يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 768 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 627|ئىنكاس: 6

ئائىلە پىرىنسىپى توغرىسىدا خىياللىرىم<1>(مايماق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 13:46:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى توي قىلمىدىم....بەلكىم ئەر  - ئاياللار ۋە ئائىلە توغرىسىدا قاراشلىرىم بەك يۈزەكى ياكى خاتا بولىشى مۇمكىن.لىكىن مەن يەنىلا دادىللىق بىلەن بۇ تېما ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدۈم ۋە بۇ پىكىرلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم. مىنىڭ توغرا بولسا تورداشلار نەپ ئالار.مىنىڭ خاتا بولسا تورداشلار خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بەرسە مەن نەپ ئالارمەن...ئىشقىلىپ ئويلاپ باقسام بۇنىڭ نەتىجىسى خەيرىلىككەن.

جاھان رېتىمىنڭ تېزلىقى، تەرەققىيات،مەدەنىيەت زوراۋانلىغى قاتارلىق سەۋەپلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە پىرىنسىپى جەمىئەت تەرىپىدىن بارغانسىرى سىقىپ چىقىرىلماقتا.غەربچە ئائىلە تۈزۈمى ، ئەرەبچە ئائىلە تۈزۈمى بارغانسىرى بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە پىرىنسىپىمىزنىڭ
ئورنىنى ئىگەللىمەكتە. مەسىلەن ھازىر ئاتا -ئانىلار جەمىئتنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن پەرزەنتلىرىگە قىلغان تەربىيەلىرىنىڭ ئۇلارغا تەسىر قىلغانلىقىدىن قاخشىسا،ئاياللار ئەرلىرىدىن ،ئەرلەر ئاياللىرىدىن نارازى بولماقتا.شۇنىڭ ئۈچۈن ئەركەكلەر قېنى؟ قىزلار ئىپپىتى ،ئەرلەر ئىپپىتى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر چوڭ بىر مۇلاھىزە تېمىسىغا ئايلانماقتا. بۇنىڭ ھەممىسى ئائىلە تۇتۇش پىرىنسىپى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەردۇر. بىز باشقا نۇرغۇن پىكىر ئېقىملارغا ئەگەشكەن بولساقمۇ <<قاغا ئۆگىنىمەن دەپ كەكلىلىك مېڭىشىنى ،ئۆگىنەلمەي ئۇنۇتتى ئاخىر ئۆزىنىڭ مېڭىشىنى>>دىگەندەك ،مەسىلىلەر ھەل بولماي تېخىمۇ ئىغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. چۈنكى ئائىلە بىر مىللەتنىڭ مىللىيىتى ،روھى ،مەدىنىيىتىگە ،يەنە جەمىيەتكە تەسىر قىلىدۇ. جەمىئەت يەنە  شەخىسكە يەنە مۇشۇ جەمىيەتتىكى بارلىق ئاتا -ئانا ،پەرزەنت قىسقىسى پۇتۇن مىللەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر ئايلانما جەريان . ئەمما بىزنىڭ قولىمىزدىن كىلىدىغىنى جەمىئەتنى ئۆزگەرتىش ئەمەس بەلكى ئائىلە تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش!
بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە پىرىنسىپىمىز ئۈستىدە دادىللىق بىلەن ئىزدىنىشكە توغرا كىلىدۇ.

نەزىرىمدىكى ئەنئەنىۋى ئائىلە پىرىنسىىمىز

مەنچە بولسا بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە پىرىنسىپىمىزنى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىشقا بولىدۇ.
ئاۋۋال كەمچىلىكى:
1.چوڭ ئەرلىك.  
ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئائىلە پىرىنسىپىدا ئاياللارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ئېتىراپ قىلماسلىق مەسىلىسى ئومۇمەن ئەھۋال. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە
<<ئايال كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا >> دىگەن ماقالە بولغان. لىكىن بۇ بىزنىڭ ئەجداد لىرىمىزنىڭ خاتالىقى بولالمايدۇ! چۈنكى
ئەجدادلىرىمىز بۇ ماقالىلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەندە،ئۇلار توختىماي تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلاتتى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇملۇققا بويسۇنمىغان خوتەن كورلا بوستانلىقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قانلىق ئەمگىكىنىڭ پولاتتەك پاكىتىدۇر. كۆرەش قىلىپ بويسۇندۇرۇش ماكانلىرىنى
تاشلىماسلىق بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قانچىلىك قەيسەر ،جاھىل ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
ئەمدى تېمىغا كەلسەك مۇشۇنداق شارائىت ئاياللارنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلىشقا توسالغۇ بولغان. ئاياللارنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىشى، ۋە ئارزۇلىرى ئەرلىرىمىزنىڭ شىجائىتىگە تەڭ كىلەلمىگەن . لىكىن چوقۇم تىلغا ئېلىش كېرەككى ئەرلىرىمىز پەقەت پىكىرنى ئىلىك ئالماسلىق بىلەن چەكلەنگەن. ئۇلارنى تاشلىمىغان، قوغدىغان ۋە ئاسرىغان. بىزنىڭ مۇھەببەت قوشاقلىرىمىز،قىز ئاياللىرىمىزغا قوشۇلغان مەدھىيەلەر بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ ئەرلىكنى شۇ جەمىئەتتىكى ئىلغارلىق دىيىشكە بولىدۇ. لىكىن شۈبھىسىزكى چوڭ ئەرلىك
ھازىرقى جەمىيەتتە بىر چوڭ خاتا قاراش بولۇپ ،بۇ بىزنىڭ قىز يىگىت ،ئەر ئاياللىرمىزنى قاتتىق قىينىماقتا. ئەرلەر تىگى پۈتمەس شاڭخولار،
يەنە مۇشۇ ئەينى ۋاقىتتىكى <<ئارتۇقچىلىنى>>نامايەن قىلالماسلىقتىن قورقۇپ خۇدۈكسىرىمەكتە. ئاياللىرىغا گەپ ئۆتكۈزەلمەي <<لاتا>> بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەكتە.ھەر ساھەدە نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە(مەيلى پەننى ياكى دىننى بىلىم بولسۇن)بولغان قىز ئاياللىرىمىز بولسا يا شۇنداق <<لاتا>>غا يولۇقۇشتىن ،ياكى <<لاتا>>ئەمەسلەرگە يولۇقۇپ ئۆزىنىڭ بىلىمىنىڭ ئېتىراپقا ئېلىنماسلىقىدىن ،ئەرنىڭ خاتا بولسىمۇ شۇنىڭ يوللۇق بولۇپ ئائىلە ۋە مۇھەببەتكە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ياخشى ئائىلە قۇرىمىز دەيدىكەنمىز ،ئەجدادلىرىمىزنىڭ يەنە بىر تەربىيىسى<<توغرا يولنى ئاتاڭغا بەرمە>>دىگىنى بويىچە بىز بۇ خاتا خاھىشنى چوقۇم ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.
مىنىڭچە ئاياللار چوقۇم گېپىنى پىكىر تەلەپلىرىنى چوقۇم ئوتتۇرىغا قويالىشى چەكلەنمەسلىكى ،توغرا بولسا قوبۇل قىلىنىشى كېرەك! ئۇنداق تەرەققىياتقا ماسلاشمايدىغان ئىدىيىنى تاشلاش ياكى ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشىمىز .ئىككىلەنمەسلىكىمىز ،قورقماسلىقىمىز ،ۋە ئېتىراپ قىلىشىمىز، خوتۇنۇڭغا مەسلھەت سالىسەن دەپ زاڭلىق قىلغانلارغا ئوچۇق رەددىيە بېرىشىمىز ،نومۇس قىلماسلىقىمىز زۆرۈر.
  ئەمما خاتا توغرىلىققا ياتمايدىغان كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تاللاش بولسا چوقۇم ئەر كىشىگە تاللاش ھوقۇقىنى بېرىش ۋە ئاياللىرىمز قوللاپ قۇۋەتلىشى كېرەك. چۈنكى يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقسا ئەرلەر تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدۇ ۋە ئېلىشى كېرەك! شۇنداق مۇھىتتىلا بىز قېنى ئەركەكلەر دەپ توۋلىمىساقمۇ ئائىلىنى ھەر قانداق ئاپەتتىن قوغدىيالايدىغان ،قىيىنچىلىقىنى يىڭەلەيدىغان ئەركەكلىرىمىز يەنە نازاكەتلىك ،ھايالىق قىز ئايالىرىمىز نىڭ قېشىغا قايتىپ كەلگۈسى.

2.خوتۇننى دۇمبالاش

بىز ئۇيغۇرلار بەك ئاشۇرىۋېتىمىز! بۇ توغرىسىدا ئارتۇقمۇ ئويلانمايمەن!چۈنكى ھەممە پاكىتنىڭ پاكىتى . ئىنسايىەت تارىخىدىكى بارچە مىللەت ئىرىق ئېتىراپ قىلغان ئەڭ مەشھۇر كىشى ۋە بىزنىڭ ئۈلگىمىز بۇ توغرىسىدا بىزگە ئاددى ئەمما  مەڭگۈلۈك تەلىم بەرگەن!مەن پەقەت ئىسىمدە قالغۇنى بويىچە بۇ سەل قارالغان ئۇنتۇلغان سۆزنى يەنە بىر ئىسىڭلەرگە سالماڭچىمەن.
<<ئايالىڭلارنى ئۇرماڭلار ، ئاۋۋال نەسىھەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ئايرىلىپ يېتىڭلار.ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىمىسا شىۋىق بىلەن كۆكەرمىگىدەك ئۇرۇڭلار>>
لىكىن مەن تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە ھىچ قايسى بىر ئەرنىڭ ئۆيىدە چىۋىق كۈرمىدىم. كۆرگىنىم مۇش ،پەشۋا،شاپىلاق.تېخى گىزىتلەردىن چايدۇ پىچاق،گۈرزە توقماقلارنىمۇ ئانچە مۇنچە كۆرۈپ قالىمەن.

3.كىچىكنى ئەتىۋالاش

دېھقەت قىلىپ قارىساق ئېتىراپ قىلايلى قىلمايلى ئەجدادلىرىمىز كىچىكنى يەنى كەنجىنى بەك ئەتىۋارلىغان. بۇنى مەن ھازىرغىچە ئويلىنىپ سەۋەبىگە يىتەلمىدىم.
ئېتىراپ قىلمايدىغانلارغا شۇنى دەيمەنكى  ئۇيغۇر چۆچەكلىرىنى  كۆرگەندە  دىققەت قىلىڭكى كۆپ ئەھۋالدا كەنجى شاھزادە ياخشى شاھزادە،
كەنجى بالا ۋاپادار بالا.
بۇ مەسىلە ئائىلىلەردە ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۈت. شەخسەن مەن ئۇچرىغان.
مۇشۇ پىرىنسىپ ئاساسىدا بىز چوڭنىڭ توغرا بولسىمۇ كىچىكلەرگە يول قوي دىدۇق! چوڭىنىڭ قىلغىنى ئەلۋەتتىدەك چوقۇم قىلالىشى كېرەكتەك
كەنجىنىڭ بولسا قىلغانلىرى شۇندا قىززىقتەك ، ئۇلار شۇنداق زېرەكتەك. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ جەمىئىتىمىزدە نۇرغۇنلىغان يارامسىز چوڭ بالا ،ئەركە كەنجى بالىلار ۋۇجۇدقا كەلدى. لىكىن كەنجىلەر چۆچەكلەردىكىدەك تاغنى تالقان دۈشمەننى ۋەيران قىلالمىدى.
بۇنى ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بىز بۇنداق مەسىلىدە بالىلار تالاشتارتىش قىلسا سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىشىمىز توغرا خاتانى تولۇق ئايرىشىمىز
لازىم .ھەرگىز ئاۋارىچىلىق كۆرمەڭ .چۈنكى ئۇلار ھامىنى سورىمايدىغان توغرا خاتانى ئۆزلىرى ئايرىيالايدىغان بولىدۇ. بۇ كىچىك ئىشتەك تۇرسىمۇ ئەمما باك مۇھىم. چۇنكى بۇ كىيىن بالىلارنىڭ يەنى مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بۇ ئۇسۇل ھازىر بولۇپمۇ ئەرلىرىمىزدە كۆپ كۆرىلىۋاتقان ۋە ئاقىۋىتى بەك ئېغىر بولغان بوشاڭلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. مىنىڭچە بۇنداق تەربىيىگە ئەرلەر بەكراق ماس كىلىدۇ.(يەنى دادا) چۈنكى ئاياللار ئالدىراڭغۇ كىلىدۇ.

4. ئىقتىسادنى ئىلمى باشقۇرماسلىق

ئوغۇزخان ئالتۇن ئوقيانى سۇندۇرۇپ ئۈچ ئوغلىغا بېرىپ ئۈچ تەرەپكە خاقان قىلدى بۇنىڭدىن يەنە نەچچە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋۇجۇدقا كەلدى.
ئۈچ يا ئوقىنى يەنە ئۈچ ئوغلىغا بېرىپ ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ ئۈچ تەرەپكە خاقان قىلدى.
ئاھ مىللىتىمنىڭ پەخرى ،يىگىتلىرىمىزنىڭ باتۇرلۇق ئۈلگىسى ئۇغۇزخان سىز ئىنتايىن ئادىللىق قىلدىڭىز لىكىن ئاقىللىق قىلمىدىڭىز.
بەلكىم بىرلا ئوغۇل باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ ياردىمىدا ئەلگە تېخىمۇ بەك پايدا بېرىشى ،سىزنىڭ جەمەتىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى بولغان
خانلىق تەختىدە نۇرغۇن پايدا ئالالار ئىدى بەلكىم.بىز ھازىرقى ئەۋلادلارمۇ ئەڭ ياخشىسى بىرلىك بولسا بۆلۈنمىسە دەپ ئويلايمىز.راستىنى
ئېيتسام مەن شۇ قەبىلىلەرنىڭ ئىسمىنىمۇ ئىسىمدە تۇتالمايمەن. ئاز بولسا ساز بولار ئىدى.خەير !تارىخ كەتتى !  ئۇمۇ ئۆز فورمۇلاسى بىلەن ماڭىدۇ. بىز تارىخنى ئۆزگەرتىشكە ئاجىز ئەمما ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
يۇقىرىقى پەقەتلا مىسال . بىز جەريانغا ئەمەس نەتىجىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك! ئىقتىسادنى سەرپ ئەتكەن ئىكەنمىز چوقۇم ئۈنۈم ئېلىشىمىز كېرەك.
1)توي .
بىز قىزىقكەنمىز! ھەممىمىز 100كوي 100كوينى ئۆزىمىز تويلارغا ئادەمگەرچىلىك قىلىپ،ئۆزىمىز قاخشايدىكەنمىز.ئەشۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تويىدىن ئۇلار بىلەن تەڭ خوشاللىنالمايدىكەنمىز. باشقىلار بىزنىڭكىگە كەلسىمۇ دەپتەرگە قاراپ ئۇھ تارتىدىكەن.قاخشايدىكەن.
بۇنىڭدا ھىچكىم خوشال بولمايدىكەن! كىم خوشال بولدى رېستۇران. لىكىن رېستۇران خوجايىنلىرى بەكراق خوشال بولاي دەپ ئولتۇرۇش قىلسا،
بىز ئۇلارغا يەنە قاخشايدىكەنمىز. جەمىئەتتىن ئەنسىرەيدىكەنمىز! كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيدىكەنمىز! سىزگە دەي ئۇلارنى تىللىماڭ!چۈنكى ئاشۇ
سورۇنلاردا خەجلەنگەن پۇللارنى سز بىلەن مەن يۈز كوي يۈز كويدىن يىغىشىپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟
مەنچە ئادەمگەرچىلىكنى ئىسلاھات قىلىش كېرەك! مەنچە زالدا توي قىلىش ئۇسۇلى بەك ئىلمى ۋە توغرا تاللاش.
ئاشخانىلارمۇ بولىدىكەن، لىكىن توي بەك سوغۇق! چوقۇم نەغمە ناۋالارنى ياڭرىتىشىمىز ،دوسلارنى شادىيانىگە دۈشمەنلەرنى ھەسەتكە تاشلىيالىشىمىز لازىم. ئەمما ئىسراپچىلىق قىلماسلىقىمىز لازىم. ئاساسى تاماقلارنى مول قىلىپ ،شەكسىز پاكىز قىلىشىمىز كېرەك.شۇندىلا مىھمانلار
روھى ۋە جىسمانى ئوزۇق ئېلىپ تويىمىزدىن خوشال قايتىدۇ! ئادەمگەرچىلىكمۇ قىلىشىمىز كېرەك لىكىن ئەللىك يۈەندىن ئاشماسلىقى لازىم.(ئۇرۇق تۇققانلار،يېقىن بۇرادەرلەر بۇنىڭ سىرتىدا)
مۇشۇ ئۇسسۇلدا ھىساپ قىلايلى :بىز پاكىز ئوينىدۇق ،پاكىز يىدۇق. دىمەك روھىمىز ۋە تېنىمىز بۇلغانمىدى. بۇنى يەنە ئىچكىرلىسەك گەپ جىق
رېستۇراندا تاماق يەپ ياكى پاكىز ئەمەس دەپ يىمەي قۇلاقنى يەيدىغان مۇزىكىدا زېھنى خوراپ ئاغرىپ قېلىۋاتقانلامۇ كۆپقۇ؟ ئاغرىققا دورا دورىغا پۇل كىتەر؟ بۇنىڭ پايدا زىيىنىنى ھەر قانداق بىر ئەقىل ئىگىسى ئويلاپ يىتەلەيدۇ!
ئەمدى بىز توي قىلغۇچىنىڭ ھىسابىنى قىلايلى: خەلقى ئالەمگە شەك بولغان يىمەكلىكنى يىگۈزۈش جىنايەت! سىز تاماقنى ئۆزىڭىز ئېتىپ چىقىپ يىگۈزسىڭىزمۇ بۇ ماختىغۇدەك ئىش ئەمەس چۈنكى خەلق پەقەت سىزگە ئىشىنىپ كەلدى ئۆزىڭىز چاقىردىڭىز ئۇلارنى بۇلغاش جىنايەت بۇلغماسلىق مەجبۇرىيەت!
نەق پۇلغا كەلسەك ! پۇلنى ئاز يىغدىڭىز لىكىن جوزا پۇلى ،خام سەي پۇلى ، ئىچىملىك پۇلى رېستۇراننىڭ ئىجارىسى قاتارلىقلار يانچۇقىڭىزدا
قالىدۇ. سىزگە پۇل نەق ئەسقاتىدۇ مىھمانلارغىمۇ ئېغىر چۈشمەيدۇ. كىيىن سىز ئۇلارنىڭكىگە بارسىڭىزمۇ ئېغىر چۈشمەيدۇ! سىزمۇ توينىڭ خوشاللىقىدىن قانغۇچە بەھرىمان بولالايسىز.

ئاز قويسام زاڭلىق قىلسىچۇ دەيدىغانلارغا،ماۋۇ مەينەتلىشىپ تويۇمغا ئاران مانچە پۇل قويۇپتۇ دەيدىغانلارغا گېپىم يۇق چۈنكى سىلەر نادان!
سىلەرگە پەقەت سۈكۈت!

2)ئۆلۈم-يتىم

بۇغۇ خېلى يامان ئەمەس دەپ ئويلايمەن. لىكىن مىيىت ھەققىگە قەتئىي قارشىمەن. يەنە ھېلىقى لىپاپىدا بېرىدىغان پۇللارغا!
بۇ توغرىسىدىغۇ تالىشىدىغانلار خېلى كۆپ لىكىن شۇ پۇل يوللۇق بولسا نىمىش قىلىمىز لىپاپىغا يوشۇرۇپ.
يەنە بىرى قارىلىق تۇتۇش ئىدى. بۇنى ئورتاق سۆزلىمەك تەس ئىشكەن.بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز قارىلىقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ بىر ئۆلۈم بىلەن
نۇرغۇن ئىشقا تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ. يەنە بەزى نوچىلىرىمىز چامغۇر كۆمگەندەك زىياننى تەتۈر چىشلەپ قىزلىرىمىز ياغلىقنىمۇ تۈزۈك ئارتماي،
تېخى قارىلىقنى شاراپ بىلەن ئۇشتۇيدىغان ....مەنچە نورمال بولغىنى ئەۋزەل.

3)خەير -ساخاۋەت

ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار ساھىللارنى ئۇلۇغ بىلىدۇ! لىكىن ھابدالنى ئەمەس بۇنى ئىنىق بىلىۋېلىشىمىز لازىم.
بۇرۇن نۇرغۇن بىلىملىك كىشىلىرىمز ئىلىم ئىزدەپ جاھان كەزگەن . نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى چەككەن ! لىكىن ئۇلار نەگىلا بارمىسۇن سۈيۈملۈك ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇلارنى نامرات پەس كۆرمىگەن. ئىللىق چىراي ئېچىپ ئۆيلىرىدىكى ئۆزىگىمۇ ئاران يەتكۈدەك ئوزۇقلىرىدىن ئوڭ قولى بىلەن ئۇلارغا تۇتقان . سۇ بەرگەن شۇ ئەسنادا بىزنىڭ شا مەشرەپكە ئوخشاش نۇرغۇن زىيالىلىرىمىز بارلىققا كەلگەن .
لىكىن بۇ خاراكتىرىمىزدىن پايدىلىنىۋالغان ئاچ كۆز خوجىلار بىزنىڭ بۇرنىمىزدىن يىتىلەپ شىلللىمىزغا مىنگەن. ھازىرقى تىلەشنى كەسپ قىلىۋالغان،
پۇل ئۈچۈن قىز ئوغۇللىرىنى ناكا قىلىۋاتقان ، بىلىمدىن قويغان شۇ دىۋانىلەر دەل ئاشۇ زىيالىلىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن، مەدەنىيىتىمىزنى يوقاتقان،ھەتتا
يات ئەللەرنى باشلاپ كىلىپ ئۇيغۇر ئېلىنى زۇلمەتتە قالدۇرغان شۇ خوجىلارنىڭ ۋارىسى. ئۇلار بىزنىڭ يۆلەش ئوبىكتىۋىمىز ئەمەس بەلكى نومۇسسىز شەرمەندىلەردۇر.
ئەمەلىيەتتە خوجىلار پەيدا بولغاندىلا سايىلنى ئۇلۇغلايدىغان بوپتۇلا دەپ ئىچ ئاغرىتىدىغان قاراشنى ئىسلاھ قىلىش لازىم ئىدى!ئەمما بىز يۈرىۋەردۇق ئۇلار بىر تەرەپتىن يالغان يىغلاپ بىزنىڭ كۆزىمىزنى بويىسا بىر تەرەپتىن ھەقىقى ياردەمگە مۇھتاجلارنىڭ يولىنى ئەتمەكتە!
مەنچە بۇنى سەدىقىنى بىر يەرگە يىغىش ئارقىلىق  ئوبدان ھەل قىلغىلى بولىدۇ! پىكىرىمدىكى پىلان تۆۋەندىكىچە!
بىۋاستە مائارىپقا مەبلەغ سېلىش . بۇ ئىنتايىن ئوڭاي سىز بالىڭىزدىن قايسى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغىچىلار ئىچىدە قايسىسى دەرستە ئەڭ ياخشى دەپ سوراڭ! ۋە شۇنىڭغا ياردەم قىلىڭ! لىكىن يىغىپ بىراق بېرىڭ ! سىز بىر يۈەندىن بەش مودىن راس يالغىنىنى ئۇقمايدىغان ھابدالغا بەرگىچە
ئۇنى يىغىپ بىلىدىغان يەرگە بېرىڭ . پۇلنى تەس تاپقانكەنسىز ھەقىقى مۇھتاجغا يەتكۈزۈڭ! شۇندىلا ھەقىقى ياردەم قىلالايسىز ۋە ھەقىقى ساۋاپقا
ئېرىشەلەيسىز.
كىسەل يوقلاش.سىز قانداق كىسەلنى ئەڭ بىچارە دەپ بىلسىڭىز شۇ بۆلۈمگە بېرىپ دوختۇردىن سوراڭ كىم ئىقتىساد تۈپەيلى داۋالىنىشتىن مەھرۇم بولۇۋاتىدۇ!بولدى شۇنىڭغا بېرىڭ!
مەسچىتكە بېرىش. لىكىن مۇشۇ سۆزنى بەك تەس دىدىم . ئەي موللىلىرىمىز ،مۈتىۋەللىلەر مەسچىت سىلەرنىڭ بايلىق كانىڭلار ئەمەس!
بەلكى مىللەتنى تەربىلەيدىغان مەكتەپ! ئەگەر مائاشىڭلار بولسا ئىش قىلىپ ئاچلا قالمىساڭلار چوقۇم سەدىقىلەرنى لازىملىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈڭلار. سىلەرنىڭ گېلىڭلار پاكىز بولمىغاچ تەبلىقلىرىڭلار ئاۋامغا مەنپەئەت بەرمەيۋاتىدۇ!ئەگەر سىلەر راستىنلا كۈنۈڭلارنى ئالاممىغۇدەك،
ئاشۇ سەدىقىلەرنى يىمىسەڭلار بولمىغىدەك،ئاشۇ تېرىلەرنى سىلەرگە بەرمىسە ھارام بولغىدەك كۈنگە قالساڭلار ئۇيغۇر خەلقى چوقۇم ئۆزى يىمىسىمۇ
سىلەرگە بېرەلەيدۇ!ھازىرغۇ ئىنشائاللا پارتىيىنىڭ دىنى زاتلارغا غەمخورلۇقى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنچىلىكمۇ ئەمەس.
مەقسەتكە كەلسەك مەسچىتكە بەرسەك بولىدۇ .لىكىن مەسچىتنىڭ يەتكۈزۈش ئىشلىرى ئاشكارا بولۇشى لازىم!ھەق يورۇقتىن قورقمايدۇ! بۇنىڭدا
ئۈرۈمچى شىخابا مەسجىدى ئۈلگىلىك رول ئوينىيالايدۇ!
ئەلۋەتتە چوقۇم ئالغۇچى بىلمەسلىكى لازىم! بەرگىنىنى پەش ئەمەس ئۈندەش قىلىپ تېلىۋوزورغىچە مەن بەردىم دەپ چىقىۋالغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

داۋامى بار.

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 18:09:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ ،ئاندىن تەپسىلى ئىنكاس يازىمەن ، ئىۋۇ رەسىمنى ئالماشتۇرۇڭ ؟!!   ( تېللاپ كەتمەسسىز ھە! )

Rank: 3Rank: 3

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
2
يازما
57
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 19:54:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامنى يوللاپ بولغاندىراق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشاي

Rank: 2

توردا
33 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
104
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:15:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان مايماق جۇما سىز! مەنمۇ  داۋامىنى  ئوقۇپ بولۇپ  ئىنكاس يازاي

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:16:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى يوللاپ بولغاندىراق بىر نىمە دىسەك توغرا بولغىدەك .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:36:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى يوللاپ بولغىچە، يوللىغان ئىشلار ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلغاچ تۇرۇڭلار.
تېمىنىڭ بىرىنجى بۆلىكى "چوڭ ئەرلىك" توغرىسىدا بەك ئەتراپلىق توختۇتۇلۇپسەن. بىز ئۇيغۇرلادا مۇشۇ سەۋەنلىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. يەنە كېلىپ ئاياللارنى "چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا" دەپ مەنسىتمەسلىك ۋە كۆزگە ئىلماسلىقلار خېلىلا ئېغىر. شۇنىڭ بىلەن ئايال كىشى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ ئۆزىدا بار بولغان ئارتۇقچىلىقىنىمۇ جارى قىلدۇرالمايدۇ.
ئەر-ئايال بىللە تۇرمۇش قۇرغانىكەن. ھەر جەھەتتىن بىر-بىرىنى قوللىشى ۋە رىغبەتلەندۈرىشى كېرەك. شۇندىلا بۇ ئائىلە ھەممە ھەۋەس قىلغۇدەك بەخىتلىك ئائىلىگە ئايلىنىدۇ.

ئائىلە ئىچىدىكى بەزى ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسىلا،ئۆز مۇشتۇمىغا تايىنىپ ئايالىنى خارلايدىغان يارامسىز ئەرلەر نۇرغۇن.
شۇنداقلارغا دىگۈم كېلىدۇ، سىز بىر ئەر كىشى، ئانىڭىز سىزنى ئوغۇل دەپ تۇغقان ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي بىر ئەركەك ھېسابلايدىكەنسىز مۇشتۇمىڭىزنى ئايالىڭىزغا ئەمەس دۈشمىنىڭىزگە ئىشلىتىڭ. شۇ ۋاقىتتا سىز ھەقىقىي ئەركەك ھېسابلىنىسىز.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دىگەن: ئايال كىشى ئەگرى قۇۋۇرغىدىن يارىتىلغان "يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ سول قۇۋۇرغىسىدىن يارىتىلغان" ئەگرى قۇۋۇرغىنى بەك رۇسلايمەن دېسەڭلار سۇنۇپ كېتىدۇ، ئۆز مەيلىگە بەك قويۇۋەتسەڭلار ھەددىدىن ئېشىۋالىدۇ.ئاياللىرىڭلارنى ئۇرماڭلار، بەك باشقۇرالماي قالغان ۋاقىتلىرىڭلاردا ئۇلارنى بوشراق ئۇرۇش بىلەن كۇپايىلىنىڭلار!
ئايالىنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەن ۋە كۆيۈنگەن ئەر كىشى ئايالىنى ئۇرىدىغان يامان قىلىقلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ.

بالىنىڭ كىچىكىنى ئەتىۋارلاش مەسىلىسىگە كەلسەك: بالىنىڭ چوڭى ئائىلىنىڭ بەزى ئېغىر يۈكلىرىنى كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن ئىشلاردا كىچىكلەرگە يول قويۇش تەلەپ قىلىنىپ كەلگەن. ئۆزۈڭدىن كىچىككە يول قويۇش بىلەنلا كەنجى بالىنى ئەتىۋارلاپ چوڭىنى ئەتىۋارلىمىدى دېيىشكە بولمايدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:42:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزېلىپتۇ  .بارىكاللا    مەنچە يېزىلغىنى كوپىنچىسى ئەمىليەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 16:56 , Processed in 0.051880 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش