ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ
تويى بولۇپ ئاغىنىمىزنىڭ ،
نىكاھىغا باردۇق سەھەردە .
ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ ،
پۇر كېتىپتۇ پۈتۈن شەھەرگە.
خىجىللىقتىن قىزاردى چوڭلار ،
باشلىغاچقا بوۋىلار سوراق .
بايان ئەيلەي كىتاپخانلىرىم ،
ئەسلى ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق .
ئىمام ئاخۇن باشلىدى تەپسىر،
شۈك بولۇشتۇق ئايەتنى ئاڭلاپ .
ھەيران بولدى مىنكاۋخەن يىگىت ،
چىقتى بىر قۇر ھەممىگە قاراپ .
" خاتۇنلۇققا قوبۇل قىللىمۇ ؟"
دىدى ئىمام يىگىتكە قىزنى .
ئىپادىسىز ئولتۇردى يىگىت ،
چۈشەنمىگەچ تازا بۇ سۆزنى .
قىستىغاچقا ئىمام جاۋاپنى ،
"تا شو سا " دەپ باقتى قولداشقا.
توۋا دىدى بوۋىلار غەزەپ -
-بىلەن قاراپ دادا قاقباشقا .
پىچىرلىغاچ قولدىشى كۈلۈپ ،
" توڭيى " دىدى يىگىت ئالدىراپ .
"ئاپلا " دىدى ئىمام ئاخۇنۇم ،
توختىماستىن ساقالنى سىلاپ .
داۋام ئەتتى نىكاھنى ئىمام ،
بىر غەزەپتىن چاقناپ كەتتى كۆز .
تاشقىردىكى قىزنىڭ ئاغزىدىن ،
ئاران چىقتى " ھەئە " دىگەن سۆز .
تۇزلۇق ناننى يىگىتكە بەرسە ،
ھەيرانلىقتا دىدى ”جىگى سا ؟"
چىرقىرىدى تاشقىردىكى قىز ،
"جىگى مومو فېيچاڭ نەنچىلا "..
"توۋا " دىدى ئىمام غەزەپتىن ،
" مۇشۇمۇ ھە بىزنىڭ بالىلار "!!!!
بىر قاباھەت يادىدىن كېچىپ ،
ھەسرەت ....دىدى ئاقباش بوۋايلار ..
تامام بولدى بۇ نىكاھ شۇنداق ،
پوق يىگەندەك بوپ قالدى ھەممە .
ئىمام يىغلاپ دىگەن بۇ گەپلەر ،
بارچىمىزگە بولسۇن تەربىيە !!
خاتىمە
قىز دەپتۇمىش ئىمام ئاخۇننى ،
" بۇ داخۇزى نائېردى جۈجاڭ ؟"
ساددا يىگىت دەپتۇ ئىمامنى ،
" جېگې يېيې مەسچىتكە شوۋجاڭ !!"
شەرەپلىك ئىش قوش تىللىق بولۇش ،
ئانا تىلنى ئۇنتۇش جىنايەت !
ئانا تىلسىز ئەلنىڭ كەلگۈسى ،
مۇقەررەركى قىزىل قىيامەت
مەنبە : تور دۇنياسى (ئىلگىرى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ كۆچۈرۈپ قويغان ئەسەر ئىدى ،ئېنىق مەنبەسى ئېسىمدە قالماپتۇ )