يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 682|ئىنكاس: 2

ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:09:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يارالدىم رازىلىق بۇڭا يوق ئىدى ،
ھاياتتا پەقەتلام ھەيرىتىم ئارتتى ...
يەنە مەن نارازى قايتتىم ، بىلمىدىم ،
كەلمەك ھەم ، تۇرماق ھەم ،يانماق مەقسىدى.

*

قولۇمدا بولسۇن ئۇ ئۈزۈم شەربىتى ،
بېشىمدا بولسۇن ئۇ يار مۇھەببىتى .
دىيىشەر ھەق ساڭا توۋا بەرسۇن كۆپ ،
بەرسە ھەم يوق ئاڭا كۆڭلۈم رىغبىتى .

*

ئۆچۈرگەي ئىسمىمىز ئۆمۈر دەپتىرى ،
بىر زامان يوق ئېتەر ئەجەل قوللىرى .
ئەي گۈزەل ، شاراپ بەر ، بەك گۈزەل ،گۈزەل .
تۇپراققا ئايلانغاي ھەممە ياش--قېرى .

*

بۇ ئۆرتەڭ ، ' ئالەم' دەپ ئاتالمىش ئېتى ،
كۈن ۋە تۈن --ئاق ،قارا ئاتلار مەنزىلى ،
نەچچە يۈز جەمشىتتىن قالغان بەزمە بۇ ،
قانچە يۈز بەھرامنىڭ بۇ قونالغۇسى ~؟

*

چۈشۈمدە ماڭا بىر دانىشمەن دىدى :
ئۇيقۇدا بەخىتتىن گۈل ئېچىلمىدى ،
سەن نىچۈن ئولۇمدەك بىر ئىش بىرلە بەنت ؟
ئىچ شاراپ ! ئۇخلايسەن يەردە ئەبەدى !

*

ئەسكىگە ئېيتمىغىن ، ساقلىغىن سىرنى ،
بىر قاراپ كۆزىگە ، بىل مۇغەمبەرنى ...
كىشى ئۆز جېنىغا نى قىلغانغا باق ،
يوشۇرۇن ئىپلاستىن تۇتمىغىن پىرنى ~

*

كىم كۆردى دوزىقىڭ ،جەننىتىڭ ئەي دىل ؟
كىم كەلدى ئۆلگەندىن ، قىل گېپىڭ ئەي دىل .
بىز قورققان ، يېلىنغان نەرسىنىڭ ئاڭلا :
ئىسمى بار ، جىسمى يوق...مۇشۇ جىڭ ، ئەي دىل !

*

كوزامنى يوقاتتىڭ سۇندۇرۇپ .رەببىم !
ياپتىڭ بەخت ئىشىكىنى ، سەن ئۇرۇپ رەببىم !
گۈل رەڭلىك شارابىم تۆكتۈڭ يەرگە سەن ،
قالدىڭمۇسەن ياكى مەس بولۇپ رەببىم ؟!

*

بىر جامكى ، ئەيلىمىش ئىختىيار ئەقىل ،
قەدىرلەپ شۇ جانغا يۈزنى سۇندى،بىل...
'پەلەك 'نام كوزىچى شۇنداق جام ياساپ ،
ئارقىدىن يەرگە ئۇ ، ئۇرىدۇ سىجىل .....

*

بىر كۈچۈم بولغاندا تەڭرىدەك گويا ،
بۇزاتتىم پەلەكنى بۇنداق بىۋاپا ....
ياخشىلار مەقسەتكە يەتكۈدەك تولۇق ،
چۇراتتىم بىر پەلەك ----بىر يىڭى دۇنيا .

*
كېچە مەن تۇيغۇندا ساماغا چىقىپ ،
دوزاق ھەم بىھىشنى يۈردۈم ئاختۇرۇپ .
بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ ، دوزاق ھەم بىھىش ،
ئۆزەڭدە!---دىدى ئۇ،---يۈرمىگىن ئېزىپ~!

*
ئاقمىغاي تەقدىرگە نارىزا بولۇش ،
ئاقمىغاي ئاەمدە بىرىيا بولۇش ،
قولۇمدىن كەلگەنچە تەدبىر ئىشلەتتىم ،
كەتكۈزدى ، ئاھ-قازا ،تەدبىرىمنى بوش .

*
خوشال ئۆت ئۆمۈرنىڭ ھاسىلى بىردەم ،
بۇ تۇپراق---تۇپرىقى كەيقۇباد ۋە جەم .
قىل قىياس بىر خىيال ، ئالدىنىش يا چۈش .
ھاياتنىڭ تەكتى ھەم ئەھۋالى ئالەم.


Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:10:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۆمەر ھەييام مەينى تەرغىپ قىلغانمۇ؟»
شۇنداق بىر ماقالە بار ئىدى، مەن ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ «ئەسىرىم شېئىرىيەت مۇنبىرى»گە يوللىغان.
بۇ ماقالىنى ئۆزبەكىستاننىڭ كاتتا بىر ئۆلىماسى يازغان ئىدى.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 08:17:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەييام مەينى ۋە مەيخورلۇقنى تەرغىب قىلمىغان بولسا كېرەك ! ئەمما ئوتتۇرا ئەسردە مۇسۇلمان پادشاھلىرىنىڭ مەيخورلۇقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ھەر بىر يۇرت-شەھەرنى ئىستېلا قىلغاندا ئۆز نامىغا خۇتبە ئوقۇتۇپ بولۇپ كاتتا مەيخورلۇق-مەجۈنخورلۇق زىياپەتلىرىنى باشلىۋېتىشىدىكەن...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 01:50 , Processed in 0.047312 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش