يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 957|ئىنكاس: 9

دوكتور قىزلىرىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 13:15:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوكتور قىزلىرىمىز


‹1› ھەكىمە ئەرشىدىن--(مائارىپشۇناسلىق، ئەنگىلىيە)--ھازىر ئۈرۈمچىدە
‹2› ئادالەت قاسىم--(تىببىيات، روسىيە)--ھازىر ئۈرۈمچىدە
‹3› رەيھانگۇل پەتتار--(مائارىپشۇناسلىق، ياپونىيە)
‹4› رەنا قاسىم--(تىببى، ياپونىيە)--ھازىر ئۈرۈمچىدە
‹5› راھىلە داۋۇت--(فولىكلور، جۇڭگو)--ھازىر ئۈرۈمچىدە
‹6› ئاسىمە نىياز--(ئاخباراتچىلىق، بىلوروسىيە)--ھازىر ئۈرۈمچىدە
‹7› مۇنەۋۋەر ھەبىبۇللا--(تىلشۇناسلىق، جۇڭگو)--ھازىر بېيجىدا
‹8› پاتىگۈل سابىتىۋا--(فىلولوگىيە، قازاقىستان)
‹9› مەدىنە ئابلىكىم--(فېزىكا، ئەنگىلىيە)
‹10› چىمەنگۈل ھوشۇر--(تىببىيات، ياپونىيە)--ھازىر ئۈرۈمچىدە
‹11› ساھىبجامال دۆلەت--(فېزىكا، گېرمانىيە)
‹12› رەيھانگۈل بەكتۇر--(فېزىكا، ئامېرىكا)--ھازىر ئامېرىكىدا
‹13› تامارا ئەلىباقىيىۋا--(سەنئەت، روسىيە)
‹14› ئادالەت ئېسىيىۋا--(مۇزىكا، كانادا)--ھازىر كانادادا
‹15› زىبىرنىسا ئۆمەر--(بىئولوگىيە، گىرمانىيە)--(دوكتور بولۇشقا ئاز قالدى)
‹16› ئايتىللا خالىق--(سەنئەت، ئۆزبەكىستان)--ھازىر ئۈرۈمچىدە
‹17› گۈلنىسا زەيدۇن--(تىببىياتي، ياپونىيە)--ھازىر ئامېرىكىدا
‹18‹ ھۆرنىسا تۇرسۇن--(فېزىكا، ياپونىيە)--ھازىر ياپونىيەدە
‹19› ئاسىيە--(ياپونىيە)
‹20› ئايسىما مىرسۇلتان--(تۈركلوگىيە، گېرمانىيە)
‹12› ئاسىيە كېرىم--(تەبئىي پەن، ياپونىيە)
‹22› دىلارە دۆلەت--(تەبئىي پەن، ياپونىيە)
‹23› دىلنۇر پەيزۇللا--(تىببىياتي پەن، ياپونىيە)
‹24› گۈلمىرە--(تەبئىي پەن، ياپونىيە)
‹25› گۇلنار قۇربان--(تىببىياتي پەن، ياپونىيە)
‹26› گۈلنىسا كېرەم--(تىببىياتي پەن، ياپونىيە)
‹27› ھەمراگۈل ساۋۇت--(تىببىياتي پەن، ياپونىيە)
‹28› ھۆرنىسا تۇرسۇن--(تەبئىي پەن، ياپونىيە)
‹29› مەلىكە--(تەبئىي پەن، ياپونىيە)
‹30› ماھىنۇر--(تەبئىي پەن، ياپونىيە)
‹31› مەدەنىيەت نىياز--(تىببىياتي پەن، ياپونىيە)
‹32› مەدەتگۈل جۈمەباي--(تىببىياتي پەن، ياپونىيە)
‹33› مەرھابا غوجەخمەت--(تەبئىي پەن، ياپونىيە)--ھازىر ئامېرىكىدا
‹34› مۇنىرە مىرقاسىم--(تىببىياتي پەن، ياپونىيە)
‹35› پەرىدە ئابلىز--(تەبئىي پەن، ياپونىيە)
‹36› ماھىرە--(تىببىياتي پەن، ياپونىيە)--ھازىر ئۈرۈمچىدە
‹37› لالە--(تىببىياتي، ئامېرىكا)--ھازىر ئۈرۈمچىدە
‹38› گۈلنار ئوبۇل
‹39› قەلبىنۇر مۇھەممەد--(فلوكلور)
‹40› يۇلتۇز ئابدۇللا--(ئەدەبىيات، ئامېرىكا)--ھازىر مالايشىيادا
‹41› شادىيە ئىبراھىم--(جۇڭگو)
‹42› ئايقىز قادىر--(جۇڭگو)
‹43› ئايگۈل مۇھەممەد--(ماتىماتىكا)
‹44› ئايجامال ئابدۇراھمان--(ماتىماتىكا، گېرمانىيە)
‹45› ئاينۇر ئابدۇرازاق--(كومپيۇتىر، ئامېرىكا)
‹46› خەيرىگۈل--(روس ئەدەبىياتى)
‹47› شەمشىنۇر ئابدۇراھمان--(ماتىماتىكا)--ھازىرئۈرۈمچىدە
‹48› ھەدىيە مۇھەممەد--(ئەدەبىيات، جۇڭگو)
‹49› گۈزەلنۇر ئابلىز--(ئۈرۈمچىدە)
‹50› ئارزۇگۈل غۇلام--(بېيجىڭ پەن تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتىدا)
‹51› باھارگۈل زىياۋۇددۇن--(فرانسىيە)
‹52› مېھراي--(فرانسىيە)
‹53› ئاسىيە--(تىببىيات، فرانسىيە)
‹54› مەغپىرەت--(فرانسىيە)
‹55› مۇيەسسەر توختى

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بۇ تىزىملىكنى رەتلىگۈچى: كەتمەنباي
مەنبە: http://ketmenbay.blogbus.com/
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 13:25:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دوكتور قىزلىرىمىزنىڭ ھاياتىدىن قىسقىچە ئۇچۇر بېرىشنى سىزلەرگە ئامانەت قالدۇردۇم يەتتە قىزلىرىم!
قىنى مەرھەممەت. ئىنكاس قەۋىتى سىلەرگە قالدى...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:48:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىزىكا ئالىمى مەدىنە ئابلىكىمنىڭ  تەرجىمھالى مۇنبەردە بار ئىلگىرى يوللانغان .

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 18:06:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادالەت قاسىم - دوكتۇر ،مۇدىر ۋراچ، ئاسپىرانت دوكتۇر يېتەكلىگۈچى، پىراففىسسور، ئېغىز بوشلۇقى فاكۇلتىتىنىڭ دائىمىلىق مۇئاۋىن مۇدىرى .  ئۇنىڭ شىنجاڭ ئېغىز بوشلۇقى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى ئېغىز بوشلۇقى فاكۇلتىتىنىڭ قۇرۇلىشىغا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور. ئۇ تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن ۋە ئۆتەپ كەلمەكتە: شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە 1-دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى .  شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى . مەملىكەتلىك 10-قېتىملىق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئېغىز بوشلۇقى تىببىي جەمئىيىتىنىڭ 5- قېتىملىق مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 2-قېتىملىق چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يېتەكچىلىك گورۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى . "شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى ژورنىلى" بىرىنجى نۆۋەتلىك تەھرىرلەش كومىتىتىنىڭ ئەزاسى . شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى ئۇنۋان بېكىتىش كومىتىنىڭ ئەزاسى . شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە 1- دوختۇرخانىسىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتىتىنىڭ ئەزاسى . شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە 1-كىلىنىكا تىببىي ئىنىستىتوتى ئوقۇتۇش يېتەكچىلىك كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى . جۇڭخۇا ئېغىز بوشلۇقى تىببىي ژورنىلى ئالتىنجى نۆۋەتلىك تەھرىرلەر دائىمى ئەزاسى . شاڭخەي ئېغىز بوشلۇقى تىببىي ژورنىلى تۆتىنجى نۆۋەتلىك تەھرىرلەر ئەزاسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر چىش كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى . شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە 1- دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى كەسپىدە ئىلىم-پەن سەركىسى . شىنجاڭ مېيىپ ۋە يېتىم بالىلار ئوپىراتسىيەسى "ئەتىكى ساغلاملىق پىلانى" داۋالاش مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى . شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى كىلىنكا تىببىي دوكتۇر ئاشتى تەتقىقات كۆچمە پونكىتى باشقۇرۇش كومىتىتىنىڭ ئەزاسى . شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە 1-كىلىنكا تىببىي ئىنىستىتوتى ئوقۇتۇشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى . شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە 1-دوختۇرخانىسى ئېتىكا كومىتىتى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى . ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىش دوختۇرلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى . ئۇ 1977-يىلى شاڭخەي 2-تىببىي ئۇنىۋىرسىتىتى ئېغىز بوشلۇقى فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرىدۇ، 1992-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت ئۆسمە تەتقىقات مەركىزىدە دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرىدۇ . ئۇ روس تىلىغا ناھايىتى پىششىق، ئىنگىلىزچە ماقالىلارنى لۇغەتنىڭ ياردىمىدە ئوقۇيلايدۇ. . ئۇ 1995-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە 13دىن ئارتۇق ئاسپىرانتنى يېتىلدۈرۈپ چىقتى.ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئامىرىكا، ياۋروپا ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىزمەت قىلماتتا.ھازىر يەنە ئۇنىڭ قولىدا 7 نەپەر ئاسپىرانت،3 نەپەر دوكتۇر ئۇقۇماقتا.ئادالەت قاسىم باشقا مۇئەللىملەرگە ياردەملىشىپ جەمئىي 4 نەپەر دوكتۇر يىتەكلىگۈچى دوكتۇرنى تەربىيەلەۋاتىدۇ .


مەنبە: http://www.udental.cn/YCMS_ShowPic.asp?id=12

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:55:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12. رەيھانگۈل بەكتۇر--(فېزىكا، ئامېرىكا)--ھازىر ئامېرىكىدا


ئامرىكىدا ئۇيغۇرلار ناھايتى ئاز، لېكىن شۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ تەپسىلى پاراڭلىشىپ باقسىڭىز ھەر بىرسىنىڭ بىر كەچتە سۈزلەپ تۈگىتەلمىگۇدەك، سىزنى زوق سېلىپ ئاڭلاتقۇزغۇدەك ھىكايىلىرى، كەچۇرمىشلىرى، تىرىشىش يوللىرى بار.
ئادەم ئۈزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئادەملەرنىڭ ھىكايىلىرىنى بەك ئاڭلاپ كەتمەيدۇ، ۋە ياكى بەك قىززىقىپ كەتمەيدۇ. لېكىن دەل ئۈزى قىلىۋاتقان بىر ئىشنى باشقا بىرسىنىڭ ئۈزىدىنمۇ ئاشۇرۇپ قىلغانلىغىنى، قىلغاندىمۇ بەك چىرايلىق قىلغانلىغىنى كۈرسە، ئاڭلىسا قىززىقىپ سۈرۈشتۇرىدۇ. كەمتەر ئادەم بۇلسا ئۇ ئادەمگە زوقلىنىدۇ، ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. ئۇنداق بولمىسا يەنە سۈرۈشتۈرۈپ باقىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم ئامرىكىدا بۇلسا يەنە ”ئۇ ئامرىكىدا بۇلغاچقا شۇنداق قىلالاپتۇ، مەن بۇلغان بۇلساممۇ قىلالايىتتىم“ دەپ ئۈزىنى ئالدايدۇ. لېكىن ئۇ سىزنى ھەيران قالدۇرغان ئادەم سىز بىلەن بىر دەريادىن سۇ ئىچىپ بىر ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقان بۇلسىچۇ؟


مەن (Jeck) ئوتتۇرا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان. ئۇ ۋاقىتلاردا ئارزۇيۇم بەك چوڭ ئىدى. ئالى مەكتەپنى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتدا، ئۇنىڭدىن يۇقىرىسىنى ئامرىكىنىڭ ئەڭ نۇپۇزلۇق ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇسام دەپ ئويلايتتىم ، لېكىن ئامرىكىنىڭ ئەڭ نۇپۇزلۇق ئۇنۋېرسىتىتنىڭ قايسى ئىكەنلىگىنى بىلمەيتتىم. كىيىن بىلدىمكى، مەن قىزىقىدىغان ساھەدە ئامرىكىدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ئۇنۋېرسىتىت خارۋارد بىلەن MIT |ئىكەن. ئۈزەمچە ياخشى تىرىشتىم دەپ ئويلايتتىم. لېكىن ئالى مەكتەپتە ئالغان نۇمۇرۇم چىڭخۇا نىڭ قۇبۇل قىلىش سىزىقىغا يىقىنمۇ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈزەمنىڭ نۇمۇرىغا ماس كەلگەن مەكتەپكە باردىم. شۇنداقلا يەنە مىنىڭ بۇنداق يۇقىرى نۇمۇر ئالالماسلىقىم يالغۇز مەندىكى مەسىلە ئەمەس، خوتەن نامرات، خوتەننىڭ مائارىپى مۇشۇنداق قالاق بۇلغاچقا، مەندىمۇ ئامال يوق دەپ ئويلىدىم. لېكىن يىڭى سىنىپقا كىرگەندىن كىيىن بىلدىمكى ئەسلىدە ئىش ئۇنداق ئەمەسكەن. خوتەنگە ئوخشاش نامرات جايلاردىن كەلگەن، مەندىن بىرەر يۈز نۇمۇرنى يۇقىرى ئېلىپ ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن بالىلاردىنمۇ بار ئىكەن. ئۇلارنى بەلكىم ئىمتاھاندا بوش قويىۋەتكەن بۇلسا كۈچۈرۈپ ئالغاندۇ دەپ يەنە تەن ئالمىدىم. لېكىن بىللە ئوقۇش جەريانىدا مەلۇم بۇلدىكى ئۇلار ھەقىقەتەن مەندىن قابىلىيەتلىككەن. دىمەك، شۇ ئۈز بېشىمدىن ئۈتكەن ئىشلار ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتا يەكۈنلىدىمكى، ئادەم بىر نىشانغا يىتىمەن دىسە، شۇنداقلا ئۇ نىشانغا تىرىشىش ئارقىلىق يەتكىلى بۇلسا، نامراتلىق، رايۇنلار پەرقى ھەل قىلغۇچ سەۋەپ بۇلالمايدىكەن. بىز پەقەت ئۈزىمىزگە ھەر خىل سەۋەپ ئىزدەپ ، تەن ئالماي، بانانى باشقىلارغا دۈڭگەپ ئۈزىمىزگە تەسەللى تاپىدىكەنمىز. كىيىن ئىچكىرگە كىرگەندىن چىڭخۇ ئۇنۋېرسىتىتى، بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىلاردىمۇ ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسام، نامرات جايلاردىن كەلگەن بالىلارمۇ خېلى باركەن. ماڭا ئوخشاش باشقىلار مەن قىلالمىغاننى قىلىپتۇ. ئىچىمدە قايىل بۇلدۇم.
ئۈتكەن يىلنىڭ 8-ئايلارنىڭ ئاخىرلىرى بۇلسا كىرەك. ھازىرقى مەكتىۋىمدىكى بىر نەچچە خەنزۇلار بىلەن كەچتە بىللە بۇلۇپ قالدىم. گەپ ئارىلىقىدا بىرسى مىنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىگىمنى بىلىپ پاراڭلاشقىلى كىلىپتۇ. جىق سۈزلەپ كەتتى، بەزى گەپلەردىن كىيىن ئۇيغۇرلارنى مەن كاۋاپچى بىلەن ئوغرى بۇلىدۇ دەپ ئويلايتتىم، لېكىن بۇ كۆز قارىشىم يىقىندا ئۈزگەردى“ دىدى. ”قانداق بۇلۇپ شۇنداق بۇلدى دەپ قىززىقىپ سورىدىم. ئۇ دىدىكى، ئۇ ھازىرقى مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى كەسپىنىڭ مىكرو دولقۇن، رادىىئو تېخنىكىسى بويىچە ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇيدىكەن. ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىسى بىر يىللار بۇرۇن كولورادو دا ئۈتكۈزۈلگەن خەلقارا رادىئو تېخنىكىسى بىرلەشمىسىنىڭ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا بىر ماقالە يوللىغان بۇلۇپ ئۇ ماقالىگە كۈپ كۈچ سىڭدۈرۈپتۇ. ئۇ يىغىندا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇنغان ئىلمى ماقالىلىرى ئىچىدە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ بۇلار چوقۇم مۇشۇ مۇسابىقىدە نەتىجە ئالىمىز دەپ چوڭ ئىشەنچ بىلەن ئولتۇرۇپتىكەن. لېكىن كۈتمىگەندە ئۇلار نەتىجىگە ئىرىشەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نەتىجىگە كىم ئىرىشكەندۇ دەپ ئاختۇرۇپ قارىسا Reyhan ئىسىملىك بىرسىنى ۋە ماقالىسىنىىڭ تىمىسىنى كۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىمدۇ دەپ ئىزدەپ بېقىش نىيىتىگە كىلىپ Google دىن ئىزدەپ ئۇنىڭ ماقالىسىنى كۈرۈپتۇ ۋە بۇ ماقالىنىڭ راسىتىنلا ئۈزىنىڭ ماقالىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىغىنى ھىس قىلىپتۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۈتكەندىن كىيىن ئۇ ماقالىنى تەپسىلى ئۇقۇپ باققۇسى كىلىپ يەنە ئىزدەش جەريانىدا كۈتمىگەن يەردىن يەنە باشقا بىر ئۇلىنىش ئۇنى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىنىڭ تور بېتىنىڭ ”چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتى مەكتەپداشلىرىنىڭ 2005-يىلى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە شەرەپلىرى دىگەن يىرىگە ئاپىرىپتۇ. قارىسا ئۇ ئوقۇغۇچى ئەسلى قىز بالا ئىكەن، چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇغانىكەن، ئەڭ مۇھىمى ئۇ بۇرۇندىن كاۋاپچى ۋە ئوغرى دەپ قاراپ كەلگەن مىللەتتىن ئىكەن… .
مۇشۇ گەپلەر بىلەن ئۇ بالا جىق سۈزلىدى، جىق پاراڭلاشتۇق. بۇ بالىمۇ ئەسلى چىڭخۇا دا ئوقۇيمەن دەپ تىرىشىپ ئۈتەلمىگەن بالا ئىكەن، مەندىمۇ بۇرۇن ئوخشاش ھىس تۇيغۇلار بۇلۇپ باققان بۇلغاچقا ئۇنىڭ ھەيران قالغىنىنى چۈشەندىم. شۇنداقلا يەنە گەرچە ئۇقىزنى تۇنۇمىساممۇ، بۇ بالىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپلا ئۇ قىزغا قايىللىقىم ئاشتى. ئۈيگە قايتىپ كىلىپلا Google بىلەن baidu قىلىپ بىردەمدە ئۇ ئۇچۇرنى تاپتىم، ئۇ خەنزۇنىڭ دىگىنى پۈتۈنلەي راسكەن. ئادەم ئوخشاشراق بىر نەرسە بايقىسا سېلىشتۇرغۇسى كىلىدۇ. قارىسام ئۇ قىزمۇ جەنۇپتىنكەن، 90-يىللارنىڭ رىئاللىقىدا جەنۇپتىكى ئىككى شەھەرنىڭ مائارىپ سەۋىيسى بەك چوڭ پەرىق قىلىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس. مەن كىرەلمىگەن چىڭخۇاغا ئۇ كىرىپتۇ، ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىمىزمۇ ئوخشىشىپ قالىدىكەن، بۇ دەرىسلەرنىڭ قانداقلىغىنى مەن ئۇبدان بىلىمەن. مەن ئېشىپ كەتسە 80-90، بۇلمىسا 60-70 نى ئاران ئېلىپ ئوقۇغان، ئۇقىزنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداقلىغىنى مەن بىلمەيمەن، لېكىن قاراپ باقسام ئۇقىزنى ئۇقۇش پۈتتۈرگەندە ئىمتاھانسىز ئاسپىرانىتلىققا قۇبۇل قىلىپتۇ. قانداق ئادەمنى ئاندىن ئىمتاھانسىز ئاسپىرانىتلىققا ھەمەيلەنگە مەلۇم. ئۇ قىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دەسلەپتە Motorola شىركىتىدە ئىشلەپتۇ، ئۈتكەن يىلى يازدا ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتى ) Utah State University تەرىپىدىن ياردەمچى پىروفىسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنىپتۇ. ئامرىكىدا تۇرۇپ باققانلار بىلىدۇكى، ئامرىكىدا باشقا خىزمەت تېپىش ئاسان بۇلغان بىلەن رەسمى ئىتراپ قىىنغان ئالى مەكتەپتە پىروفىسسورلۇق خىزمىتى تېپىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بۇنىڭغا مەن بىر ئىشنى مىسال ئالىمەن. ئۈتكەن يىلى يازدا مەن ئوقۇۋاتقان فاكولتىتمۇ بىر ياردەمچى پىروفىسسورلۇق ئورنىغا ئادەم ئالىمىز دەپ ئىلتىماس قۇبۇل قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا مەن تېخى يىتەكچى ئۇقۇتقۇچى تاللىمىغان بولغاچقا بۇ ئىشقا ھەر ۋاقىت نەزەر سېلىپ تۇردۇم. چۇنكى ئەگەر مەن قىزىقىدىغان يۈنۈلۇشتىكى ياخشى ئادەم كىلىپ قالسا شۇنى يىتەكچى ئوقۇتقۇچى تاللاش نىيىتىممۇ بار ئىدى. 2 ئاي ئىچىدە جەمئى 40 تەك ئىلتىماس قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 20 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە پىروفىسسورلارمۇ بار. لېكىن مۇتلەق كۈپچىلىكى شۇ يىل ئەتراپىدا پۈتتۈرۈپ خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار. ئەڭ مۇھىمى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن MIT, Harvard, , caltech, Berkely ، colombia دىگەندەك ئامرىكىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئىدى. ئاخىرى شۇلارنىڭ ئىچىدىن MIT نى پۈتتۈرگەن، ھابىل تېلسكوپىدا ئىشلەپ ياخشى نەتىجە قازانغان بىرسىنى ئالدى. ھازىرقى بار پىروفىسسورلارنىڭ ئارخىۋىغا قارىساممۇ ھەممىسى ئاساسەن ئامرىكىدىكى ئالدىنقى 10 داڭلىق ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر. دىمەك، ئامرىكىدا ئالى مەكتەپتە پىروفىسسورلۇق خىزمىتىگە ئىرىشىش ئاسان ئەمەس.بەزىدە مەنمۇشۇلارنى ئويلاپ قورقۇپ قالىمەن، بۇ داڭلىق مەكتەپنىڭ بالىلىرى ھەممە يەرنى ئىگەللىۋالسا كىيىن بىزلەر پۈتتۈرسەك نەگە بېرىپ خىزمەت تاپارمىز دەپ. رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك. مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپ بىلەن رەيھانگۇل ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ ئامرىكىدىكى دەرىجىسى ئاساسەن پەرىقلەنمەيدۇ، ئۈز ۋاختىدا ئۇ شۇ ئۇرۇنغا ئىلتىماس قىلغاندا ئۇ يەرگىمۇ نۇرغۇنلىغان شۇنداق قابىليەتلىك ئادەملەر ئىلتىماس قىلغان بۇلۇشى چۇقۇم. لېكىن ئاخىرى رەيھانگۇل تاللىنىپتۇ. بۇلارنى ئويلاش ئارقىلىق ئۇ قىزغا بۇلغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى ۋە ئالاقىلىشىپ باققۇم كەلدى. ئۇ قىزنىڭ فاكۇلتىتىدىكى Faculty دىگەن يەردىن ئاسانلا ئادىرسىنى تېپىپ ئاددى قىلىپ خەت يازسام ئەتىسى ئەتىگەندىلا قايتۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىنكى ئالاقىلەردە ئۇ قىز توغرۇلۇق تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بۇلدۇم. ئۇيغۇرچىنى مەندىنمۇ ياخشى سۈزلەيدىكەن. ناھايتى كەمتەر، چىقىشقاق قىزكەن. ئۇ قىزنىڭ تەرجىمھالىغا قاراپ بۇنداق ئوقۇغان قىزلار كىتاپتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كىلىدۇ دەپ ئويلىغانتىم. كىيىنكى ئالاقىلەردىن ھىس قىلدىمكى ئۇ قىز ئەدەپ قائىدە،يۇسۇنلارنىمۇ شۇنداق ياخشى بىلىدىكەن. شۇڭلاشقا بۇ بۇ قىزنى كەڭ قېرىنداشلارغا تونۇشتۇرغۇم، تەشۋىق قىلغۇم كىلىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىمۇ ئېىتزلىققا ئوت ئالغىلى، ئۈيدە تاماق ئىتىپ كىر قات يۇغىلىلا سالماي، تەلپەك بىلەن بىرنى سالسا يىقىلىپ كەتمىسە ئەرگە بىرىۋەتمەي ئالاھىدە بۇلمىسىمۇ نورمال ئوقۇش، ئۈگىنىش پۈرسىتى يارىتىپ بەرسەك ئۇلارنىڭ بىز ئەركەكلەردىنمۇ ياخشى نەتىجە قازىنالايدىغىنىنى ئىسپاتلاپ بەرگۇم كىلىپ بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قېنى ئەمدى ئۇ قىزنىڭ ئۈزى بىلەن تۇنۇشايلى.


بۇ قىزنىڭ ئىسمى رەيھان بەكتۇر.(Rayhan Baktur), ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ 18 يېشىدا ئالى مەكتەپكە ئۈتكىچە شۇ يەردە ئۈسۈپ چوڭ بۇلغان. باشلانغۇچنى ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1992-يىلى دۈلەتلىك ئىمتاھاندا خەنزۇ تىلىدا ئىمتاھان بەرگەن مىللىلار ئارىسدا شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى نۇمۇر ئېلىپ چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى كەسپىگە ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان. دەسلەپتە بىر يىل مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىدا تەييارلىق ئوقۇپ 1993-يىلى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىدا رەسمى ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغان. 1998-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ مەكتەپ تەرىپىدىن جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىميسىگە ئىمتاھانسىز ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشقا كۈرسىتىلىپ ئاسپىرانىتلىق ئوقۇغان. 2000-يىلى يازدا ئوقۇش پۈتتۈرۇش دىسىرتاتسىيسىنى مۇۋەققىيەتلىك تاماملاپ، ئامرىكنىڭ Clemson University نىڭ ئلىكتېر ئىنژىنىرلىقى كەسپىگە دوكتۇر ئاسپىرانتى بۇلۇپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قۇبۇل قىلىنىپ 8-ئايدا ئامرىكىغا كەلگەن. ئۇ كەسپى تەتقىقات جەھەتتە ياخشى ئىقتىدارنى يتىلدۈرگەن بۇلۇپ ، 2005 يىلى بىرىنچى ئايدا ئۇنىڭ بىر پارچە ئىلمى ماقالىسى ئامرىكنىڭ كولورودا شىتاتى بۇۋىلدىر (Coloroda Boulder) شەھىرىدە ئۈتكۈزۇلگەن خەلقارا رادىئو تېخنكىسى ئىلمى بىرلەشمىسى يىغىنىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. Google دىن ئىزدىگەن ماتىرىياللاردىن مەلۇمكى، رەيھانگۇلنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىق خەۋىرى ئامرىكا پەنلەر ئاكادىميسىنىڭ تور بېتىدە بىرىلگەن. 
ئادىرسى
http://www7.nationalacademies.org/bisonews/Winter_2005_News.html

يەنە چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش بېتىدە، مەكتەپنى تۇنۇشتۇرغان يىرىنىڭ “ چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتى مەكتەپداشلىرىنىڭ 2005- يىلى قۇلغا كەلتۈرگەن شەرەپلىرى“ دىگەن يىرىدە رەيھانگۇلنىڭ بۇ نەتىجىسىنى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتنىڭ پەخىرلىك نەتىجىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئادىرسى تۈۋەندىكىچە:
http://join-tsinghua.edu.cn/bkzsw/detail.jsp?seq=2419&boardid=1301 

ئادەمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن، بۇلۇپمۇ نۇپۇزلۇقلار تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنمقى تەس. چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتى تىلغا ئېلىپ پەخىرلەنگۇدەك ئىش قىلالىغان بىر ئۇيغۇر قىزىدىن بىزلەرمۇ ئەلۋەتتە پەخىرلىنىشىمىز كىرەك. يەنە بىر يىرى، رەيھانگۇلنىڭ ئۇتاخ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتى تور بېتىگە قۇيۇلغان تەرجىمھالىدا ئۇ باكلاۋۇر ئوقۇشنى چىڭخۇادا ئۇقۇپ ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقنى جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىميسىدە ئوقۇغان. لېكىن چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتى باكلاۋۇر ۋە ماگىستىرلىقنى بىزدە ئوقۇغان دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.
رەيھانگۇل ئامرىكىدىكى ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇشتىن سىرت يەنە مەكتەپنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنى تۇنۇشتۇرغان. 2003-يىلى ئۇ مەكتىۋىدە ئۈتكۈزۈلگەن خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلار بايرىمى (International Festiva) دا جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار جەميىتىنىڭ(Chinese Student Association) ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم كىچەكلىرى كۈرۈشلۇكى ( Uyghur fashion show) تەييارلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ زور ئالقىشقا ئىرىشكەن. شۇ ۋاقىتتىكى رەسىم مەكتەپنىڭ كىيىنكى يىللىق تەشۋىقات ماتىرىيالنىڭ باش بېتىگە قۇيۇلۇپ تارقىتىلغان.
رەيھانگۇل 2005-يىلى 5-ئايدا ئوقۇشنى غەلبىلىك تاماملاپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەندىن كىيىن Motorola شىركىتىگە RF ئىنژىنىرى بۇلۇپ تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىگەن . 2006-يىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن ياردەمچى پىروفىسسور (Assistant Professor) لۇققا تەكلىپ قىلىنغان ۋە يازدا Logan گە كۈچۈپ كىلىپ شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ.

دوكتۇر رەيھانگۇلنىڭ تەتقىقات يۈنۈلۇشى ئاساسلىقى ئىلىكتېر ماگىنىت ئىلمى (Electromagnetics)، ئانتىنا (Antennas) ،مىكرودولقۇنلۇق توك يۇلى لاھىيلەش (Microwave Circuit Design) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇ فاكولتىتتا ئىلىكتېر ماگىنىت دولقۇنى ( Electromagnetics) ، مىكرو دۇلقۇن ( Microwave) قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۈتۈۋاتىدۇ. ھازىر ئۇ قۇبۇل قىلغان بىر دوكتۇر ئاسپىرانىتى، بىر ماگىستېر ئاسپىرانتى ئۇنىڭ تەربىيىسدە. 2007-يىلى ئۇ يەنە بىر دوكتۇر ئاسپرانىت ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلماقچى. بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۈتۈپ قويىدىغىنىم شۇكى، ئەگەر مەكتەپنىڭ ئوقۇشقا كىرىش شەرتنى ھازىرلىغان، كەسپى ئۇدۇل كەلگەن ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات يۈنۈلۈشىگە قىززىقىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇلسا ، رەيھانگۇلنىڭ بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇسى بار. بۇنى ئۇ بىر نەچچە قېتىم ئېىيتقان.

رەيھانگۇل يەنە ئىشتىن سرتقى پائالىيەتلەرنى، بۇلۇپمۇ دالا پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۈرىدۇ. تاغقا چىقىشنى، سەيلە قىلىشنى، يەنە كىلاسسىك مۇزىكا كىچىلىكلىرىگە بېرىشنى ياخشى كۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىسىدە چىڭ ساقلايدىغان ۋە ئۈزىنىڭ پائالىيتىگە سىڭدۇرگەن كۈچلۇك كۈز قاراشلىرى تۈۋەندىكىچە:
1. مىڭە ئاكتىپ بۇلۇشى ئۈچۈن ئاۋال تەن ئاكتىپ بۇلۇشى كىرەك (person needs to be physically active to keep his or her mind active).

2. بىر ئادەمگە ھەممىدىن مۇھىم بۇلغىنى ئۈمىت. ئەگەر سىز ئاكتىپ پۇزىتسىيەدە بۇلسىڭىز ، نىشانىڭىز ئۈچۈن ئۈمىتلىك بۇلۇپ قانداق تىرىشچانلىق كۈرسىتىشنى بىلسىڭىز بۇ سىزنىڭ ئۈمىتلىك بۇلۇشىڭىزغا زور ياردىمى بار.
يەنە سوراپ بىلىشمچە، رەيھانگۇلنىڭ ئەسلى ئىسمى رەيھان گايىت بەكتۇر بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نەچچە يىللار بۇرۇن بەكتۇر دىگەننى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. بەكتۇر دىگەن بەك تۇر، يەنە چىڭ تۇر، مۇستەھكەم تۇر، كۈچلۈك بۇل دىگەن مەنىلەردە. رەيھانگۇلنىڭ دادىسى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئۈز ئىتىقادى، ئىشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىپ بۇ فامىلىنى قۇللانغان ئىكەن.

تۈگىدى.
ماتىرىيالنى تەييارلىغۇچىلار Jeck ، دوكتۇر تاشپۇلات روزى
مەنبە :
جېك بىلوگى . ئادىرىس:
http://jeckblog.com/doktur-enjinir-reyhan-bektur/

[ ayqiz بۇ يازمىنى  2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:56  دە تەھرىرلىگەن. ]

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:45:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئالىمى،فىزىك-مەدىنە ئابلىكىم
نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى - مەدىنە ئابلىكىم
يازغۇچىسى : ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرەھىم
ئەلمىساقتىن بېرى دىيارىمىزدا جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، خەلق ئارىسىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ ، قەلب تۆرىدە يادلىنىپ كەلگەن ئالىملار ، تۆھپىكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان .
ئۆتمۈشتە چېلىقارلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان پۈتۈنسۈرۈك ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى گەۋدىسى ۋە ئېتنىك ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىنمۇ پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن تونۇلۇۋاتقان ئالىملار ، تۆھپىكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى ۋە چىقماقتا.
ئەنە شۇ ئالىملار ۋە تۆھپىكارلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پەخرى ، ئاساسىي زەررىچىلەر ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئايال دوكتور ئاشتى ( پوستدوكتور ) ، ھازىر جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەدىنە ئابلىكىمنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ ، ئەلۋەتتە .
   مەدىنە ئابلىكىم 1986 - يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىندى ، ئۇ ناھايىتى تىرىشچان ۋە ئەقىللىق بولغاچقا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ دائىملىق پاراڭ ئوبيېكتى ئىدى . ئۇنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئىقتىدارى يۇقىرى بولغانلىقتىن فاكۇلتېت رەھبەرلىرى قارار چىقىرىپ سىنىپ ئاتلىتىپ ئوقۇتتى . تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئىزچىل "" ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى "" بولۇپ باھالاندى . 1990 - يىلى مەدىنە ئاسپىرانتلىق ئۈچۈن ئېلىنىدىغان دۆلەتلىك ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇئاڭ ۋېيچىڭ ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە نەزەرىيىۋى فىزىكا ، مەيدان نەزەرىيىسى بويىچە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى باشلىدى . ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويدى . ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىنى ناھايىتى چىڭ تۇتۇپ قېتىرقىنىپ ئۆگەندى . ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆگەندىن تاشقىرى ئۆز كەسپىگە ئالاقىدار ماتېرىيال كىتابلارنى كۆپلەپ كۆردى . " زامان ، ماكان بىپايان ، كېزىپ چىقالماس ئىنسان . كىتابەت قەترىسىدە بىلىم قۇياشى ئايان " دېگەندەك ، ئۇنىڭ كەسىپكە ۋە كىتابقا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى ئۇنىڭ كېيىنكى ئوقۇش ھاياتىغا پۇختا ئاساس سالدى . ئۇ بىر تەرەپتىن كىتاب - ماتېرىيال دېڭىزىغا غەۋۋاس كەبىي چۆكسە ، يەنە بىر تەرەپتىن تەبىئەت پەنلىرىنىڭ ئاساسى بولغان تەجرىبە قىلىپ كۆزىتىش مېتودىغا ھەر ۋاقىت ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ئەڭ ئىنچىكە تەجرىبىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجتىھات بىلەن ئىشلىدى . ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بېيجىڭ يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنىغا ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، شاڭخەي شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ ئەمەلىي ماتېرىيال توپلىدى ھەمدە نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان خەلقارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى . 1994 - يىلى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ، 9 - ئايدا مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئالاھىدە تاللاپ بېكىتىشى ئارقىسىدا ئىتالىيىدىكى خەلقارالىق نەزەرىيىۋى فىزىكا تەتقىقات مەركىزىگە بىر يىللىق ئوقۇشقا ئاتلاندى . شۇ يىلى بۇ مەركەزگە جۇڭگودىن پەقەت مەدىنەلا بارغان بولۇپ ، ئۇ جۇڭگودىن بارغان تۇنجى ئوقۇغۇچى ئىدى . تەتقىقات مەركىزىنىڭ تۈزۈمى ئىنتايىن چىڭ ، دەرس مەزمۇنى قىيىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ ، ئەگەر ئۆتۈلىدىغان دەرستىكى ئىككى پەندىن لاياقەتلىك بولالماي قالسىلا جۇڭگوغا بېرىلىدىغان سان بىكار قىلىنىپ كېتەتتى - دە، شۇنىڭ بىلەن مەدىنەنىڭ كەينىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يېتەتتى . شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ئەمەس ۋەتەننى ، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆپرەك ئويلاپ ئالاھىدە تىرىشتى . كۆپ ھاللاردا تاڭلارنىڭ قانداق ئېتىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالاتتى . كۆز قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كۆز ئەينەك تاقاش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى . دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ سىنىپىدىن ئىككى ئوقۇغۇچى ئوقۇيالماي دۆلىتىگە قايتىپ كەتتى ، بۇ ھال مەدىنەگە قاتتىق تەسىر قىلدى . شۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى زا چاۋچىڭ ئەپەندى بۇ مەركەزگە ئىككى ئايلىق خىزمەت بىلەن زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ ، ئۇ مەدىنەگە : " مەدىنە ، سەن جۇڭگودىن ، يەنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۇنجى بولۇپ بۇ ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچى ، سېنىڭ بۇ ئوقۇشنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرۇش - ئاياغلاشتۇرالماسلىقىڭ دۆلىتىمىزدىن چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ يولىنى ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك ، ئەگەر سەن ئوقۇشنى لاياقەتلىك تۈگىتەلمىسەڭ ، تەتقىقات مەركىزى بىزگە بېرىدىغان ساننى بىكار قىلىپ ، بۇندىن كېيىنكىلەرنىڭ يولى توسۇلۇپ قالىدۇ " دېدى . شۇنىڭ بىلەن مەدىنە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ سەككىز خىل دەرستىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتتى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى ئۇتۇقلۇق تاماملىدى . بۇنىڭ بىلەن باشقىلارغا يول ئېچىلىپ ، شىنجاڭدىن ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ ئالتە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇ مەركەزگە بىلىم ئاشۇرۇشقا باردى . مەدىنە شۇ جايدا تۇرۇپ بىر تەرەپتىن ئۆتۈلىدىغان دەرسنىڭ ھۆددىسىدىن چىقسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەنگلىيە دورخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشى ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىپ ، ئوقۇش ھارپىسىدا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى ۋە 1995 - يىلى ئەنگلىيەگە ئاتلاندى . ئەنگلىيە دورخام ئۇنىۋېرسىتېتى 170 يىللىق تارىخقا ئىگە مەكتەپ بولۇپ ، زەررىچىلەر فىزىكىسى كەسپىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساناقلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىدى . مەدىنەنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئاكادېمىكى ، ماتېماتىكا - فىزىكا ئالىمى ئى كورىگىن ئەپەندى ئىدى . مەدىنە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاساسىي زەررىچىلەر فىزىكا ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىدى . مەدىنەنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ئىككى ئۆلچەملىك كۋانىت مەيدان نەزەرىيىسى ئىدى ، ئۇ مۇشۇ تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى كۆردى ، ئىزدەندى ، كونكرېت ھېسابلاش ئېلىپ باردى . ئۆگىنىشتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئىرادىسىنى قەتىي بوشاشتۇرۇپ قويمىدى . يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ۋە فاكۇلتېتتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كۆپلەپ پىكىر ئالماشتۇردى ، ئۇ ئوقۇش جەريانىدا ئىككى قېتىم ئىتالىيەدە ئېچىلغان يازلىق كۇرسقا ، جۇڭگو ، شوتلاندىيە ، فرانسىيە ، ئەنگلىيەدە ئېچىلغان خەلقارالىق ئاساسىي زەررىچىلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشتى ، كەسپىي جەھەتتىكى سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى .
نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسى ماتېماتىكىلىق تىل ئارقىلىق ئالىي ئۆلچەمگە يېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ، ئېنىقلىق ، ئىنچىكىلىك ۋە لوگىكا جەھەتتىكى مۇكەممەللىك بىلەن ماددىي دۇنيا قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ، مەلۇم نوقۇل نۇقتىنى تەجرىبە ئارقىلىق كۆزىتىدىغان ئىلىم بولۇپ ، ھەر بىر ئىلىم ئىگىسىدىن زور تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ ساھەگە قەدەم قويغان ۋە ئىلمىي مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دەپ بەل باغلىغان ھەر بىر كىشىدە خۇددى ئامېرىكىلىق مەشھۇر شائىر ، مودېرنىزم شېئىرىيىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى تېئېس ئېللىئوت ئېيتقاندەك : " ھۆددىسىدىن چىقىش قىيىن بىر ئىشنى قىلىشتا ، ئادەمدە كۆيۈپ تۈگەيدىغان شامدەك ھېسسىيات بولۇشى كېرەك " . مەدىنە تۆت يىللىق دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا كۆپ ئىزدىنىپ ئاخىرى 1999 - يىلى 11 - ئايدا "" چېگرالىق سىنھ-گوردون مودېلى ۋە ئۇنىڭ ئۇلترا سىممېترىك كېڭەيتىلىشى "" ماۋزۇلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسسىرتاتسىيىسىنى يېزىپ تۈگەتتى . نەزەرىيىۋى يۈكسەكلىكى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇ دوكتورلۇق ماقالىسىنى يېزىش جەريانىدا مەدىنە پەۋقۇلاددە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى .
مەدىنە ئابلىكىم 1999 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيىسىنى ياقىلاپ ، ئىككى سائەت داۋاملاشقان دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيىسىنى ياقىلاش داۋامىدا ئەنگلىيىدىكى نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى مەشھۇر ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان باھالاش ھەيەت ئەزالىرىنىڭ سورىغان ھەر بىر سوئالىغا ئېنگىلىز تىلىدا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى . ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىگە باھالاش ھەيىتىدىكىلەر بىردەك يۇقىرى باھا بەردى . ئەنە شۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ مەدىنە ئۇيغۇر خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان ، ئاساسىي زەررىچىلەر ئىلمى بويىچە تۇنجى دوكتورلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى بولدى . مەدىنەنىڭ دېسسىرتاتسىيە باھالاش پىكرىگە مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىدى : " چېگراسىز بوشلۇق جەھەتتىن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان سىنھ-گوردون مودېلىنى بۇ ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقاتچى ئالىملار تولۇق تەتقىق قىلىپ بولغان ئىدى ، لېكىن مودېلنىڭ بوشلۇق جەھەتتىن شەرت قويۇلغان چېگرالىق ھالىتىنى تېخى مۇكەممەل تەتقىق قىلىپ باقمىغانىدى . مەدىنە كزىنىڭ دېسسىرتاتسىيىسىدە چېگرالىق سىنھ-گوردون زەررىچىلىرى ئېنېرگىيىسىنىڭ ئۇرۇلغاندىن كېيىنكى قايتىش مىقدارىنى ھېسابلاپلا قالماستىن ، بۇ مودېلىنى ئۇلترا سىممېترىك ئەھۋالغا كېڭەيتىپ تەتقىق قىلدى . بۇ خىزمەتنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ : بىرىنچى ، مۇتەخەسسىسلەر بۇرۇن ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەردىكى چېچىلىش مىقدارىدىكى خاتالىقىنى بايقاپ ، ئۆزىنىڭ يېڭىچە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى . ئىككىنچى ، ئۇلترا سىممېترىك شارائىتتا بوزۇن زەررىچىلىرىدىن باشقا يەنە فېرمىئون زەررىچىلىرىنىڭ قانۇنىيىتىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك ، فېرمىئوننىڭ ئىككى نۇقتىلىق گىرىن فۇنكسىيىسىنىڭ چېگرالىق شەكلىنى مەدىنە ئۆزىنىڭ ئىلمى تەتقىقاتىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى . بوزۇن ۋە فېرمىئوننىڭ چېچىلىش مىقدارىنى ھېسابلاش گەرچە تېخنىكا جەھەتتىن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان خىزمەت بولسىمۇ ، مەدىنە ئۇنى ھېسابلاپ چىقتى . بۇ مۇشۇ ساھەدىكى قالتىس بىر چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇپ ، ئىككى ئۆلچەملىك كۋانىت مەيدان نەزەرىيىسىگە ئۆزىنىڭ يېڭى كۆز قارىشى بىلەن تۆھپە قوشتى . مۇشۇ ئىلمىي نەتىجە ئۈچۈن دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىشكە قوشۇلىمىز " .
مەدىنە ئابلىكىمنىڭ دوكتورلۇق تەتقىقات نەتىجىسى خەلقارالىق ھازىرقى زامان جۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى ، ئوقۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكلىپى بويىچە ئەنگلىيەدە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ يەنە يېرىم يىل ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى ، ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقارالىق جۇرناللاردا يەتتە پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇردى . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى پارچىسى خەلقارالىق يىغىنلاردا ئوقۇلغان بولۇپ ، يىغىنلارنىڭ توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى . مەدىنە 2000 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بولۇپ ، ئەنگلىيەدە قېلىش پۇرسەتلىرى بولسىمۇ ئۇنىڭغا قارىماي ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى . مەدىنە جۇڭگوغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن 2000 - يىلى 12 - ئايدىن باشلاپ بۇ يەردە دوكتور ئاشتى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ دوكتور ئاشتى سالاھىيىتىگە مۇيەسسەر بولدى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسىدا تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ . ئۇ دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقات تېمىسىنى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خەلقارالىق ئىلمىي ژورناللاردا بەش پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇردى . مەدىنە ئابلىكىم جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىشلەۋاتقان دوكتور ئاشتى سالاھىيىتىگە ئىگە تۇنجى ئايال تەتقىقاتچى . ئۇ بەس خەلقارالىق ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىدىكى 30 نەپەر ئالىمنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ تىزىلغان . مەدىنە ئابلىكىمنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى ئۇنىڭ پەنگە بولغان كۈچلۈك قىزىقىشى ، ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش جەريانىدىكى سەۋرچانلىقى ، قىيىنچىلىققا يولۇققان چاغدا بەل قويۇۋەتمەيدىغان كۈچلۈك ئىرادىسى ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئويلايدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن بولغان ، خالاس . ئۇ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئانا يۇرتىدىن ، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ كىشى يۇرتىدا مۇساپىرچىلىق ، غېرىبلىق مىنۇتلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى . ھەر قېتىم قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش ئالدىدكى سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز قىيىنچىلىقلار ئالدىدا قەتىي بوشاشمىدى ، جاپالار ئۈستى - ئۈستىلەپ كەلگەن چاغدا يۇرتىنى ، ۋەتىنىنى ، ئاتا - ئانىسىنى ۋە ئوماق پەرزەنتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى . ئاتا - ئانىسىنىڭ تەربىيىلىشى ، قېينىئاتا - قېينىئانىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋە پەرزەنتىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشى ۋە ئوقۇشقا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى ، ئۇستازلىرىنىڭ ئەجرى ، يولدىشى ۋىدات مىجىتنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بولمىغان بولسا ، مەدىنەنىڭ بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى تەس ئىدى . مەدىنە ئابلىكىمنىڭ ئاتىسى ئاگرونۇم ، ئاپىسى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر ۋاقىت قاتتىق تەلەپ قويۇشى ، ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشى ، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇپ رىغبەتلەندۈرۈشى مەدىنەنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى . بۇ ھەقتە مەدىنەنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدىكى يېتەكچى ئۇستازى خۇئاڭ ۋېيچىڭ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ : " مەدىنە ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچى ، ئۇنىڭ ئالاھىدە يولىمۇ، قوللايدىغان ئارقا تېرىكىمۇ يوق . ئۇ پەقەت ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆگەندى ، تىرىشتى . ئۇنىڭ بىرلا كەمچىلىكى  ئويۇن - تاماشىنى بىلمەيتتى . شۇڭا ئاخىرىدا مۇشۇنداق نەتىجە مەدىنەگە مەنسۇپ بولدى " . دەرۋەقە ، مەدىنە ئۆزىنىڭ ئوقۇش ۋە تەتقىقات جەريانىدا ئالىملارغا خاس خىسلىتىنى نامايان قىلدى . چەت ئەللەردە تۇرغاندا كەسپىي جەھەتتىلا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپلا قالماستىن ، ئەخلاقى - پەزىلەت جەھەتتىمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، مىللىتىمىزنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىدى . ئۇ نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان تۇنجى ئايال ئالىم بولۇپ ، تارىختىن بېرى بۇ ساھەدە ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالىم بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى . ئۇنىڭ بۇ تۆھپىسىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت پەنلىرى تارىخىغا يېزىلىشقا تېگىشلىك . ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ ، ياشلا ئالىملىق شۆھرىتىگە ئىگە بولدى . ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سەنەت ۋە ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەلىرىدە نەتىجە قازىنىپلا قالماي ، بەلكى تەبىئەت پەنلىرى ساھەسىدىمۇ زور ئۇتۇق قازىنالايدىغانلىقىنى دۇنياغا نامايان قىلدى . ئۇنىڭ چەتەلدىكى ئىلمىي پائالىيەت ۋە نەتىجىلىرىدىن كۆپلىگەن چەتەللىكلەر يېڭى يىپەك يولى باغرىدىكى ئىسلاھات قاينىمىدا كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ باتۇرانە جاسارىتىنى كۆردى . ئۇ ئېرىنمەي تەتقىق قىلغاچقا ، ئۆز نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قان ۋە تەر سەرپ قىلغاچقا ، ئالىملىق تاجىنى كىيدى . شۇنى ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇكى ، ئۇ ئالىم بولۇش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى تەبىئەتتىكى مەھلىيا قىلغۇچى سىرلارنى يېشىش ئۈچۈن ئىزدەندى . بىز فىزىكا ئالىمەسى ، ئۇيغۇر قىزى مەدىنە خانىمنىڭ تەبىئەت پېنى بولغان ئاساسىي زەررىچىلەر ساھەسىدىكى تەتقىقاتىنى بوشاشتۇرماي ، تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە قىيىن بولغان ، پەن بىناسىغا ئۇل سالىدىغان ئىلىم قەسىرىنى روياپقا چىقىرىش يولىدا ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، مىللىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئوبرازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، يەنىمۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:21:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم كۆكىدە يەنە 2 يۇلتۇز چاقنىدى
خەلقئارالىق چىش دوختۇرلۇقى ئاكادېمىيىسى ( International College of Dentists, ICD ) نىڭ جۇڭگو رايونىدىكى ئاكادېمىكلارنى ئېلان قىلىش يىغىنى 2010 – يىلى 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۇڭچىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا جۇڭگودىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ ۋە ئۆلكە – ئاپتونوم رايونلاردىكى چىش دوختۇرلۇقى ئىلمىي جەمئىيەتلىرىدىن خىللانغان 40 نەپەر كىشىگە ‹‹ ICD ئاكادېمىكى ›› لىك شەرىپى بېرىلگەن. كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغىنى شۇ بولغانكى، دىيارىمىزدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىدىن بولغان شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – دوختۇرخانىسىدىن ئادالەت ( ئەخمەتجان ) قاسىم ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىن ئاسىيە ياسىن ئۇشبۇ كاتتا شەرەپكە نائىل بولغان ، دىللارنى يەنىمۇ ئىپتخارلاندۇرغىنى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئايال ئىدى.

خەلقئارالىق چىش دوختۇرلۇقى ئاكادېمىيىسى ( International College of Dentists, ICD ) دۇنيادىكى 3 چوڭ چىش دوختۇرلۇقى تەشكىلاتىنىڭ بىرى بولۇپ، 1927 – يىلى قۇرۇلغان، باش شىتابى ئامېرىكىدا.  ICD دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى تېببىي ئىلمى تەشكىلاتى بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى داۋلاش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىلمىي تەشكىلاتتۇر.  ICD دۇنيادىكى ئەڭ  كۆزگە  كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان، ئەڭ مۇنەۋۋەر چىش دوختۇرى ئاكادېمكلىرىدىن تەركىبلەنگەن بولۇپ،  ICD نىڭ ئاكادېمىك تاللاش بوسۇغىسى ئېگىز، تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى، سانى چەكلىك بولۇپ ، جاھان ئىلىم ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە.  ICD  بەرگەن ‹‹ ئاكادېمىك ›› لىك شەرىپى پۈتۈن دۇنيادىكى چىش دوختۇرلىرى ئېرىشىشنى ئارزۇلايدىغان، مۇشۇ ساھە بويىچە ئەڭ ئالىي شان – شەرەپتۇر.

ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن، يۈكسەل جاھان ئىلىم كۆكىدە پارلاپ، ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يەنە بىر قېتىم يورۇق قىلغان ئادالەت قاسىمى ۋە  ئاسىيە ياسىندىن ئىبارەت بۇ ئىككى  دۇنياۋىي ئاكادېمىككە يەنىمۇ زور  مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيدۇ! ئەل بۈگۈن سىلەر بىلەن ئىپتخارلانماقتا ، ئىلىم كۆكىدە يەنىمۇ نۇر چاچقايسىلەر، ئاۋامنىڭ دۇئاسى سىلەرگە قۇۋۋەت بولسۇن!

ئەسلى مەنبەسى: يۈكسەل بلوگى
http://www.yuksel.me/1320.html

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 16:02:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىسۇن بۇنداق پەخرلىك ئېسىل قىزلىرىمىز!

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 16:11:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا بىزەۇ ئۇلارغا قاراپ  ئاغزىمىزنى ئېچىپلا قالىدىكەنمىز  بۇنداق ئىشلار بىزگە نىسىپ بولماپتىكەن  ھېلىمى ئارىمىزدىن  مۇشۇنداق تالانت  ئگىللىرىنىڭ چىقىپ تۇرغىنى ياخشى  ئۇلارنىڭ  تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 17:06:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كىچىگىمدىن تارتىپ شۇلارغا ئوخشاش تىرىشىپ ياخشى ئوقىغان بولمىسا ،لىكىن ......

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 04:03 , Processed in 0.052121 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش