يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 776 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 605|ئىنكاس: 8

ئىككى بۆرىنىڭ ئېلىشىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 13:20:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كېروكېي(شىمالىي ئامرېكىدا ياشايدىغان ئىندىيانلارغا تەۋە مىللەت)بوۋاي بالىلارغا ھايات ھەقىقەتلىرىدىن تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى:
-قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئىزچىل بىر مەيدان جەڭ بولىۋاتىدۇ، بۇ جەڭ ئىككى بۆرىنىڭ ئېلىشىشى،. بىېى، يامان بۆرە. ئۇ قورقۇنچاقلىق، تېرىككەكلىك، قايغۇرۇش، ئۆچمەنلىك، نەپسانيەتچىلىك، ھاكاۋۇرلۇق، چۈشكۈنلۈك، ئاداۋەت، ئۆزىنى كەمسىتىش، يالغانچىلىق، مەنمەنچىلىك، تەكەببۇرلۇق، شەخسىيەتچىلىك ۋە ساداقەتسىزلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەنە بىرى، ياخشى بۆرە. ئۇ خۇشاللىق، تېنىچلىق، مۇھەببەت، ئۈمۈدۋارلىق، مەسئۇليەتچانلىق، تەمكىنلىك، كەمتەرلىك، رەھىمدىللىك، كەڭ قورساقلىق، دوستلۇق، مېھرىبانلىق، مەردلىك، ھەققانىيلىق ۋە ساداقەتمەنلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئىككى بۆرە ئارىسىدىكى جەڭ سىلەرنىڭ، شۇنداقلا بارلىق ئادەملەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىمۇ يۈز بېرۋاتىدۇ،- دېدى.
بوۋاينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بالىلار بىر ھازاغىچە ئۈندىمىدى. ئاخىر بىر بالا ئۇنىڭدىن:
-ئۇنداقتا قايسى بۆرە غالىپ كېلەر؟- دەپ سورىدى.
بېشىدىن كۆپ ئىسسىق- سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەن بوۋاي بالىغا مۇنداق دېدى:
-سەن قايسى بۆرىگە يىمەكلىك بېرىپ باقساڭ، شۇ بۆرە غەلبە قىلىدۇ.

مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلى 2011-يىللىق 1- ساندىن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 15:20:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى زاماندا ئەتىدىن - كەچكىچە غەم - ئەندىشە ئىچىدە يۈرۈيدىغان بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ ۋەزىرنى خۇشال يۈرۈيدىغان ئادەمدىن بىرنى تېپىپ ئوردىغا ئەكىلىشكە ئەۋەتىپتۇ. بۇ ۋەزىر بىر نەچچە يىل ئىزدەپتۇ... ئاخىرى بىر كۈنى نامرات بىر يېزىغا كىرگەندە خۇشاللىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر ناخشا ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ناخشا ئاۋازى چىققان تەرەپكە بېرىپ قوش ھەيدەۋاتقان بىر دېھقاننى كۆرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن:
- سىز خۇشالمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مېنىڭ خۇشال ئۆتمىگەن بىرمۇ كۈنۈم يوق، - دەپتۇ دېھقان. ۋەزىر ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈنۈپ ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىنى دېھقانغا ئېيتىپتۇ. دېھقان ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ھەم:   
- مەن بىر كۈنى كوچىدا پۇتى يوق بىر ئادەمنى كۆرۈپ قالغانغا قەدەر ئايىغىمنىڭ يوقلۇقىدىن مەيۈسلىنىپ يۈرگەندىم....، - دەپتۇ. دېمەك دېھقان پۇتى يوق ئادەمگە قاراپ گەرچە ئايىغى بولمىسىمۇ ئىككى پۇتىنىڭ بولغىنىدىن خۇشال بولغان.
نۇرغۇن ئادەم خۇشاللىقىنى «توققۇزى تەل بولۇش» دەپ قارايدۇ، لېكىن پادىشاھدەك ھەممە نېمىسى تولۇق ئادەملەرنىڭمۇ غېمى بولىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە خۇشاللىق دېگەن ئانچە چوڭ دائىرلىك ئۇقۇممۇ ئەمەس. ئەگەر سىز خۇشال بولىمەن دېسىڭىزلا ئەڭ كىچىك، ئەڭ ئاددىي نەرسىلەردىنمۇ خۇشاللىق تاپالايسىز. ئەكىسچە سىزدە تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئازىراق قانائەت بولمىسا ئېگىز ئىمارەت-داچىلاردا ئولتۇرۇپمۇ، ئەڭ ئېسىل كيىملەرنى كېيىپ، ئەڭ مەزىللىك تائاملارنى يەپمۇ غەم-ئەندىشە ئىچىدە يۈرىسىز، خالاس.

خۇشاللىق دىگەن نېمە؟
        
خۇشاللىق- ئۆزىڭىز ئىگە بولغان ھىممەتلەرنى قەدىرلەش دېمەكتۇر، بايقىدىڭىزمۇ؟ خۇشاللىق ئەسلىدە مۇشۇنداق ئاددىي بولىدۇ

Rank: 2

توردا
33 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
104
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:13:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوشاللىقنىڭ كەينىدىن خاپىلىقمۇ ماراپلا يۈرىيدۇ،،،،،،،،،،

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:32:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ياش خۇشھاللىقنى ئىزدەپ تاپماقچى بوپتۇ، ئەمما ئۇلار شۇنچە ئىزدىسىمۇ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سامسىپەزدىن "خۇشھاللىق زادى نەدە؟" دەپ سورىغان ئىكەن، سامسىپەز بىر ئاز ئويلىنىپ ئاندىن: "  سىلەر ئاۋۋال ماڭا بىر تونۇر سېلىشىپ بېرىڭلار، ئاندىن مەن سىلەرگە ياردەم قىلاي دەپتۇ"...
  يىگىتلەر ماقۇل بولۇشۇپتۇ ۋە خۇشھاللىق ئىزدەيدىغان ئىشنى بىر چەتكە قەيرىپ قويۇپ،  بىرى كېسەك توشۇپتۇ، بىرى لاي ئېتىپتۇ... ئۇزۇن ئۆتمەي ناھايىتى چىرايلىق، سىپتا بىر تونۇر سېلىنىپتۇ،
   تونۇر پۈتۈپ، سامسا يېقىلىپ، پىشىپ يىگىتلەرنىڭ ئالدىغا قىززىق چاي بىلەن قويۇلغاندا، يىگىتلەرمۇ ئەمگىكىدىن ناھايىتى شاتلىنىپتۇ.... بۇ چاغدا سامسىپەز :"خۇشھاللىقنى ئىزدەش كەتمەيدۇ... ئۇ مۇشۇنداق تۇيۇقسىزلا ئەتراپىڭدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ..." دەپتۇ.
  خۇشھاللىق ئەتراپىڭىزدا....

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 22:20:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز جۈپ ياش مۇھەببەتلىشىپتۇ ، قىز يىگىتنى سىناش ئۈچۈن "مېنى ياخشى كۆرەمسىز "دەپ سوراپتۇ . ئوغۇل بالا "جىنىم بىلەن سۆيىمەن سىزنى "دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . قىز يەنە سىناش ئۈچۈن " مېنى ياخشى كۆرسىڭىز ئېگىز چوققىدىن سەكرىيەلەمسىز ؟" دەپ سوراپتۇ . يىگىت جاۋاپ بېرىپ " سىز شۇ چوققىنىڭ ئاستىدا بولسىڭىز  مەن ئۆزەمنى سىزنىڭ يىنىڭىزغا ئېتىشكە رازى "دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ .
قىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوشال بوپتۇ . خۇشاللىق سىزنىڭ ئىللىق مۇئامىلىڭىزدە . مىھرىۋانلىقىڭىزدا ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
745 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2210

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 14:22:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل يازما، ئېسىل ئىنكاسلار....
يەتتە قىزلىرىمنىڭ كەلگۈسى سىلەردەك دوستلارنىڭ قوللىشى ئاستدا تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!
يەتتە قىزلىرمىدىكى ھەر- بىر ئەزا چوقۇم ياخشى بۆرە، بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل، شۇنداقلا تېخىمۇ ياخشى بۆرىلەرنىڭ مۇنبەرگە يىغىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 17:13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشنىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىدا يامان بۆرە بەزىدە غەلىبە قىلىپمۇ قالىدۇ. يامان بۆرىنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلەي دېسەڭ، ھەر قانداق ئىش قىلغاندا ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئەقىل-ئىدراكىڭ بىلەن قىل! شۇندىلا، بەزىدە يامان بۆرىلەرنىڭ سېنىڭ ئۈستىڭدىن غالىب كېلىشىدىن ساقلىنالايسەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
2
يازما
57
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:53:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان بۆرىلەرنىڭ ئاقىۋېتى ھامان ھالاك بولۇشتۇر!

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 23:34:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ۋۇي بۇ ئەرزىمەس تېمامغا ئاجايىپ ئىنكاسلار چۈشۈپتا

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:24 , Processed in 0.058694 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش