ئەي قىزىم
قالسۇن سەندە مىنىڭ باسقان گۈل ئىزىم ،
نەسىھەتتۇر ساڭا ئېيتقان ھەر سۈزۈم ،
سەن ئىدۇر سەن قارچۇغىسى بىر كۈزۈم ،
ئاڭلا ساڭا سۈزۈم باردۇر ئەي قىزىم .
ئەي قىزىم مەن ساڭا شۇنچىلىك ئامراق ،
چىھرىڭدە نۇر ئىمان بولساڭمۇ شوخراق ،
ھايالىق بولغىن سەن بۇلارمەن بەكراق ،
ئۈمىد سىز قىلمىغىن مىنى ئەي قىزىم .
ياراتتى ئىگەم تۇغۇلدى ئىنسان ،
سىن بىز ئىدۇق ئەسلى، لەختە-لەختە قان ،
قانغا تەن قوشتى ، ئاڭا بەردى جان ،
ئاڭا ئاللاھ قادىر ، بىلگىن ئەي قىزىم .
قولدا كىتاب دىلدا ئىمانىڭ بولسۇن ،
قىزدۇر سەن قىزغا خاسخۇي پەيلىڭ بولسۇن ،
قىزلارغا يارىشار ۋىجدانىڭ بولسۇن ،
ھايالىق نۇمۇسچان بولغىن ئەي قىزىم .
قولدا كىتاب دىلدا ئىمانىڭ بولسۇن ،
كۈنلىكى بەش ۋاقىت نامىزىڭ بولسۇن ،
مەخشەلدە سۇراققا جاۋابىڭ بولسۇن ،
بارۇرسەن سۇراققا سەنمۇ ئەي قىزىم .
بىلگىنكى ئادەمنى ياراتقان چاغدا ،
پەرىشتىلەر ئاڭا سەجدە قىلغاندا ،
سەجدىدىن باش تارتقان كىبىر شەيتاندا ،
ھەيدەلگەن جەننەتتىن شەيتان ئەي قىزىم .
كىبىردىن يىراق بول تەكەببۇر بولما ،
ھەيدەلگەن جەننەتتىن شەيتاندىن بولما ،
سەن ئىنسان قىزىدۇرسەن نۇمۇسسىز بولما ،
ھەمراھ بول جەننەتتە ماڭا ئەي قىزىم .
سەن مىنىڭ قىزىمسەن كەلگۈسى ئانا ،
بولىسەن ھەم يەنە مىللەتكە ئانا ،
مىللەتنىڭ تەقدىرى سىنىڭ قۇلۇڭدا ،
مىللەتنى يۇقاتما ئۇزۇڭ ئەي قىزىم .
خاتىرەمدىن : دەرۋىش