(2) «ئىنجىل» -ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ئىلاھىي كىتاب.
«ئىنجىل» دېگەن سۆزگە چۈشەنچە
«ئىنجىل»- ئېيسا ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھتىن نازىل بولغان كىتابنىڭ ئىسمى.
اﷲ دىن نازىل بولغان ئەسلى نۇسخىسى ھازىر كىشىلەر قولىدا مەۋجۇت ئەمەس.
بەلكى خرىستىئانلاردا ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن خېلىلا كېيىنكى دەۋرلەردە باشقىلار تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان نۇرغۇن «ئىنجىل»لار بار بولۇپ، بۇلاردىن تۆۋەندىكى تۆت «ئىنجىل» مەشھۇردۇر:
«ئىنجىل مەتتا»، «ئىنجىل مورقۇس»، «ئىنجىل لوقا»، «ئىنجىل يۇھەننا».
ھازىر يۇقىرىقى تۆت «ئىنجىل» بىلەن بىللە جەمئىي 27 ئىنجىيل «يېڭى ئەھدە» دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇلاردىن بىرىمۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان «ئىنجىل» ئىكەنلىكى ئىلمىي يول بىلەن سابىت بولمىغان.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(مەنبە:
http://www.hakiket.com/quran-hadis/quxanqa/2010-07-23/277.html)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئىسا ئەلەيھىسالام ھەققىدە
ئىسا ئەلەيھىسالام ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئوغلى بۇلۇپ، بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ئىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقىبى «مەسىھ»دۇر. «مەسىھ»- ئىبرانچە سۆز بۇلۇپ، «مۇبارەك» مەنىسىدە. ئىسا ئەلەيھىسسالام «ئىنجىل»دا «يەسۇ» دىيىلىدۇ.
ئىسا ئەلەيھىسالام «قۇرئان كەرىم»دە 25 جايدا «ئىسا» سۆزى بىلەن،11 جايدا «مەسىھ» سۆزى بىلەن 23 جايدا «ئىبنى مەريەم» سۆزى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ.
ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى بولۇپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ھەزرىتى مەريەمگە ئىلقا قىلىنغان روھتۇر.
ئىسا ئەلەيھىسسالام قەيسەر ئوغۇستۇسنىڭ زامانىدا ،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشىدىن 600 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن، 24-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى دۇنياغا كەلگەن.
ئىسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپ سەككىز كۈنلۈك بولغان چاغدا ئانىسى مەريەم ئىبادەتخانىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇرغان، خەتنە قىلدۇرۇش پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى بولۇپ، بىراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىدە يولغا قويۇلۇپ كەلگەن.
ئىسا ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ناسىرە شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن، ئاللا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا «تەۋرات»، «ئىنجىل» ۋە «ھېكمەت»نى بىلدۈرگەن. ئىسا ئەلەيھىسسالام كىچىك ۋاقتىدىلا يەھۇدى ئۆلىمالىرىنىڭ ئىلمىي سۇرۇنلىرىغا باراتتى، ئۇلار بىلەن مۇنازىرلىشەتتى، مۇنازىرىدە غالىپ كېلەتتى.
ھەزرىتى مەريەم ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈمەكچى بولغان زالىم ھېردوستىن قورقۇپ، يېقىنى يۇسۇف نەجار بىلەن بىللە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى مىسىرغا ئېلىپ بارغان، ھىردوس ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن.
«قۇرئان كەرىم»دە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قانچە يېشىدا پەيغەمبەر بولغانلىقى تىلغا ئېىلىنمىغان، لېكىن «ئىنجىل» نۇسخىلىرىنىڭ ئىباراتلىرىدىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ 30 يېشىدا پەيغەمبەر بولغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ...
تارىخچىلار ۋە مۇپەسسىرلەر «ئىنجىل»نىڭ بۇ توغرىدىكى بايانىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، تەۋھىد ئۆلىمالىرىنىڭ ئىيتىشىچە، كۆپىنچە پەيغەمبەرلەر 40 يېشىدا پەيغەمبەر بولىدۇ، ئەمما ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ 30 يېشىدا پەيغەمبەر بولۇشى ئالاھىدە ئەھۋال. چۈنكى ئۇ 40 ياشقا يەتمەي تۇرۇپ ئاللاھ تەرىپىدىن ئاسمانغا ئېىلىپ چىقىپ كېتىلگەن.
ئاللاھتائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ كىشىلەرنى ئاللانىڭ توغرا دىنىغا دەۋەت قىلىشقا باشلىدى. ئاللاتائالا كىشىلەرنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە قايىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى مۇيەسسەر قىلىپ بەردى. ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، كورلارنى كۈرۈدىغان قىلىش، كىسەللەرنى ساقايتىش ئەنە شۇ مۆجىزىلەردىن ئىدى.
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى يەھۇدىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدىلارنىڭ دىنىي باشلىقلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنىڭ ئاساسسىز سۆزلىرىگە كۈچلۈك دەللىلەر بىلەن رەددىيە بېرەتتى، ئۇلارنى توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندەيتى، ئۇلارنىڭ يولىنىڭ بۇزۇقلۇقىنى بايان قىلاتتى. يەھۇدىلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۆلىمالىرى مەسلىھەتلىشىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن قۇتۇلۇش قارارىغا كەلدى، ئۇلار ئەينى زاماندا پادىشاھ قەيسەر تەرىپىدىن يەھۇدىلارغا قويۇلغان ھاكىم بىلاتىنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتتى، يەھۇدىلارنىڭ ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىنغانلارنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈشتەك ئەينى ۋاقىتلاردىكى قائىدىسى بويىچە ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئېسىپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى، ئىسا ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ يۇشۇرۇنىۋالدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەۋارىيۇنلاردىن بولغان يەھۇزا ئىسىملىك بىر شاگىرتى خائىنلىق قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇشۇرۇنغان جايىنى ھاكىمنىڭ ئادەملىرىگە ئېيتىپ قويدى. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالام بار جايغا كىرگەن چاغدا، ئاللاتائالا يەھۇزانىڭ شەكلىنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىگە كىرگۈزدى- دە، ئۇلار يەھۇزانى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ ئېسىپ ئۆلتۈردى، ئاللاھتائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاسمانغا ئېىلىپ چىقىپ كەتتى.
بۇ چاغدا ئىسا ئەلەيھىسسالام 33 ياشتا ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ بەنى ئىسرائىلنى دىنغا دەۋەت قىلغان مۇددىتى 3 يىل بولدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شاگىرتلىرى بار بۇلۇپ، ئۇلار «ھەۋارىيۇن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ساھابىلىرى»گە ئوخشايدۇ، ھەۋارىيۇنلارنىڭ سانى 12 ئىدى.
ئاللاتائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا «ئىنجىل»نى نازىل قىلغان. «ئىنجىل» دىگەن سۆز ئىبرانىچە سۆز بۇلۇپ، «بىشارەت» مەنىسىدە. كۆپچىلىك ئىسلام ئۆلىمالىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ۋە سەھىھ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى قىيامەت بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشۈپ، دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ.
مەككە مۇكەررەمە شەرىئەت ۋە ئىسلام تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ پراففىسسورى، «سەھۋەتۇتتەپاسىر»نىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەد ئېلى سابۇنى ئۆزىنىڭ «ئەننۇبۇۋەتۇۋەلەنبىيا» دىگەن ئەسىرىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى تېخى تۈگۈگىنى يوق. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشىدۇ، ئۇ ھازىر ئاسماندا ھايات، ئاللاتائالا ئۇنى ھايات ھالدا ئاسمانغا ئۆز دەرگاھىغا ئېىلىپ چىقىپ كەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئەھۋالنى مۇشۇ يۇسۇندا يەتكۈزگەن . بىز ‹قۇرئان›نىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ۋە راستچىل رەسۇلۇللانىڭ ھەدىسىگە ئىشىنىمىز، رەسۇلۇللاھ: ‹سىلەرگە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا چۈشۈپ، ئادىل ھۆكۈمران بۇلۇپ، سەلبىنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ› دىگەن» دەيدۇ.
(«قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. ئىزاھ قىسمى.629-630-بەتلەر)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: «Wapedia»
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
«ئىنجىل» بابلىرى(27 ئىنجىيل):
(1) مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر
(2) ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر
(3) لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر
(4) يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر
(5) ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى
(6) رىملىقلارغا يېزىلغان خەت
(7) كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت
(8) كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت
(9) گالاتىيلىقلارغا يېزىلغان خەت
(10) ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت
(11) فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت
(12) كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت
(13) سالونىكىلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت
(14) سالونىكىلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت
(15) تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت
(16) تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت
(17) تىتۇسغا يېزىلغان خەت
(18) فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت
(19) ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت
(20) ياقۇپ يازغان خەت
(21) پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت
(22) پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت
(23) يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت
(24) يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت
(25) يۇھاننا يازغان ئۈچىنچى خەت
(26) يەھۇدا يازغان خەت
(27) ۋەھىيلەر
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: «Wapedia»
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭