ئالىي مەكتەپنى يېڭىدىن پۈتتۈرگەن رەنا نۇرغۇن جەبىر جاپا ھەم سىناقلاردىن ئۆتۈپ، بىر تاشقى سودا
شېركىتىگە قوبۇل قىلىندى. شىركەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە خادىملار بەلگىلەنگەن تۇرالغۇدا تۇرۇشى كېرەك ئىدى. بۇ بىر ھېسابتا خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنسا يەنە بىر جەھەتتىن خادىملارنىڭ ياتاق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىدى.
رەنا بۈگۈن
شېركەتكە تەۋە بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىدىكى بىر ياتاققا كۆچۈپ كىردى، ئەسلىدىنلا رەتلىك ئىشلىتىلگەن بۇ ياتاق رەناغىمۇ ئوبدانلا ياراپ قالدى.
--بۇ ياتاق ئەمدى سىزنىڭ ئىلىكىڭىزگە ئۆتتى. ياتاقتىكى ئائىلە جاھازلىرى
شېركەتكە تەئەللۇق، سىز بۇلارنى داۋاملىق ئىشلەتسىڭىزمۇ ياكى ئالماشتۇرسىڭىزمۇ مەيلى، --دېدى خوجىلىق
بۆلىمىنىڭ خادىمى. رەنا ئۆي ئىچىگە ئەستايىدىللىق بىلەن سەپسېلىپ قارىدى.
جاھازىلار يىڭى بولسىمۇ رەڭگىنى ئانچە ياقتۇرمىدى، ئەمما ياتاق ئۆيدىكى گىرىم ئەينىكى شۇنداق چىرايلىق بولۇپ، رەنا دەل بازاردىن ئالماقچى بولغان نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش ئىدى.
--ئۆيدىكى بۇ جاھازلارنى ئالماشتۇرۇۋېتەي، مۇنۇ ئەينەكنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، بۇنى مەن ياقتۇردۇم.
خوجىلىق بۆلۈمىدىكى خادىم بىر ئىككى سائەت ئىچىدە ئۆيدىكى كونا جاھازلارنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. رەنا بۈگۈن ئۆينى تازىلاش بىلەن قاتتىق چارچىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ بۈگۈن بالدۇرلا ئۇخلاپ قالدى.
سەھەردە سائەتلىك قوڭغۇراقنىڭ ئويغىتىشى بىلەن رەنا ئويغاندى، ئۇ ئۆزى ئانچە مۇنچە تۈزەشتۈرۈپلا ئىشقا ماڭماقچى بولدى. قىزىق ئىش، گىرىم ئەينىكىنى تۈنۈگۈنلا سۈرتۈۋەتكەن تۇرسام يەنە
لەۋسۇرۇقىنىڭ يۇقۇندىسى تۇرىدىغۇ. پاكىز
سۈرتمەپتىمەندە. رەنا كۆپ ئويلىماي خىزمەتكە چىقىپ كەتتى. تۇنجى كۈنلۈك خىزمەتتىن كۆڭۈللۈك ھېس قىلغان رەنا ياتاققا قايتىپ كىردى-دە يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ياخشى تۇرغانلىقىنى، ھازىرقى شارائىتى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ خاتىرجەم قىلدى.
ئەتىسى رەنا يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ كىردى دە سۇس گىرىم قىلدى، ئەمما ئالدىدا رەتلىك تىزىپ قويۇلغان لەۋ سۇرۇخى جايىدىن ئازراق قوزغىلىپ كەتكەندەك بىلىندى، گىرىم ئەينىكىدە بولسا يەنە شۇ قالدۇق لەۋ سۇرۇخى ۋە قاش قەلىمىنىڭ ئىزى، تارغاقتا ئۆزىنىڭ چېچىدىن خېلىلا ئۇزۇن بولغان چاچلار... بۇ ئۆيگە كىم كىرگەندۇ؟ رەنا ئۆينىڭ ئىچى سىرتىغا قاراپ چىقتى. قىزىق ئىشقۇ بۇ.
رەنا
شېركەتكە كىرگەندىن كېيىن خوجىلىق بۆلۈمدىكى كادىردىن بەزى ئەھۋاللارنى سوراپ باقتى، بۇ ياتاقنىڭ ئاچقۇچى باشقىلاردىمۇ يوق ئىدى. رەنا شۇلارنى خىيال قىلىپ كېتىپ بارغىنىدا قورۇنىڭ ئالدىدا دەم سېلىپ ئولتۇرغان بىر موماي ئۇچرىدى. رەنا موماينىڭ « پالغا ئىشەنمە، پالسىزمۇ يۈرمە» دېگەن سۆزلىرىگە سەل قىزىقىپ قالدى دە، ياتىقىدىكى ئىشلارنى تامام ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى نىكاھ ئىشى توغرىلىق پال سالماقچى بولدى. موماي رەنانىڭ چىرايىغا سەپسېلىپ قاراپ چىقتى:
--قىزىم، سىز تېخى ئۆزىڭىزنى پاكىزلىماي تۇرۇپ، نىكاھتىن پال ئاچماقچىمۇ؟
بۇنىڭدىنمۇ بەك مۇھىم ئىشلىرىڭىز باركەن. ئۆزىڭىزنى پاكىزلاڭ.
رەنا ئورنىدىن لىككىدە تۇردى دە « بۇ ساراڭ خوتۇن ئالجىپ قالدىمۇ نېمە، قاراپ تۇرۇپ پاكىز ئەمەسكەنسەن
دەيدا ئادەمنى.» ئۇ شۇنداق غۇدۇرىغىنىچە مومايغا ئالىيىپ قويۇپ
كېتىپ قالدى. رەنا ھەقىقەتەن پەرىشان بولغان ئىدى، مەيلى ئالىي مەكتەپتە بولسۇن ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن ئۇ ھېچبىر ئادەم بىلەن قالايمىقان ئارىلاشماي، ئۆزىنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈرمەي پاك ئۆتكەن قىز ئىدى، مانا بۈگۈن كۆرۈپ باقمىغان بىر قېرىنىڭ ئۇنى «پاكىز ئەمەس تۇرۇپ نىكاھتىن ئېغىز ئاچساڭ بالدۇرلۇق قىلىدۇ» دەپ ھاقارەتلىشى ئۇنىڭ جېنىغا تەگكەن ئىدى. رەنا شۇ كۈنى كەچتە يۇيۇنۇپ بولۇپ ئۇخلىماقچى بولۇپ تۇيۇقسىز گىرىم ئەينىكىنىڭ ئىشى يادىغا كەلدى، زادى كىم ماڭا بۇنداق چاقچاق قىلىدىغاندۇ؟ بۈگۈن
ئېنىقلىمايدىغان بولسام. ئۇ شۇلارنى خىيال قىلدى دە بۈگۈن ئۇخلىماي قاراپ ياتماقچى بولدى، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە ئۇخلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ
سىفىرلىق كامىرانى پەردە كەينىدىن توغرىلاپ قويۇپ خاتىرجەم ياتتى.
كېچە سائەت 12گە داڭ ئۇرغان چاغ بولغاندا، بىر نەرسىنىڭ رەنا بىلەن تەڭ نەپەس
ئېلىۋاتقانلىقنى بايقىدى، رەنا كۆزىنى بىلىنەر بىلىنمەس ئېچىپ ياتتى، نەپەس ئېلىۋاتقان نەرسە دەل رەنانىڭ كارىۋىتى ئاستىدىن شىپىرلىغىنىچە سۆرىلىپ چىقىۋاتاتتى، مانا چېچى ئۇزۇن ئەمما گەۋدىسى ئاق رەخت بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بىر سايە گىرىم ئەينىكىنىڭ ئالدىدا ئولتۇردى، دىمىغىدا ئېچىنىشلىق خىرقىراپ بىر ناخشىغا
غىڭشىۋاتقاندەك قىلاتتى. رەنا بۇلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ياتتى. ئاھ.. تەڭرىم! بۇ زادى نېمە؟ زادى نېمە؟
بۇ بىر ئايال كىشىنىڭ مۇكەممەل بولمىغان بىر گەۋدىسى ئىدى، ئۇ لەۋ سۇرۇخىنى ئىلىپ لەۋلىرىگە سۈركىدى، قاش قەلىمى بىلەن چىرايىغا ئەستايىدىللىق بىلەن سىزىۋاتاتتى، تارغاقنى ئالدى دە چاچلىرىنى تاراشقا باشلىدى. رەنا بۇلارنى كۆرۈپ تۇردى، قورققىنىدىن ئاۋاز چىقىرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي يوتقىنىنى چىڭ چىشلىۋالغان ئىدى، سىرلىق گەۋدە چاچلىرىنى تاراپ بولدى-دە «شارتتىدە» رەناغا قارىدى:
--
چىرايلىقمىكەنمەن...
چىرايىنىڭ يېرىمى يوق يوق. يۈزلىرى ئۇندەك ئاق، قاش قەلىمى بىلەن ئارانلا سىزىلغان بىر چىراي رەناغا قاراپ تۇراتتى. رەنا « ئاھ!!» دېگىنىچە ئېچىنىشلىق ۋارقىرىۋەتتى. رەنا ھوشىغا كېلىپ قارىسا قوڭغۇراقلىق سائەت بەلگىلەپ قويغان ۋاقىتتا جىرىڭلاپ تۇراتتى. تاڭ ئاتقانىدى، دېمەك رەنا
بايامقىلارنى چۈشىدە كۆرگەن ئىدى. ئۇھ! رەنا چوڭقۇر بىر
تېنىق ئالدى-دە يۈز ۋە بويۇنلىرىدىكى چىلىق چىلىق بولۇپ كەتكەن تەرنى سۈرتۈۋەتتى. ئۇ ساپما كەشنى كىيىپ قېتىپ قالغانىدى. گىرىم ئەينىكىدە يەنە شۇ لەۋ سۇرۇخى يەنە شۇ قاش قەلىمى، تارغاقتا ئۆزىنىڭ چېچىدىن ئۇزۇن چاچلار....
رەنا ساراڭدەك قورققانچە بۇلۇڭغا بېرىپ ئولتۇرۇۋالدى...« ياق.. ياق.. بۇ چۈشۈم ئەمەسكەن... سەن زادى كىم.. زادى كىم؟».
بىردەمدىن كېيىن ئۇ ھوشىغا كەلگەندەك قىلدى دە. پەردە كەينىدىكى ئوچۇق ھالەتتە تۇرغان
كامىرانى ئېلىپ كېچىدىن ئالغان سىن خاتىرىسىنى كۆردى. رەنا تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. سائەت 12گە داڭ ئۇرغاندىن كېيىن رەنا ئويغاندى، ساپما كەشنى كىيىپ گىرىم ئەينىكىنىڭ ئالدىغا كەلدى. كارىۋىتى ئاستىغا سىڭاريان بولۇپ قولىنى سۇندى دە، يالغان چاچتىن بىرنى تارتىپ چىقىرىپ بېشىغا
كەيدى. قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇ مەكتەپتىكى ئامراق ناخشىسىنى غىڭشىغىنىچە بېشىنى سەل پەس قىلىپ گىرىم قىلىۋاتاتتى، چاچلىرىنى تاراپ بولغاندىن كېيىن كامېراغا قاراپ:«
چىرايلىقمىكەنمەن» دەپ سورىدى دە كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ ئۇخلاپ قالدى. رەنا بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئەمدى رەسمىي ھالدا پاكىز بولمىغان بىر نەرسىنىڭ چىرمىۋالغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ
كامىرانى چىڭ قاماللىغىنىچە تىترەپ ئولتۇراتتى...
شىركەتتىكى خىزمەتدىشى رەنانىڭ ئىشقا ۋاقتىدا كەلمىگەنلىكىنى، رۇخسەتمۇ سورىمىغانلىقىنى بىلىپ سەل ئەنسىرەپ قالدى دە ئۇنىڭ ياتىقىغا باردى. رەنا يەردە سۇنايلاپ ياتاتتى. قولىدا كامېرا بار ئىدى. خىزمەتدىشى
كامىرانى ئېچىپ كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى، ئۇ رەنانى
ئاستىغىنە كۆتۈرۈپ كارۋاتقا قويدى دە دەرھال ياردەمگە ئادەم چاقىردى....
بىر ئايدىن كېيىن رەنا ئاستا ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. خىزمەتدىشى ئۇنىڭغا داۋالانغان ئارىلىقتا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ بەردى. رەنا ھوشىدىن كەتكىنىچە ئۈچ كۈندىن كېيىن ھوشىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ بىر ئايغىچە ھېچكىمگە گەپ قىلماي تامغا قاراپ تارغاقتا چېچىنى تاراپلا ئولتۇرىدىغان بولىۋالغانىدى. خىزمەتدىشى رەنانىڭ كامېراغا ئېلىۋالغىنى بويىچە دەرھال
پىسخولوگلارنى ئىزدىگەن، پسىخولوگلار ھەممىسى بىردەك:« رەنانىڭ ئوچۇق نېرۋىسى ئادەتتىكى ئىنسانلار بايقىيالمىغان مەلۇم بىر
ئۇچۇرنى يەنى روھنى بايقىغان بولىشى مۇمكىن ، بۇ روھ رەنانىڭ تېنى ئارقىلىق ئۆزىنى باشقىلارغا بىل
دۈرمەكچى بولىشى مۇمكىن» دەپ پەرەزلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. شېركەتتىكىلەردىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق شېركەت مالىيە خادىمى گۈلزىرەنىڭ يېرىم يىل ئىلگىرى يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،گۈلزىرەنىڭ جەسىتىنى رەنانىڭ ياتاق ئۆيىدىكى كارىۋاتنىڭ تىگىنى كولاپ تېپىپ
چىقاردى. جەسەت خالتىغا سېلىپ يەرنىڭ تىگىگە چوڭقۇر قىلىپ كۆمۈلگۈچكە ھېچكىم ئۇنى بايقىيالمىغان ئىدى.بىر نەچچە ئاي ئادەم تۇرمىغان ئۆيگە رەنا كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن گۈلزىرەنىڭ روھى ئۇنى تاللىغان ئىدى.
ج خ ئورۇنلىرى كىشىن
ىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بۇ ھادىسىدىن سەل شۈ
بھىلەنسىمۇ ئەمما چېرىپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن گۈلزىرەنىڭ
DNA نى تەكشۈرۈپ سالاھىيىتى بېكىتكەن.
خوجىلىق بۆلىمىدىكى خادىمنىڭ قاتىللىق گ
ۇمانىنىڭ زورلىقىنى بايقاپ ئۇنى تۇتۇپ سوراق قىلغان، جەسەت بايقالدىن كېيىن يۇرۈش تۇرۇشى بىنورمال بولغان خوجىلىق بۆلۈم خادىمى يېرىم يىل ئىلگىرى ياش چىرايلىق قىز گۈلزىرەگە باسقۇنچىلىق قىلىپ ئۇنىڭ پاش قىلىپ قويىمەن، تۈرمىگە سولىتىۋېتىمەن دىگەنلىرىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئۆلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قىڭغىراق بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى چاناپ ئىككى پارچە قىلىۋەتكەنلىكىنى تولۇق تاپشۇرغان . خوجىلىق خادىمى ئاخىرىدا يەنە :« مەن رەنا كەلگەن ۋاقىتتا ئۇنى خېلى ياقتۇرۇپ قالغان، ئەتىسى ئۇ گىرىم قىلىپ چىقىپتۇ، ئۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم، چۈنكى گۈلزىرەنىڭ بويۇن تەرىپىدە ئۈچ تال چېكىت شەكلىدە مەڭ بار ئىدى، رەنامۇ ئۆزى بىلىپ بىلمەيلا ئۈچ تال چېكىت مەڭنى چېكىپ چىققانىدى. بۇنىڭدىن گۈلزىرەنىڭ روھىنىڭ بىشارەتلىرىنى ھېس قىلغانىدىم، گۈلزىرەگە يۇز كىلەلمەيمەن» دەپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكەن.
رەنا دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن شېركەتتىن ئىستىپا سوراپ كىتىپ قالدى . ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنى ھېچكىم بىلمەي قالدى.