يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 681|ئىنكاس: 4

غابدۇللا توقاي ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر نىداسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 13:33:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غابدۇللا توقاي

ساداقەت بىزدە يوقمىش، بولماسا يالغانىمىز باردۇر،
(نىفاق ۋىستافكاسىندا) ئىتتىپاقسىزلىق كۆپ مېدال ئالغانىمىز باردۇر.
نەزافەتكە رېئايەت يوق ئىمىش بىزدە، نە بوھتاندۇر،
ئانىڭچۈن يۇرت سايىن بىزنىڭ بىرەر قۇمغانىمىز باردۇر.
سانائەت يوق، ھۈنەر يوق دېب يامانلىيلار ئورۇنسىزغا،
يەھۇدىيدىن جىڭىل مال تاپقۇچى ئىشانىمىز باردۇر.
خۇدوژنىكلار ۋە رەسساملەردە باردۇر، يوق دېيەلمەسلەر،
مەدىنە، مەككىدە تۈرلى بوياۋ ساتقانىمىز باردۇر.
تاغىن بىزدە ئىلىم-پەن ئەھلى --- زىيالىيلار يوق دېيلەر،
ئوتۇز يىللاپ بۇخارا --- قاراغاسىدا تۇرغانىمىز باردۇر.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

يەنە يۇرت پايداسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسىي مۈشكۈل،
ئەگەر بىر يەردە توي بولسا، بارىب ياتقانىمىز باردۇر.
ئومۇمنىڭ پايداسىنى يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا، ئەقەب چاققانىمىز باردۇر.
بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بارىب ئەۋرەتلىرىن  ئاچقانىمىز  باردۇر.
خاتائەن بىر دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بولۇپ قالسا،
يوشۇرماي،  بىرگە ئوننى تاپىب قاتقانىمىز باردۇر.
بابالار شۆھرىتىنى، غەيرەتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
قالىب غەفلەت، جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز، لاپ ئاتقانىمىز باردۇر.
خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستاسى ھەم يوقتۇر،
قۇۋلۇقۇ-شۇملۇق بىرلە رەڭمۇ رەڭ يالغانىمىز باردۇر.
قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋەيا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ باغلاغانغا بەل تۈمەن بوھتانىمىز باردۇر.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:36:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غابدۇللا توقاينىڭ شېئىرىغا: بىزلەردە بىرلىك ئىتتىپاقلىق يوق، رەسسام شائىر ھەممىسى بار. قەيسەر، جەسۇر، قەھرىمانلىرىمىز ئاز چىقتى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرىغا: ئومۇمنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئىش قىلماق كەلسە ئاستا قاچىمىز. ئۆز مەنپەئەتىمىز كەلسە دوست-يارەن- قەۋم-قېرىنداش دىمەي ھەممىنى ساتىمىز. بىرەر قېرىندىشىمىزنىڭ ئەيىۋىنى كۆرۈپ قالدۇقمۇ بولدى. شۇنى كەڭ جامائەتچىلىككە يايمىغىچە كۆڭلىمىز ئەمىن تاپمايدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:02:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتارلار ۋە ئۇيغۇرلار تارىخنىڭ كۆپ ئاچاللىرىدا ئورتاق قىسمەتكە دۇچار بولغان مىللەتلەردۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، بۇ ئىككى شائىرنىڭ قايغۇ-ھەسرەتلىرى ۋە مۇھەببەت-نەپرەتلىرى مۇشۇ شېئىردا ئۈچرىشىپ قاپتۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىككى قىتىملىق روسىيە سەپىرىدە تاتار ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان ۋە ئابدۇللا توقاينىڭ دىموكىراتىك ئىدىيەسى ۋە شېئىرلىرى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى مۈمكىن.
يۇقارقى ئىككى پارچە شېئىردىن قارىغاندا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇللا توقايغا تەقلىد قىلغاندەك تۇرىدۇ.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاتارچە يازغان شېئىرلىرىمۇ بار.



Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 08:25:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غابدۇللا توقاي ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر شائىرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە تەققاسلىغۇسى كېلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا تاتار يازغۇچى-شائىرلىرىغا تەقلىدەن ئەسەر يازغانلار ئۇچرايدۇ. سەل كېيىنرەك غادىل كوتوينىڭ ئەسەرلىرىگە تەقلىد قىلىپ مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى يازغانلارنىڭ بارلىققا كەلگىنى مەۋھۇمراق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.
ھۆرمىتى زىيادە كەتمەنباي بۇرادەرنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاتارچە يازغان شېئىرلىرىدىن ئۆرنەك بېرىپ بىزنى سۆيۈندۈرۈشىنى ئىستىكىمنىڭ يۇقىرى پەللىسى قىلىپ تۇرۇپتىمەن!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:40:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاتارچە يازغان شېئىرى

بۇ ماۋسۇمدا ئوقۇغۇچىلارغا «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى» دەرسى ئۆتكەن ۋاقتىمدا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئىللە كىم كۈتە» ناملىق تاتارچە شېئىرى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدىنىشلىك ئۈگىنىشكە تەشكىللەش مەقسىدىدە، بۇ شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تېپىش ئىشىنى تور بىلەن خېلى ياخشى تونۇشلۇقى بولغان ئالىمجانغا تاپشۇرۇپ، ئالدى بىلەن يازغۇچىلار مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ، غىلاجىدىن ئوسمان (ئىدىل) ئەپەندىگە سالام بېرىپ، شۇ ئارقىلىق بۇ شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تېپىش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدىم. ئورۇنلاشتۇرغىنىم بويىچە ئالىمجان غىلاجىدىن ئاكا بىلەن ئلاقىلىلاشتى. غىلاجىدىن ئاكا بۇ ئىشقا تولىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، «ئىللە كىم كۈتە» ناملىق شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شېئىرنىڭ مەنىسى بىزگە ئايان بولدى.
قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ستۇدىنتى–ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ئالىمجاننىڭ تەلىپى بويىچە ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تاتار تىلىدە يازغان«ئەللە كىم كۈتە»ناملىق شېئىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ يوللىدىم.كىچىك تىرناق ئىچىدىكى سۆزلەر–ئۈستىدىكى كۇبلىتنىڭ نەسرىي يەشمىسى،ئۇنى شېئىرلاشتۇرۇش ياشلارنىڭ ئۆزىگە قالدى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


ئەللە كىم كۈتە

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

ئۇل سۆيەلگەن، ئويغا تالغان،
ئاندا بىلمىىيم نىي كۈتە.
نەرسە سۈيلىي،ئىشىتىلمىي،
ئىرنىن ئۇل تىك سىلكىتە.
(ئۇ يۆلەنگەن، ئويغا پاتقان،
بىلمىدىم، ئۇندا نېمىنى كۈتىدۇ.
نېمە دەيدۇ، ئاڭلانمايدۇ،
پەقەت كالپۇكلىرىنى مىدىرلىتىدۇ.)

بىر قاراماقچى بۇلا
تاغىدا پوسماقچى بۇلا.
بىر ئورۇندا ئەيلەنە،
ئايلار ئۈتە ھەم يىل ئۈتە.
(بىرتۇرۇپ قارىماچى بولىدۇ،
ھەم يەنە يوشۇرۇنماچى بولىدۇ.
بىر ئورۇندىلا ئايلىنىدۇ،
ئايلار ئۆتىدۇ ھەم يىل ئۆتىدۇ.)

قىزغانام بىك تۈرلى ئوي
بىرلەن يۇۋاتماقچى بۇلام.
بىر يۇۋاتماستان ھامان،
مەجھۇل، بىلىنمەس سىر كۈتە،
(ئېچىنىمەن بەك،تۈرلۈك ئويلار
بىلەن ئاۋۇندۇرماقچى بولىمەن،
ھىچ ئاۋۇندۇرالمايمەن ئۆزۈمنى
مەجھۇل، بىلىنمەس سىر كۈتىدۇ،)



سىر كۈتە ئۇل ئەللە نىندىي،
قورقىنىچلى سىر كۈتە.
ئۇل كۈتەدە، ئۇل كۈتە
دىيپ ئەللە بىلبىلىم ئۈركىتە.
(سىر كۈتىدۇ ئۇ ئاللىقانداقتۇر
ۋەھىمىلىك سىر كۈتىدۇ.
ئۇ كۈتىدۇ، ئۇ كۈتىدۇ
دەپ بۇلبۇلىمنى ھۈركىتىدۇ.)


سايرىيدۇر ساندۇغاچ ھاماندا،
ئىھ، ماتۇر تاۋۇشى ئانىڭ.
بىردە ئۇل سالمىي قۇلاق،
زىھنىدە  ئەللە كىم  كۈتە.
(سايرايدۇ بۇلبۇل دائىما،
ئىھ، يېقىملىق ناۋاسى ئۇنىڭ.
ھىچ قۇلاق سالماس ئۇنىڭغا،
خىيالىدا ئاللىكىم كۈتىدۇ،)


كۆردى ئۇيغۇر ھالىنى،
قىزغاندى چىندان يىغلادى.
بەك ئەجەپ شۇ سىر لەكىن،
بىلمىيم نىگەدۇر كىيمسىتە
(ئۇيغۇر ھالىنى كۆردى،
ئېچىندى چىندىن يىغلىدى.
بەكمۇ ئەجەپ شۇ سىر لىكىن،
بىلمەيمەن نىچۈن كەمسىتىدۇ.)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



ئىللە كىم كۈتە

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

ئۇل سۆيەلگەن،ئويغا تالغان،
ئاندە بىلىمىم نى كۈتە.
نەرسە سۈيلى، ئىشتىلمى،
ئىرنەن ئۇل تىك سىلكىتە.

بىر قاراماقچى بولا
تاغى دە پوسماقچى بولا.
بىر ئورۇندا ئەيلەنە،
ئايلار ئۆتە ھەم يىل ئۆتە.

قىزغانام بىك تۇرلى ئوي،
بىرلەن يۇۋاتماقچى بولام.
بىر يوۋاتماسدان ھەمان،
مەجھۇل بىلىنمەس سىر كۈتە،

سىر كۈتە ئۇل ئىللەنىندى،
قورقىنىجلى سىر كۈتە.
ئۇل كۈتەدە  ئۇل كۈتە
دىب ئىللە بىلبىم ئۈركىتە.

سايرىدى ساندۇغاچ ھەماندا،
ئىم، ماتور تاۋشى ئانىڭ.
بىردە ئۇل سالمى قۇلاق،
زېھنىندە  ئىللە كىم  كۈتە.

كۆردى ئۇيغۇر ھالىنى،
قىزغاندى چەندان يىغلادى.
بىك ئەجەپ شۇنىسى لېكىن،
بىلمىم نىگەدۇر كېمسىتە.

----------------------------
[سەيپىدىن]
يۇقۇرقى شېئىرغا قىسمەن جايلىرى ئوخشىمىغانلىقى سەۋەبلىك سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن يوللاندى. ئىدىلكا، يۇقارقى شېئىر مۇھەممەد زەيىدىنىڭ 1930-يىللاردىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن قوليازمىسىغا ئاساسەن يوللانغان. قارىسام بەزى جايلىرى ئىملا جەھەتتن ئوخشىمايدىكەن، كىشىلەر قولىدا ساقلانغان قوليازمىلاردا پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا يوللاندى...

[ئېدىل]
سەيپىدىن، مەنمۇ سىز يوللىغان نۇسخىدىن كۆچۈرگەنىدىم، لېكىن ئىملاسىغا ھازىرقى تاتار تىلى ئىملا قائىدىسى بويىچە قىسمەن تۈزىتىشلەر كىرگۈزدىم. تاتارلاردائەرەپ يېزىقى 1930– يىللاردا قوللىنىلىپ، 1940– يىللاردا لاتىن يېزىقى قوللىنىلغان. ئاندىن كېيىن ھازىرغىچە سىلاۋيان يېزىقى قوللىنىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا تاتار يېزىقىمۇ،ئىملا قائىدىسىمۇ كۆپ قېتىم ئۆزگەرگەن. ئا.خالىقنىڭ بۇ شېئىرنى يازغان دەۋرى تاتارلارنىڭ توقاي تىلى دەۋرى ھىساپلىنىدۇ، ھازىر تاتار ئەدەبىي تىلى يېڭى بىر دەۋرىگە قەدەم قويدى. شۇڭا ئۇ دەۋردە يېزىلغان شېئىرنىڭ تىلى ۋە ئىملاسىنىڭ ھازىرقى دەۋردىكىگە ئوخشىماسلىقى تۇرغانلا گەپ. مەسىلەن، بۇ شېئىردىكى «ئىللە» سۆزى ھازىر «ئەللە» دەپ، «ئىرنەن» سۆزى «ئىرنىن» دەپ، «چەندان» سۆزى «چىننان» دەپ يېزىلىدۇ ھەم تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. يەنە بىر گەپ، بۇ شېئىردىكى «بىلبىم» سۆزى ۋاقىتىنچە «بىلبىلىم»(بۇلبۇلۇم) دەپ ئېلىندى، بۇنى يەنە تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://muellim.blogbus.com/logs/114606029.html
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:48 , Processed in 0.079002 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش