ئاپتور: كامىلجان ناسىر (دىلداش)
ئېڭىمدا زارىقىپ كۈتكەچ سۆيۈشنى ،
بىر كۈنۈم بىر يىلدەك تۇيۇلار ماڭا.
تاقىتىم تاق بولدى ھېس تۇيغۇم ئارا،
ئىشقىمدىن مۇڭسىراپ بارغاندەەك دۇنيا.
شۇ قەدەر ئازابلىق بولسىمۇ كۈتۈش،
چىدىدىم چىدايمەن ئىرادەم بۈيۈك.
دەردمەنلەر بىلىدۇ دەردمەن قەدىرىنى ،
ھەسرەتلەر قەلبىمنى قىلماقتا يەمچۈك.
مىڭ تىلەپ بىر سۆيسەم رازىمەن چوقۇم ،
ئىرادەم ئارمانغا ئەيلەيدۇ مەەدەەت .
بىتابلىق دەردىدىىن زارلانماس يۈرەەك،
باسسىمۇ باغرىىنىى پايانسىز ھەەسرەەت.
زوقلىنىپ لېۋىڭگە تەگسە گەر لېۋىم،
شىپالار تاپقۇسى كېسىلىم جەزمەن.
پايانسىز باغرىڭغا سىڭسەم مىھىردە،
بۇلاتتىىم ئازاپتىىن بىىراقلا خۇرسەەن.
ئاپتور:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيىسىدە شىپاگەر.
ئاپتورنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تېمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.