يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1016|ئىنكاس: 3

سىزنىڭچە ، ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى قايسى؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 18:40:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىزنىڭچە ، ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى قايسى؟


   پروگرامما رىياسەتچىسى بۇ سوئالنى ھەر خىل ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەردىن سورىغاندا:


   بىر كىچىك قىزچاق: ئىككى ئايلىق مەزگىلنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى بۇ مەزگىلدە سىزنى ئاتا–ئانىڭىز كۆتۈرۈپلا باقىدۇ، ناھايىتى كۆپ ئادەملەرنىڭ كۆيۈنۈشى بىلەن ئېتىبارىغا ئېرىشىسىز›› دېگەن.


   بىر كىچىك ئوغۇل بالا: ئۈچ ياش ئەڭ ياخشى مەزگىل. چۈنكى بۇ ياشتا بالىلار باغچىسىغا بارىدۇ، ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنى ئوينايدۇ، قىلىمەن دېگىنىنى قىلالايدۇ دېگەن.


   بىر ئۆسمۈر بالا: 18ياش. بۇ باسقۇچتا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىپ، بارماقچى بولغان ھەر قانداق جايغا بىمالال بارغىلى بولىدۇ دەپ جاۋاب بەرگەن.


   43 ياشلىق بىر ئەر: 25ياش. بۇ مەزگىلدە ئادەمدە ئالغا ئىنتىلىدىغان غايەت زور كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. مەن ھازىر ئاجىزلاپ قالدىم، ئېگىزرەك داۋانلارغا چىقالمايمەن. 15يېشىمدا كېچىچە ئۇخلىمىساممۇ ھېچنېمە بولمايتتىم. ھازىر سائەت توققۇز بولا–بولمايلا ئۇيقىغا كېتىمەن›› دېگەن.


   ئۈچ ياشلىق بىر قىزچاق:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى29 ياش. چۈنكى سىز بۇ مەزگىلدە ئۆيىڭىزدە بىمالال سوزۇلۇپ ياتالايسىز، نېمە ئىش قىلغۇڭىز كەلسە شۇنى قىلالايسىز دېگەن. رىياسەتچى ئۇ قىزچاقتىن: ئاپىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ:29ياشقا دەپ جاۋاب بەرگەن .


   بەزى كىشىلەر: 40ياش ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى ياش مەزگىلى. چۈنكى بۇ مەزگىلدە ئادەمنىڭ ئەقىل–پاراسىتى بىلەن كۈچ–قۇۋۋىتى تولۇق يېتىلىدۇ، دېيىشكەن.


   45 ياشلىق بىر خانىم: بالا تەربىيىلەشتىكى ۋەزىپىمىزنى ئورۇنداپ بولدۇق. ئەمدى نەۋرىمىزنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى دېگەن.


   بىر ئەر: 65ياش ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى. چۈنكى بۇ باسقۇچتا پېنسىيە تۇرمۇشىدىن بەھرلەنگىلى بولىدۇ دېگەن. ئاخىرىدا بۇ سوئال ياشانغان بىر ئايالدىن سورالغاندا، ئۇ:  ھەر بىر ياش باسقۇچى سىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا سىز ھازىرقى ياش باسقۇچىڭىزنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك دەپ جاۋاب بەرگەن.




مەنبە:تور دۇنياسى


خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:12:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان ھەر بىر ياش باسقۇچىدا ، شۇ شارائىتقا ماسلىشىپ تۇرۇپ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىدۇ .
مەندىن سورىسىڭىز ، ئالى مەكتەپ ھاياتى باسقۇچىدىكى ياش ئەڭ ياخشى ، چۈنكى بۇ باسقۇچتا ، كەلگۈسىڭىزگە ئاساس سالىسىز ھەم يىڭى ھايىتىڭىزنى باشلايسىز .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 10:15:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىياسەتچى مەندىن بۇ سوئالنى سورىغان بولسا، مەن 10 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ۋاقىت ئەڭ بەختلىك، ئەستىن چىقمايدىغان گۈزەل ۋاقىتلار دېگەن بولاتتىم.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
164 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
95
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 15:00:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياش ئەڭ ساز ياش، دەپ ئويلايمەن.
ئەمما 30 ياش مەزگىلمۇ بەك گۈزەل ياش مەزگىلىدە، ھەي...30 ياشىم

مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 07:56 , Processed in 0.046958 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش