يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 766 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1311|ئىنكاس: 13

دۇنياۋىي 100 مەشھۇر ئەسەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:17:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنياۋىي 100 مەشھۇر ئەسەر


جۇڭگۇ ئىقتىساد نەشىرىياتى ئۆز ۋاقتىدا بىر يۈرۈش 10 پارچە كىتاب نەشر قىلغان.
بۇلار تۆۋەندىكىچە:
(1) «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر كىشى»-مېك.خات- ئامىرىكا.
(2) «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئۇرۇش»
(3) «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئەسەر»
(4) «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئالىم»
(5) «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر مەنزىرىلىك رايون»
(6) «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئاپەت»
(7) «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر تەنتەربىيە چولپىنى»
(8) «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئۇنۋىرسىتىت»
(9) «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئايال»
(10) «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر مالىيە گورۇھى»
بۇ كىتابلار ئىچىدىكى «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئەسەر» دىگەن كىتابنى خۇ يەنخۇڭ، گۈلزار، ياڭ سېرۇي ئۈچەيلەن تۈزگەن بولۇپ، مەن تورداشلارغا تونوشتۇرماقچى بولغان مەزكۇر تىزىملىكنى يالقۇن روزى مۇشۇ كىتابقا ئاساسەن تەييارلاپ «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»دە ئىلان قىلغان. مەن بۇ تىزىملىكنى ئەينى ۋاقىتتا كۆپەيتىپ ساقلاپ قويغان ئىدىم. ئارىدىن مانا 7-8 يىل ئۆتۈپتۇ. تىزىملىكتىكى بەزى ئەسەر ۋە ئاپتورلارنىڭ ئىسمى توغرا يېزىلمىغان بۇلۇشى مۈمكىن. مەن گېزىتتىكى بويىچە يازدىم. تۈزىتىشكە تىگىشلىك جايلىرى بولسا تورداشلارنىڭ تۈزىتىپ ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
گېزىتتە يەنە «ئىنجىل»نىڭ ئاپتورى ئەيسا،«قۇرئان»نىڭ ئاپتورى مۇھەممەد دەپ ئېلىنغان ئىكەن. مەن بۇنى ئىتىقادىمىزغا مۇۋاپىق ھالدا ئۆزگەرتىپ قويدۇم. (ئەلۋەتتە، ھازىر تارقىلىۋاتقان «ئىنجىل» ئۆزگەرتىلگەن دەپ قارىلىدۇ.)  بۇنى توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن: كەتمەنباي  
********



ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئەسەر

(1) «كاپىتال»-ماركس-گىرمانىيە.
(2) «ئىنجىل» -ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ئىلاھىي كىتاب.
(3) «ماتىماتىكا قائىدىلىرى»-نيۇتۇن-ئەنگىلىيە.
(4) «قۇرئان»-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ئىلاھىي كىتاب.
(5) «گادىنجور نومى» (تىرى پىتاكا)-ساكيامۇنى-ھىندىستان.
(6) «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»-جېففېرسون-ئامىرىكا.
(7) «يېڭى دىموكراتىزىم ھەققىدە»-ماۋزىدۇڭ-جۇڭگۇ.
(8) «نىسپىلىك نەزىرىيەسى»-ئېينىشتىيىن –ئامىرىكا.
(9) «ناپولىئون قانۇنلار توپلىمى»-كوللىكتىپ-فىرانسىيە.
(10) «مىللى بايلىقنىڭ خاراكتىرى ۋە ئامىللىرى ھەققىدە»-ئادام سىمىت-ئەنگىلىيە.
(11) «مېنىڭ كۆرەشلىرىم»-گىتلىر-گىرمانىيە.
(12) «ئۈچ مەسلەك»-سۇن جۇڭشەن-جۇڭگۇ.
(13) «نوپۇس نەزىرىيەسى»-مالتوس-ئەنگىلىيە.
(14) «ئاددىي ساۋات»-پىئېن-ئامىرىكا.
(15) «پىلانىتلار ھەرىكىتى»-كوپىرنىك-پولشا.
(16) «پادىشاھ ھەققىدە»-ماكياۋىللى-ئىتالىيە
(17) «سۈن زىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى»-سۈن زى-جۇڭگۇ.
(18) «دىيۇرىڭغا قارشى»-ئىنگىلىس-گىرمانىيە.
(19) «گىئومىتىرىيەلىك قائىدە»-ئېۋكىلىد-گىرىتسىيە.
(20) «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى»-دارۋىن-ئەنگىلىيە.
(21) «كونتىرول نەزىرىيەسى»-ۋېنىر-ئامىرىكا.
(22) «قامۇس»-دېدىرو-فىرانسىيە.
(23) «سام تاغىنىڭ كەپىسى»-سىتو خانىم-ئامىرىكا.
(24) «ھايۋانلارنىڭ يۈرەك ۋە قان ھەرىكىتى توغرىسىدا تەتقىقات»-خارۋىي-ئەنگىلىيە.
(25) «پەلسەپە قائىدىلىرى»-دىكارت-فىرانسىيە.
(26) «ھۆكۈمەتكە ئائىت ئىككى ماقالە»-جون.لوك-ئەنگىلىيە.
(27) «چۈش تەبىرى»-فىروئىد-ئاۋىستىرىيە.
(28) «ئىلمىي باشقۇرۇش قائىدىلىرى»-تەيلۇر-ئامىرىكا.
(29) «دېڭىز ئارمىيە ئۇرۇشى ئىستىراتىگىيەسى ھەققىدە»-ماخان-ئامىرىكا.
(30) «مەۋجۇدلۇق ۋە يوقلۇق»-سارتېرى-فرانسىيە.
(31) «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆسۈم ۋە پۇل ئوبروت نەزىرىيەسى»-كېينىس-ئەنگىلىيە.
(32) «ئۇرۇش توغرىسىدا»-كار.ۋون-گىرمانىيە.
(33) «مۇھاكىمە ۋە بايان»-كۇڭزى-جۇڭگۇ.
(34) «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق قانۇنى»-گىروتىئوس-گوللاندىيە.
(35) جۇغراپىيەلىك سىياسىي نەزىرىيەسى»-مېكىنت-ئەنگىلىيە.
(36) «لوئىس‹16› دەۋرى»-ۋولتېر-فرانسىيە.
(37) «سىياسىي ئىقتىساد ۋە باج پىرىنسىپلىرى»-رىكاردو-ئەنگىلىيە.
(38) «ئوتوپىيە»-توماس.مور-ئەنگىلىيە.
(39) «پروتىستانت ئېتىكىسى ۋە كاپىتالىزىم روھى»-ماكس.ۋېبر-گىرمانىيە.
(40) «ئىلاھ كومىدىيەسى»-دانتې-ئىتالىيە.
(41) «گومېر داستانلىرى»-گومېر-گرىتسىيە.
(42) «دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ مەنبەسى»-ۋېگېنېر-گىرمانىيە.
(43) «ئۆسۈشنىڭ ئاخىرقى چېكى»-ھىدوس-ئامىرىكا.
(44) «ئىجتىمائىي كىلىشىم توغرىسىدا»-روسسو-فرانسىيە.
(45) «لېۋىتان»-خوببېس-ئەنگىلىيە.
(46) «ھوقۇق ئىرادىسى»-نېتشى-گىرمانىيە.
(47) «تارىخىي خاتىرىلەر»-سىماچيەن-جۇڭگۇ.
(48) «مانۇ سىمىردى»-مانۇ-ھىندىستان.
(49) «قانۇن روھى»-مۇنتىسكيۇ-فرانسىيە.
(50) «ساكۇنتالا»-كالىداسا-ھىندىستان.
(51) «سىياسىي ئىلىم»-ئارىستوتىل-گرىتسىيە.
(52) «بويسۇنماسلىق نەزىرىيەسى»-سېلرۇس-ئامىرىكا.
(53) «ماركسنى قوغداش»-لوئىس.ئاردوس-فرانسىيە.
(54) «تاشقى دۇنيا ھەققىدىكى بىلىملىرىمىز توغرىسىدا»-روسسېل- ئەنگىلىيە.
(55) «ئىرادە ۋە تەسەۋۋۇر دۇنياسى»-شوپىنخائوئېر-گىرمانىيە.
(56) «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»-ساۋشۆچىن-جۇڭگۇ.
(57) «مىللەتپەرۋەرلىك»-تاگور-ھىندىستان.
(58) «قۇياش شەھىرى»-توماس.كامپانىلا-ئىتالىيە.
(59) «مىڭ بىر كېچە»-خەلق-ئەرەبىستان.
(60) «ئىككى خىل يېڭى پەننىڭ سۆھبىتى»-گالىلېي-ئىتالىيە.
(61) «شەخسنىڭ تارىختىكى رولى مەسىلىسى»-پىلىخانوپ-روسىيە.
(62) «رىقابەتتىن كەلگەن ئاۋاتلىشىش»-ئېرخارد-گىرمانىيە.
(63) «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ باسقۇچلىرى»-روستو-ئامىرىكا.
(64) «سەۋەب، مەنبە ۋە بىردەكلىك ھەققىدە»-بىرونو-ئىتالىيە.
(65) «خەلقارا قانۇن»-ئوپپىنخىم-گىرمانىيە.
(66) «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى ۋە ئېتىكا»-خوشلېي-ئەنگىلىيە.
(67) «تېئولوگىيە قامۇسى»-ئاكۋېنا-ئىتالىيە.
(68) «ئۈچىنچى قىتىملىق دولقۇن»-توفلىر-ئامىرىكا.
(69) «مارك پولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى»-مارك پولو-ئىتالىيە.
(70) «دېھقانچىلىق رىسالىسى»-جيا سىسى-جۇڭگۇ.
(71) «روھىي ھادىسە ئىلمى»-گېگىل-گېرمانىيە.
(72) «تەربىيە نەزەرىيەسى»-سىپىنسېر-ئەنگىلىيە.
(73) «پۇشايماننامە»-ئاۋگۇست-ئىتالىيە.
(74) «مۇجىمەللىكتىن تەرتىپلىككىچە»-پىرىگوگىن-بىلگىيە.
(75) «مەدەنىيەت ھەققىدە ئومۇمىي بايان»-فۇزى شۇجى- ياپونىيە.
(76) «دىئالىكتىك ماتىرىيالىزىم ۋە تارىخىي ماتىرىيالىزىم»-ستالىن-روسىيە.
(77) «ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى»-كۇسنىس-ئامىرىكا.
(78) «قەھرىمان ۋە قەھرىمانغا چوقۇنۇش»-توماس.كاللور-ئەنگىلىيە.
(79) «ئادەمنىڭ ئالەمدىكى ئورنى»-ماكس.شلېر-گىرمانىيە.
(80) «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»-لېف.تولىستوي-روسىيە.
(81) «سۆيگۈ تەشنالىقى ۋە مەدەنىيەت»-ماركوس-ئامىرىكا.
(82) «گىيوتىنىڭ ئېيتقانلىرى»-گىيوتى-گىرمانىيە.
(83) «كاپىتالىزىم، سوتسىيالىزىم ۋە دىموكراتىزىم»-شامپېتىر-ئاۋستىرىيە.
(84) «پەننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىدارى»-بېرنال-ئەنگىلىيە.
(85) «ئادەم ھەققىدە»-كاسسېرى-گىرمانىيە.
(86) «ئەركىنلىكتىن چەتنەش»-فىروم-ئامىرىكا.
(87) «تۇرمۇش ۋە ئىستىتىكا»-چېرنىشىۋىسكى-روسىيە.
(88) «تارىخ»-ھىرودېد-گرىتسىيە.
(89) «بىكارچىلار سىنىپى نەزەرىيەسى»-فىنبىلون-ئامىرىكا.
(90) «كىيىنكى سانائەت جەمئىيىتىنىڭ يېقىنلىشىشى»-بېل-ئامىرىكا.
(91) «غايىۋى دۆلەت»-ئەپلاتون-گرىتسىيە.
(92) «ئىجتىمائىي ئىنقىلاب»-كارل.كوتس-گىرمانىيە.
(93) «گاللىيە ئۇرۇشى خاتىرىلىرى»-كايسار-ئىتالىيە.
(94) «تەجرىبە ۋە تەبىئەت»-دۇۋېي-ئامىرىكا.
(95) «جەمئىيەتنىڭ تاللىشى ۋە شەخسنىڭ قىممىتى»-ئارۇس-ئامىرىكا.
(96) «قەدىمقى جەمئىيەت»-مورگىن-ئامىرىكا.
(97) «ئىقتىسادىي پىلان قائىدىلىرى»-لېۋىس-ئامىرىكا.
(98) «ساپ ئەقىلچىلىققا تەنقىد»-كانت-گىرمانىيە.
(99) «بىلىشنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى قائىدە»-پىئاگىت-شىۋىتسارىيە.
(100) «بۈيۈك يۈزلىنىش»-جون. نەسبىت-ئامىرىكا.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى». تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي)
(بۇ ماتىرىيالنى باشقا تور بېكەتكە يوللىسىڭىز، مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىپ قويۇڭ)
http://ketmenbay.blogbus.com/logs/34493945.html
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

[ ketmenbay بۇ يازمىنى  2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:19  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:41:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(1) «كاپىتال»-ماركس-گىرمانىيە.


كارل.ماركس ( 1818.5.5 – 1883.3.14)

ماركس-پۈتۈن دۇنيا پۇرۇلېتارىياتىنىڭ داھىيىسى، ماركسىزىمنىڭ ئاساسچىسى. ئۇ پىرۇسسىيىنىڭ رېين ئۆلكىسىدىكى ترىئېر شەھرىدە بىر ئادۋۇكاتنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئىلگىر-كېيىن بۇلۇپ بونىن ۋە بېرلىن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش مەزگىلىدە قانۇن بىلەن پەلسەپىنى نۇقتىلىق ئۈگەنگەن. بىر مەزگىل ياش گېگىلچىلار گۇرۇھىغا قاتناشقان. 1841-يىلى 3-ئايدا ئۇنۋېرستىتنى پۈتتۈرگەن ۋاقتىدا «دىموكرىتنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى بىلەن ئېپىكۇرنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ پەرقى» دېگەن تېمىدا دىسىرتاتسىيە يېزىپ، گېگىل پەلسەپىسىدىن خۇداسىزلىققا ياتىدىغان رادىكال خۇلاسىنى چىقىرىپ، پەلسەپە بۇيىچە دولتۇرلۇقنى ئالغان.
1844-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ماركس ئېنگېلس بىلەن پارىژدا ئۇچراشتى. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئۇلۇغ ئىككى ئۇستاز پۇرۇلېتارىياتنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بىرلىكتە كۈرەش قىلدى.
1845-يىلى ماركىس ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن فرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كىيىن، بېلگىيىنىڭ پايتەختى بىريۇسېلغا بېرىپ ماكانلاشتى.
1846-يىلى ماركىس ئېنگېلس بىلەن بىرلىكتە بىريۇسېلدا كومۇنىستىك ئالاقە كومىتىتى بىلەن نېمىس ئىشچىلار جەمىيىتىنى قۇردى.
1847-يىلى كومۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىغا كىردى. 1847-يىلى 12-ئايدىن 1848-يىلى 1-ئايغىچە ئىتتىپاق ئىككىنچى قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىك خىزمىتىگە قاتناشتى ۋە قۇرۇلتاينىڭ ھاۋالىسى بۇيىچە ئېنگېلس بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقنىڭ پىروگراممىسىنى تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن «كومۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» دېگەن بۇ ئۇلۇغ كومۇنىزىملىق ئەسەر بارلىققا كەلدى. «خىتابنامە»دە پۇرۇلېتارىيات كۈرۈشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى يەكۈنلەندى، ئۆزلىرىنىڭ تەلىماتى ۋە پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلاۋى بىلەن پۇرۇلېتارىيات دىكتاتۇرىسى توغرىسىدىكى نەزىرىيە سېستىمىلىق، مۇكەممەل شەرھىلەندى. 1848-يىلى 2-ئايدا «ختابنامە» رەسمىي ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پۇرۇلېتارىيات ئىنقىلاۋى ھەركىتىدە «خىتابنامە» ھەركەت قىبلىنامىسى ۋە كۈرەش پىروگراممىسى بۇلۇپ قالدى.
1848-1849-يىللاردا بولغان ياۋرۇپا ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە، ماركس بىلەن ئېنگېلىس گېرمانىيىگە قايتىپ بېرىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن كۈرەشكە قاتناشتى. ئىنقىلاپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ 1849-يىلى 5-ئايدا پىرۇسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، پارىژغا باردى. كىيىن تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە لوندوندا ماكانلاشتى. ئۇ لوندونغا بارغاندىن كىيىن دەرھال كومۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرىنى ۋە مەركىزىي كومىتىتىنى قايتا قۇردى.
1867-يىلى ماركس «كاپىتال»نىڭ 1-تومىنى نەشىر قىلدۇردى (2-، 3-توملىرىنى ماركس ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئېنگىلىس رەتلەپ نەشىر قىلدۇردى؛ 4-تومىنى يەنى «قۇشۇمچە قىممەت نەزىرىيىسى»نى ئېنگېلس ۋاپات بولغاندىن كېيىن كائۇتسكى رەتلەپ نەشىر قىلدۇردى). بۇ ئۆلمەس گىگانت ئەسەردە ماركسىزىمچە ئىقتىسادىي نەزىرىيىنىڭ ئاساسىي ھۇلى – قوشۇمچە قىممەت نەزىرىيىسى بايان قىلىندى. كاپىتالىستىك جەمىيەتنىڭ ئىچكى زىدىيەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي ھەركەت قانۇنىيەتلىرى ئېچىپ بىرىلدى. كاپىتالىزىمنىڭ مۇقەررەر يۇقىلىدىغانلىقى ۋە كومىنىزىمنىڭ مۇقەررەر غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن سوتسىيالىزىم تەلىماتى مۇستەھكەم ئىلمىي ئاساسقا قۇيۇلدى.
ماركس ئىشچىلار ھەركىتىدىكى يېڭى دولقۇننىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 1864-يىلى 9-ئايدا لوندوندا خەلقئارا ئىشچىلار جەمىيىتى(يەنى 1-ئىنتېرناتسيۇنال)نى قۇردى ۋە ئۈزى ئۇنىڭ رەھبىرى بولدى. 1-ئىنتېرناتسيۇنالنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پرۇدونچىلار، باكۇنىنچىلار، ئىشچىلار بىرلەشمىچىلىكى تەرەپدارلىرى ۋە لاسسالچىلارنىڭ ئىسلاھاتچىلىقى، تەسلىمچىلىكى، ھۆكۈمەتسىزلىكى، بۆلگىنچىلىكى ۋە 1-ئىنتېرناتسيۇنالغا قارشى سۈيقەستلىك ھەركەتلەرگە قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىپ، ماركسىزىمنىڭ خەلقئارا ئىشچىلار ھەركىتىدىكى يىتەكچى ئورنىدا تۇرىشىغا ئاساس سالدى.
1871-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى پارىژ ئىشچىلىرى قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تارىختا تۇنجى پۇرۇلېتارىيات ھاكىمىيىتى – پارىژ كومىنىسىنى قۇردى. ماركس پارىژ پۇرۇلتارىياتىنىڭ ئىنقىلابىي ئىجاتچانلىق روھىغا يۇقىرى باھا بەردى، ھەمدە ئۇنى قىزغىن مەدھىلىدى ۋە قوللىدى. «فرانسىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش» دېگەن كىتابنى ۋاختىدا يېزىپ چىقىپ، كومۇنىنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، «ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تەييار دۆلەت ماشىنىسىنى شۇ پېتى ئىگىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆز مەقسىدىگە يىتىش يولىدا پايدىلىنىشى مۈمكىن ئەمەس»، كونا دۆلەت ماشىنىسىنى ئىنقىلابىي ئىنقىلابىي زورلۇق يولى بىلەن پاچاقلاپ تاشلاپ ۋە بۇزۇپ تاشلاپ، پۇرۇلېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى يولغا قۇيىشى لازىم دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، «ئىنتېرناتسيۇنال قۇرۇلغانلىقىنىڭ يەتتە يىللىقىنى خاتىرلەيمىز» دېگەن ئەسىرىدە مۇنۇلارنى تەكىتلەپ كۆرسەتتى: «پۇرۇلتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ بىرىنچى شەرتى پۇرۇلېتارىيات ئارمىيىسىدۇر. ئىشچىلار سىنىپى ئۆزىنى ئازاد قىلىش ھوقۇقىنى جەڭ مەيدانىدىلا قولغا كەلتۈرىشى لازىم».
ماركس 70-يىللاردىن 80-يىللارنىڭ بېشىغىچە ئاساسىي زىھنىنى داۋاملىق ھالدا «كاپىتال» نىڭ 2-تومى ۋە 3-تومىنى يېزىشقا قاراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا كومىنىزىم ھەركىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى.
ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكى، چىكىدىن ئاشقان نامراتلىق ۋە ئىنتايىن ئېغىر نەزىرىيىۋى ۋە ئەمىلىي خىزمەت ماركسنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. 1883-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كىيىن ماركس ئۆزىنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغان پېتى دۇنيادىن ۋىدالاشتى.
ئېنگېلس مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن ئىدى: «ماركس ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تاپتى»، «ھازىرقى زامان كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسۈلىنىڭ ۋە شۇنىڭدىن ھاسىل بولغان بۇرژۇئا جەمىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ھەركەت قانۇنىيىتىنىمۇ تاپتى»؛ ماركس «پەن جەھەتتىكى گىگانت»، لېكىن ئۇ «ئالدى بىلەن بىر ئىنقىلاپچى. كاپىتالىستىك جەمىيەتنى ۋە شۇ جەمىيەت ئاساسىدىكى دۆلەت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىشىغا مەلۇم يول بىلەن قاتناشتى ۋە ئۇنىڭ يارىدىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ئورنىنى ۋە تەلىپىنى، ئۆز ئازادلىقىنىڭ شەرتىنى چۈشەنگەن ھازىرقى زامان پۇرۇلېتارىياتىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا قاتناشتى، -بۇ ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەزىپىسى ئىدى».

(«مەنزىل بىلوگى»دىكى «ماركسنىڭ تەرجىمىھالى» دىگەن ماقالىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.)

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:05:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بولسۇن !

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:16:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
<<  قىزىل راۋاقتىكى چۈش  >> دىگەن ئەسەرنىڭ دۇنياۋى ئەسەر ئىكەنلىگىكە ھەيرانمەن .

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 19:50:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت..."قىزىل راۋاقتىكى چۈش'' مۇ ياخشى ئەسەر جۇمۇ،تەرجىمىسى بەك ئېسىل...

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى 10:46:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئەپەندىم .
ئەگەر ۋاقتىڭىز يەتسە "ئىنسانلار جەمىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئۇرۇش" نىمۇ كىرگۈزۈپ قويسىڭىز بولۇپتىكەن ،بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى 10:51:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(9) «ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى يۈز مەشھۇر ئايال»
---------------------------------------------------
ئىنسانلار جەمئىيىتىدە يۈز مەشھۇر ئايال بار دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. پۇرسەت بولسا مۇشۇ كىتاب بىلەن بىر يۈز كۆرۈشسەم بولغىدەك.
كەتمەنباينىڭ ئەجرىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئارىمىزدىن بىرىمۇ يوقمۇ نىمە ؟!

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى 15:05:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە دەپ بەرسە "قىزىل قىيا" نىمۇ كىرگۈزۈۋالىدۇ بۇلار...

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
839

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى 16:06:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون تۆت پارچىسىنى ئوقۇپتىمەن بۇ كىتابلارنىڭ.

ۋاي پۇتۇم!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:01 , Processed in 0.056016 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش