يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 581|ئىنكاس: 6

سەھرا مۇھاببىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:39:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەھرا مۇھاببىتى

      ياسىنجان ئىبراھىم

سەھرا، سەھرا ئانا سەھرايىم،
كىندىك قېنىم توكۈلگەن تۇپراق.
سەن شەھەردىن بولساڭمۇ يىراق،
سېغىنىمەن خىياللار ئارا،
يۈرىكىمدىن قايناپ ئىشتىياق.

چىللاپ مېنى سېغىنچىڭ يەنە،
كەلگىنىمدە ئاچتىڭ كەڭ قۇچاق.
ئەي مۇقەددەس ئەي ئېزىز تۇپراق،
ماڭا كۈلۈپ باقماقتا ئەنە،
قىرلاردىكى چىم،يالپۇز،قىياق...

گۈل كۆرىنەر كونا مەھەللەم،
چاڭ توزىغان توپىلىق يولمۇ،
قاداق باسقان يېرىلغان قولمۇ.
كۇلكە تۆكەر چېھىرلەر ھەردەم،
شۇلاردىكەن سۈتتەك كۆڭۇلمۇ.
                  2
ئۆتمۈشۈڭدۇر غول يىلتىزىڭدۇر،
پەرىشتىدەك بوۋام ۋە مومام،
تۆرگە ئاپتۇ شۇڭا ئەل-ئاۋام،
ئۇلار يېشى سېنىڭ يېشىڭدۇر،
سەھرا،سەھرا ساڭا مىڭ سالام.

قۇچاقلىدى ھويلىدا مەھكەم،
نان قومۇرۇپ ئولتۇرغان ئانام.
دىدى:"خويمۇ سېغىندىم بالام..."
يالتىرىدى كۆزلىرىدە نەم،
كېتىپ قاپتۇ ئېتىزغا  ئاتام.

ئۆز-ئۆزۈمگە دىدىم پىچىرلاپ:
"ياشاندىڭلار يەتكەندۇ ھاردۇق،
ئەمدى جاپا سىلەرگە ئارتۇق...
ۋىجدانىمغا قويايچۇ سوئال،
قىلالىدىم نىمىنى تارتۇق..."
           3
كۆرۈپ قالدىم ئەنە يىراقتىن،
قەيسەر ئاتا مېھنەتكەش ئاتا.
تونىمايدۇ يۈرىكىم  خاتا،
سېغىنغاچقا سېنى ئۇزاقتىن،
قىر ياقىلاپ  بارىمەن مانا.

ئەگەشتۈرۈپ ئىزىڭدىن باھار،
ئېتىزىڭغا سۇ باشلىدىڭمۇ؟
چۆنەك تارتىپ قىر قاشلىدىڭمۇ؟...
كەتمىنىڭدە قۇياش يالتىرار،
خورىماپتۇ بەرداشلىقىڭمۇ...

بولاي ھەمدەم ئارامىڭنى ئال،
تونۇپ قالسۇن ئەجرىم ئېتىزنى.
ئۈزەي يېشىل ھەم ئاق دېڭىزنى...
مېھنىتىمدىن قايىل بولۇپ قال،
ھوسۇل كۈتسۇن خاماندا بىزنى.
                  4
سەھرا،سەھرا ئانا سەھرايىم،
بارغۇم كەلدى مارجان بۇلاققا،
ئوخشايتتى ئۇ كۈلگەن بوۋاققا.
ئۇنى كۆرمەي قانماس خۇمارىم،
ئاقار ئىدى ئۇزاق-ئۇزاققا...

سۆزلەيدۇ ئۇ بالىلىقىمنى،
بارمىدۇ شوخ "ئالتۇن بېلىقىم"
چۆكۈپ كەتكەن قومۇش قېيىقىم،
سۆزلەر بەلكىم شوخلۇقلىرىمنى،
سېغىنىشتا يۈرەك بىتىنىم.

چاڭقاق يۈرەك چىلاشسۇن ئاڭا،
ئۇچۇم-ئۇچۇم ئوتلاي سۈيىنى.
ئاڭلاي شىلدىر-شىلدىر كۈيىنى...
خاسىيەتلىك بۇلاق ئۇ،ئاقار
يېشىللىققا ئاتاپ ئۆزىنى.
           5
ئاھ جىگدىلىك كىچىككىنە باغ،
تونىيالماي قالدىڭمۇ مېنى.
ئۇنتالمايمەن پەقەتلا سېنى.
ئوت ئۈستىگە چاچتىڭ يەنە ياغ،
مەن قالدۇرغان شورىلار قېنى.

ھىدى بارمۇ شىرىن سۆيگىنىڭ،
ئاھ،جىگدىلىك چىچەكلىرىڭدە.
گۈزەل بوستان ئېتەكلىرىڭدە...
ئېسىڭدىمۇ شۇ چاغ كۆرگىنىڭ،
ئىسمىم تۇرار تېرەكلىرىڭدە.

چىرمىۋالدى جىسمىمنى شادلىق،
ئاڭلانماقتا يېنىك شىلدىرلاش.
ياپراققا جۆر تاتلىق شىۋىرلاش.
قەيەردىندۇ ئاڭلىنار ناخشا،
ئانام ئېيتقان ئەللەيگە ئوخشاش.
               6
تاپالمىدىم نەلەردە قالدى،
بالىلىقتا قوي باققان جايلار.
كەڭ جىرالار،ئوي-دۆڭلەر،سايلار...
نەگە باقسام يېشىلزار،گۈلزار،
مېھنەت سىڭىپ ئۆتكەچكە يىللار.

ئەجىر، مېھنەت خاسىيىتىدىن،
سۆيدى ئامەت تۇپراقنى ئاخىر.
ئالقانچە يەر قالماپتۇ تاقىر،
باغاشلاپتۇ ياپ-يېشىل ئورمان،
ياڭرار قۇشلار نەغمىسى ھازىر.

ياڭرار قۇشلار نەغمىسى ھازىر،
تەڭكەش بولۇپ مەشرەپ سازىغا.
باھار مۆككەن قىشى-يازىغا،
ئالسۇن پۈتمەس ئىلھامنى شائىر،
نەزمە چېچىپ باغ-بوستانىغا...

        مەنبە : ئۆزۈم يەنى "شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ 1996-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سانىدىن.


Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:23:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن ئوتلۇق ئىلھام........ھە!!!!!
مەن بۇ شىئرنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ، ئۆزومنى خۇددى ئاشۇ گۈزەل سەھرانىڭ
ساپ ھاۋاسىدىن قانغىچە نەپەس ئىلىپ ،دوسلىرىم بىلەن سۇ چىچىشىپ ئويناۋاتغان
بالىلىق ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم،تىلغا ھەقىقەتەن باي،قەلىمىڭىز ھەقىقەتەنمۇ
ئۆتكۇركەن،شىزنىڭ بۇ شىئرڭىزنى ئوقىغان ھەر قانداق ئادەم يىزىقچىلىقتىكى قابىلىيىتىڭىزگە ،قايىل بولماي تۇرالمايدۇ
دەپ ئويلايمەن،تىخمۇ تىرىشىپ قاغجىرغان قەلىپلەرگە مەنىۋى ئوزۇق بىغىشلىغايسىز

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:36:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tabassum333 بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:23 دە يوللىغان
نىمىدىگەن ئوتلۇق ئىلھام........ھە!!!!!
مەن بۇ شىئرنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ، ئۆزومنى خۇددى ئاشۇ گۈزەل سەھرانىڭ
ساپ ھاۋاسى ...


ياقتۇرۇپ ئوقىغىنىڭىزغا كوپتىن-كۆپ رەھمەت، ئاپتور ئۈچۈن ئوقۇرمەلەرنىڭ ئىلھام-مەدەت بېرىشىدىن ئارتۇق ياردەم بولمىسا كېرەك...

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
2
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:20:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سەھرا مۇھەببىتى ناملىق ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ ،ئېتىز -قىلاردىكى ھەتتا سەھرا خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئىكەن بارىكاللا !ئاپرىن سىىزگە !   كۆپرەك تەلىم بىرەر سىز.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:09:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ سەھرانىڭ كەڭ قوينىدا چوڭ بولغان ئىدىم. گۈزەل مەھەللەمنى ھېچ يەرگە تەڭ قىلمايمەن. ياسىننىڭ بۇ شېئىرىنى ئوقۇغاچ، مەھەللەمدە ئۆتكەن بالىلىق دەرۋىمنى ئەسلەپ چىقتىم. شېئىرنى چىن ھېسياتىڭىز بىلەن يېزىپسىز بارىكاللا!
باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى،ياز كەلسىلا كەچنى قىلماي ئۆيگە قايىتمايىتتۇق. مەكتەپتىن قايتىپلا مەھەللىمىزنىڭ ئاياق تەرىپىدىكى ئىككى يېنىنى ئوپ-چۆپلەر ئورىۋالغان ئۆستەڭگە سۇغا چۈمۈلگىلى باراتتۇق. بۇ ئۆستەڭ يارلىق تەرەپتە بولغاچ بەزىدە سۇغا چۈشۈۋاتساق يان تەرەپلىرىدە يىلانلار مېڭىپ يۈرەتتى. كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا يىلاندىن بەكلا قورقاتتىم. يىلاننىڭ شۇنداق قارىسىنى كۆردۈممۇ بولدى سۇدىن چىقىۋالاتتىمدە دوستلىرىم شۇنچە يالۋۇرسىمۇ سۇغا چۈشكىلى ئۇنىمايىتتىم.ھازىرمۇ تېلېۋىزۇردا يىلان چىقسا باشقا تەرەپكە قارىۋالىمەن.  بەزى كۈنلىرى يىلان بولمىسا سۇغا مەندەك ئۇزاق چۈشۈدىغىنى يوقتى. سۇغا چۈشۈۋېرىپ سوغۇقتىن دىرىلدەپ تىترىگەندە ئاندىن سۇدىن چىقاتتىم. ئويناۋېرىپ كەچ كىرگىنىنىمۇ تۇيماي قالاتتۇق. ئۆيگە قايىتسام ئانامنىڭ قىز بالا دىگەن مۇشۇ ۋاقىتقىچىمۇ ئوينامدۇ دەپ بىر ھازا كايىپ تىللاشلىرىدىن ئەنسىرىگەچ ئۆيگە ماڭاتتىم.
بالىلىق ۋاقتىمىزدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ يازغىلى تۇرساق، جىق نەرسىلەرنى يازىدىكەنمىز. ھەي بالىلىق!
ياسىننىڭ شېئىرىدىن ئىلھاملار كېلىپ نېمىلەرنى يېزىپ كەتتىم ھە!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:53:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە مانا ، ياسىننىڭ شېئىردىن ئىلھام كەپتۇ ، مۇشۇنداق يېزىپ ئۈگۈنىدىغان گەپ ساقام . ئىنكاسىڭىزغا ئۇلاپ يازسام گەپ ئۇزۇن تۈگۈمەيدۇ . بىر تېما باشلىمامسىز  بالىلىقنى ئەسلەپ دەپ ؟
مۇنبەردىكى شائىرلارنىڭ قەلىمى ئاتتەك چاپقۇسى ..

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:09:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Jilwe بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:53 دە يوللىغان
ھە مانا ، ياسىننىڭ شېئىردىن ئىلھام كەپتۇ ، مۇشۇنداق يېزىپ ئۈگۈنىدىغان گەپ ساقام . ئىنكاسىڭىزغا ئۇلاپ يازسام گ ...

بالىلىقىمنى ئەسلەپ تېما باشلىسام سىزمۇ ئەگىشەمسىز؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:08 , Processed in 0.073785 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش