇغلىنىدىغان دەۋىرگە يېتىپ كەلدۇق . ئىجادىيەت تۆھپە ھېسابلىنىدىغان ، ئىجادكارلار ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغان ئارزۇلۇق زامانلارنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويدۇق . ئەسلىدىن ئېيتقاندىمۇ ، پەقەت مۇشۇلا شەخسىنى ئىجادكارغا ، ئىجادكارنى ئەتىۋار بايراقدارغا ئايلاندۇرىدىغان راۋان ، داغدام يول ئىدى .

دۇنيادا ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن خوش بولمايدىغان ھېچكىم يوق . ئىنسان تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ياخشى گەپنىڭ خۇشتارى . ئۇ ئۆز ھايات پائالىيىتى بەدىلىگە ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن ياخشى ئىنكاسلارنى تەلەپ قىلىدۇ . ئۇنىڭغا تۇتۇلغان گۈل ،ئۇرۇلغان چاۋاك ئۇنىڭ يۈكسىلىشىدىكى ناھايىتى مۇھىم ئامىل . كىشىلەر تۆھپىسىگە بېرىلگەن ئورۇنلۇق تەرىپ ، ھەقىقىي باھالار ئۇنىڭغا ئىلھامبەخش ئەتمەسلىكى ، ئۇنى خىجىل قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس . شەرەپلىك ئەمگەكلىرىنىڭ ئۆزىگە ئەرزىمەس ئەجىر تۇيۇلۇپ ، ئۇنى ئوڭايسزلاندۇرۇشى تېخىمۇ تۇرغان گەپ . بۈگۈنكى مۇھاكىمىدە مەن دەل مانا مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم .
ئىلى قازاق ئوبلاسلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 1998- يىل 7- ئاينىڭ 8- كۈنى ئىلىدا مېنىڭ ئەسەرلىرىم بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئېچىپ ، مېنىڭ شېئىرلىرىمنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئورنىنى باھالىغان ۋە مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى ، مېنى شۇ چاغدىمۇ خېجىللىق باسقان . مانا بۈگۈنكىسى بۇنداق روھىي ھالەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقى ، قەلەمكەشلەر مېنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتى جەھەتتىكى تۆككەن تەر ،سىڭدۈرگەن ئەمگەكلىرىمنى يۇقۇرى باھالىدى . ئەتراپلىق شەرھىلىدى . مەن ماقالا ئاپتورلىرىغا جىن قەلبىمدىن يەنە بىر قېتىم رەھمەتلەر ئېيتىمەن .

شېئىرىيەت ماڭا ناھايىتى كىچىك چېغىمدىلا تەسىر قىلغان . تۇنجى شېئىرىمنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىغىمۇ مانا 45 يىل بولدى . دېمەك ،مېنىڭ ھاياتىمنىڭ باش –ئاخىرى تامامەن شېئىر بىلەن باغلانغان . ئاپەتلىك يىللاردىمۇ قەلەمدىن قول ئۈزمىدىم . ياش ۋاقتىمدا تاغام مېنى شېئىر ئىجادىيىتىدىن قايتۇرۇشقا كۆپ نەسىھەتلەر قىلغان بولسىمۇ ، ماڭا ئەسلا كار قىلغان ئەمەس .تاغام كۆيۈمچان ئادەم ئىدى . ئۇ شېئىرىيەتنى زاماننىڭ نازۇكلىقى ھەمدە مېنىڭ تەقدىرىم بىلەن باغلايتتى . لېكىن ، مەن ماڭغان يولۇمدىن قايتىشقا ئۇنىمايتتىم . ئاخىرى ئۇ «خەير، ئامال يوق ، بۇ بىر خۇدا سالغان ئىشق بولسا كېرەك !» دەپ توختاپ قالدى . مەن شېئىر ئشقىدا«ھۇ!» دەپ ئاشىقلارچە كېتىۋەردىم . كېيىن تاغامنىڭ دەۋرنىڭ نازۇك ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىن ۋە مەن تونۇغان قەلەمنىڭ ئۆز قولۇمنى كۆيدۈرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېيتقانلىرى توغرا بولۇپ چىقتى . «مەدەنىيەت ئىنقىلابى »دا مەن بىھۇدە گۇناھلارغا تارتىلدىم ،چەتكە قېقىشلارغا ئۇچۇردۇم ،لېكىن شائىرلىق ئىشقىنى ماڭا خۇدا سالغان ئىشق ئىكەنلىگىمۇ راست بولۇپ چىقتى ، مەن شئىرلاردىن زادىلا كېچەلمىدىم . «مەدەنيىەت ئىنقىلابى»دا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇپ تۇرۇلۇپمۇ يەنە شېئىر يېزىپ تۇردۇم . بۇ مېنىڭ قورقۇمسىزلىقىمدىن ئەمەس ، شېئىرىيەتتىن ئىبارەت بۇ ساھىبجامالدىن كۆڭۈل ئۈزەلمەيۋاتقانلىقىمدىن بولۇۋاتقان ئىش ئىدى . ئۇ چاغلاردا قەلەمنى تاشلاش مەن ئۈچۈن ياشىمىغان بىلەن باراۋەر ئىدى .

كېيىن ياخشى كۈنلەر نېسىپ بولۇپ ، مەن جەمىيەتكە قايتىپ چىققىنىمدا ، شېئىر يېزىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىم ماڭا ھايات قالغىنىمدىنمۇ خوشاللىنارلىق ئىش بولۇپ تۇيۇلۇپ كەتتى . مەن يېڭىۋاشتىن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتتىم. ھازىر 64 ياشقا مېڭىپتىمەن ، ھېلىغىچە يېزىۋاتىمەن . بۈگۈن بۇ شەرەپلىك سورۇننىڭ مەركىزىدە ئولتۇرغىنىممۇ ئەشۇ قەلەمنىڭ ، جۈملىدىن قەلەمگە بولغان قاتتىق ئىخلاسنىڭ شاراپىتى . دېمەك ، ئۆمرۈمنىڭ باش- ئايىقى شېئىرىيەت بىلەن باغلانغان دېگىنىمنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ !
ئۇيغۇر شېئىرىيىتى يەنىلا كۆپنىڭ كارامىتى بىلەن كامالەتكە يېتىدۇ . شېىرىيەتنىڭ مۇقىم مەنزىلى يوق . ھازىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمۇ خۇددى ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا ئوخشاش بۆسۈش خاراكتىرلىق ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى . ئۇنى كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىسىنى مەنىۋىي ئېھتىياجغا يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىغا قاراپلا خالىغانچە خۇنۈكلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ . شېئىرىيەتنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا ئۇنى ئۆتمۈشكە سېلىشتۇرماي تۇرۇپلا كەلسە- كەلمەس ھۆكۈم قىلىش ئاقىلانىلىق ئەمەس . بىزدە ھازىر نۇرغۇنلىغان پېشقەدەم ۋە ئوتتۇر ياشلىق كۈيچىلەر بار . نۇرغۇنلىغان تالانتلىق ياشلار بايقىلىۋاتىدۇ . بىز ئۇلارغا تايىنىپ ، بىزدە زور بىر شېئىرىيەت قوشۇنى بارلىققا كەلدى دېيەلەيمىز . بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىدە شۈبھە يوق .
ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ تۈركىسىدە ھازىر شېئىرىيەت ئەركىن پەرۋاز قىلالايدىغان ئىمكانىيەتلەرگىلا ئەمەس ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇب ، ئوخشاش بولمىغان مېتودلاردا ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغىمۇ قاراپ يۈزلەندى . ھەركىم ئۆز خالىغان يوللاردا كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە . شۇڭا خۇددى شائىر ئوسمانجان ساۋات ئېيتقاندەك : ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ، بۇ ھەر بىر شائىر ئۆز خاسلىقىغا ئىگە دېگەنلىك. قايسىبىر سورۇندا يازغۇچى ئەخەت تۇردىمۇ ئەدىبلەرنىڭ ۋىجدانىدىن ئاداشماي ، رىياللىققا سادىق بولسىلا ، رىيال جەمىيەت ئالقىشلايدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى . بۇ گەپلەرنىڭ دانالقىغا ئەلۋەتتە سۇ كىرمەيدۇ .

مېنىڭمۇ ئۆزەمگە چۈشلۇق ئىجادىيەت خاسلىقىم بار . مەن ھېلىغىچە شۇ يول بىلەن مېڭىپ كېلىۋاتىمەن . مەيلى ئىستېمال ئەدەبىياتى ، ئىستېتىك ئەدەبىيات دېگەنلەر بولسۇن ،مەن ئۇلاردا خەلق بەھرە ئالالايدىغان ،تۇرمۇشنى ھەقىقىي ئىپادە قىلالايدىغان ئالاھىدىلىكنىڭ بولۇشىنىلا ئارزۇ قىلىمەن . شۇڭا ، مەن باشقىچە تەشەببۇس ۋە نۇقتىنەزەرلەرنىڭ شېئىرىيەتكە ، ئۆزەمگە پايدىلىقلىرىنى ئۈگەنسەم ئۈگەندىمكى ، ئۇلارنى ئاقچى ،كۆكچى دەپ؛ كەتمىدىم .
لېكىن ، مەن ھەرگىز ئۆز خاسلىقىمدا نۇقسان ، يېتەرسىزلىكلەر يوق دېيەلمەيمەن . شائىر مۇھەممەد رەھىمنىڭ شئىرلىرىدىكى ئېقىن سۇدەك راۋان جۈملە ، پىششىق مىسرالار ماڭا ماھارەت مەنزىلى كۆرسەتسە ،ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ لىرىكىلىرىدىن شېئىرنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەقىدە دائىم دەرس ئالىمەن ؛ مەرھۇم شائىر روزى سايىتنىڭ ئاجايىپ جەڭگىۋار ۋە گۈزەل شېئىرلىرى مېنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا باي خەلق شائىرى بولۇشۇمنى دەۋەت قىلىدۇ ؛ شائىر قۇربان باراتنىڭ «ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز » ، شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ «تاغلارنى قۇچاقلاپ » ناملىق شېئىرلىرىنى ئوقۇغىنىمدا يېنىمدا غايىۋانە بىر ئاۋاز: «شئېىر دېگەننى مۇنداق يازمامسەن !» دېگەندەك قىلىدۇ . قىسقىسى ، مەن ئۆزۈم ئادەتتە : «شېئىر دېگەن كىشىنى ئىككى قەدەھ شارابتەك غۇژژىدە تۇتىشى كېرەكقۇ !» دەپ يۈرسەممۇ ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا يېتەلمەيۋاتىمەن . يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى مەندىكى شئىرىيەت ماھىرلىقىنىڭ يەنىلا چولتا ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرىدۇ . دېمەك ، مەن ئۈچۈن يەنىلا ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ . لېكىن ،ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق ،ياش بىر يەرگە بېرىپ قالدى ،بۇنىڭدىن كېيىن ئالىدىغان خامانلارنىڭ قانچىلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ئالدىن ھۆكۈم قىلماق تەس ، مەيلى قانچىلىك ۋە قايسى دەرىجىدە يازاي ، ئۆزەمنى بۇ ئۆمرۈمدە شەرەپلىك خەلق شائىرى بولۇشقا يۈزلەندۈرەلىدىم دەپ ئېيتالايمەن .

مېنىڭ ئىجادىيەت مۇساپەمدە بەزى تېمىلاردا كۆپرەك نەزەر ئاغدۇرغان خاسلىقىممۇ بار . بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شئىرىيەتتىكى رەڭدارلىققىمۇ ئېلىپ باردى . مېنىڭ ئانىلار تېمىسىدا كۆپ يازغانلىقىم ھېچكىمگە سىر ئەمەس . سۆيگۈ –مۇھەببەت ھەققىدىمۇ كۆپ يازدىم . چۈنكى ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۇنىڭ قاتتىق چەكلەنگەن رايون بولۇپ قېلىش تارىخى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى . بۇ رايوننى تەلتۆكۈس ئازاد قىلىش كېرەك ئىدى . يەنە كېلىپ كىشىلىك مۇھەببەتنىڭ ئۆزى كارامەتكە تولغان بىر دۇنيا . ئۇنىڭدىكى سائادەت ۋە سەرگۈزەشتۈلەرنى مەڭگۈ يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ . شۇڭا ، مەن بۇنى يېڭىۋاشتىن يورۇتۇشقا ئەھمىيەت بەردىم .
مەن يېڭىدىن يازغان ناخشا تېكسلىرىمۇ ئاز بولمىدى . ناخشا تېكستلىرىمۇ كەم دېگەندە قىرىق يىللىق قاتماللىق ئىچىدە ياشاپ كەلدى . ئۇنى كەڭ تۇرمۇشقا ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەڭدار ھاياتىغا يۈزلەندۈرۈش لازىم ئىدى . شۇڭا ، ئۇنىمۇ ئومۇمىي ئەخلاقىي تېمىلار ئىچىدە تىرىكچىلىكنىڭ جىمى بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىنى ئالا قويماي كىزىپ يۈرىدىغان زىيارەتخانىغا ئايلاندۇردۇم . بۇنى خەلق قارشى ئالدى . ئويغۇر ئەدەبىياتىدا شېئىرنىڭ تۇتقان ئورنى ناھايىتى چوڭ . خەلقلا مەۋجۇت ئىكەن ، شئىرمۇ مەۋجۇت . خەلقىمىز تېخىمۇ گۈزەل يارقىن شېئىرلارغا مۇھتاج . شېئىرىيەت ئۇلارنى نۇرلۇق نىشانلارغا يېتەكلىشى ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك . ئۇلار شئىرىيەتتىن ئۆزلىرىنىڭ قىسمەتلىك ئۆتمۈشىنىلا ئەمەس ،پارلاق ئەتىسىنىمۇ كۆرەلىشى كېرەك . شېئىرىيەت ھاللىق تۇرمۇشقا يۈزلەنگەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ شەنىگە ناخشا ئېيتىپلا قالماي ، ھېلىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتقان يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھالىغىمۇ يېتىشلىرى كېرەك . ئۇلارغا دۇنياۋى ئىلغار مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىش ، ئوتتۇر ئەسىر قاششاقلىقى بىلەن ئۈزۈل –كېسىل قول ئۈزۈشكە يۈزلەندۈرۈش لازىم .

دۇنيادا تۇرمۇشنى بۇرمىلىماي ، يوشۇرماي ، ئۇنىڭ ئۆز قانۇنىيەتلىرىگە سادىق ھالدا ئىپادىلەشكە مۇيەسسەر بولغان ئەدەبىياتلا ھەقىقىي ئەدەبىيات بولالايدۇ . خۇداغا شۈكۈر ، بۇ «4 كىشىلىك گۇروھ» دەۋرىدىكى ساختا ئەدەبىيات ۋە ساختا ئەدىب بولۇپ قالىدىغان شەرمەندىچىلىكتىن قۇتۇلدۇق .
مەن ئىجادىيەتتە مۇنداق تەجىربە ۋە تەسىراتقا ئىگە بولغاندەكمۇ تۇرىمەن . ئۇ بولسىمۇ ، ئىجادىيەتنى ئەخلاقىي تېمىلار زىمىنىدا قانات يايدۇرۇش ، رىياللىقنى ئىجادىيەتكە مەنبە ۋە مەنزىل قىلىش ھەمدە تىرىشىپ ئۈگىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . مەن مۇشۇ يولدىن چىقماسلىقىم مۈمكىن .
غۇلجا ناھىيىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقىدا 13 يىل كەسپى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىم . ئۇلارغا بولغان تەشەككۈرۈم تېخىمۇ زور . يازغۇچى تۇرسۇنئاي يۇنۇس «تارىم» ژورنىلىنىڭ بۇ يىلقى 10-سانىغا «يۈرىكىمدىكى ئوت» ناملىق بىر ئەسلىمە ېېزىپ ، بىزگە ئوخشاشلارنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان يۈرەك يالقۇنلىرىنى سۇ قۇيۇپمۇ ئۆچۈرگىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى ئورۇنلۇق توختالدى . ئەسلىمىنى دەررۇ ئۆزەمگە تەدبىقلىدىم . شۈمھىسىزكى ، يېشىمنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقى شېئىرىيەتكە بولغان مېنىڭ يۈرىكىمدىكى ئوتنىمۇ ئۆچۈرەلمەيدۇ . مەن بۈگىنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىدىن تېخىمۇ كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ئىلھام ئالدىم . ئۇنى ھەرگىز مېنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىشتىكى تىرىك ۋىدالىشىش پائالىيىتى دەپ قارىمايمەن . مەن بۇ يېغىننىڭ رىغبىرى بىلەن تېخى نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازالىشىم مۈمكىن . يىغىندىلا مەنلا ئەمەس ، يەنە نۇرغۇن ياش قەلەمكەشلەرمۇ تەربىيىۋى بىلىم ، ئەمەلىي تەجىربە ۋە چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئىگە بولدى . ئەدەبىيات ئەتىۋارلاندى ، شېئىرىيەت قەدىرلەندى . بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقىدىن باشقا ، يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ پائالىيەتچانلىق تۆھپىسىگىمۇ مەنسۇپ .
ئىشىنىمەنكى ، بۇ خىل پائالىيەت بۇندىن كېيىن مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتلەردىن تېخىمۇ بېيىپ بارىدۇ ،تېخىمۇ جانلىنىدۇ . رەھبەرلەرگە ،قەلەمكەشلەرگە رەھمەت ئېيتقۇچىلار ھەرگىز بىرنەچچىمىز بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ . دېمەك ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىدا شۈبھە يوق .
مەن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يەنىمۇ يېڭى شئىرلارنى ۋەدە قىلىپ سۆزۈمنى تاماملايمەن .
كۆپچىلىككە رەھمەت .

مەنبە:تەڭرىتاغ ژورنىلى 2005-يىل 1-سانى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
180

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:56:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان راشىدىنما؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
689 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2100

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jahandar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 10:56 دە يوللىغان
مۇھەممەتجان راشىدىنما؟

شۇنداق مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىز ئىكەن!

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 23:09:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئاكىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن، تۇرمۇشقا بەك يېقىن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 06:10 , Processed in 0.057691 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش