يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 774 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 954|ئىنكاس: 6

قولىڭىزدىكىنى قەدىرلەڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:09:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر يىلى نيو-يورك پاي چېكى بازىرىدا پاي قاتتىق چۈشۈپ كەتتى.ئامرېكىدىكى بىر چوڭ شىركەت زەربىگە ئۇچراپ ۋەيران بولدى.شىركەت خوجايىنى چۈشكۈنلەشكەن ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى .بۇنى كۆرگەن ئايالى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىدى.

      ـ  تۈگىدى ،ھەممىسى تۈگىدى ،سوت مەھكىمىسى شىركىتىمىزنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى ،ئەتە سوتتىكىلەر كېلىپ ئۆيدىكى بارلىق مال مۈلۈكنى پېچەتلىمەكچى ،ـدېدى خوجايىن كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولغان ھالدا.

      ـ  سىزنىمۇ پېچەتلەمدىكەن؟ ـ  سورىدى ئايالى كۈلۈپ تۇرۇپ.

      ـ ئۇ ئايالىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمەي ئۇنىڭغا قارىدى.

      ـ ئۇنداقتا ، مېنىچۇ؟ مېنىمۇ پېچەتلەمدىكەن؟ بالىلارنىچۇ؟

      ـ سىلەر بۇ ئىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز!

      ـ ئېسىڭىزدە بولسۇن ،سىز تېخى بارلىق نەرسىلىرىڭىزدىن  ئايرىلىپ قالمىدىڭىز، سىزنىڭ يەنە سىزنى قوللايدىغان ئايالىڭىز ۋە ناھايىتى ئۈمىدۋار ، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراۋاتقان بالىلىرىڭىز بار. سىزنىڭ يەنە مول خىزمەت تەجرىبىڭىز بار ،سىزدە يەنە ساغلام تەن ،ئۆتكۈر كاللا بار.مانا بۇلار سىزنىڭ بايلىقلىرىڭىز . ھازىر قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان مال- مۈلكىڭىزنى پەقەت بىر قېتىملىق ھەقسىز ئىشلەش دەپ بىلىڭ،كېيىن يەنە ئورنىنى تولدۇرىۋالسىڭىز بولىدىغۇ؟!

      ئۇ ئايالىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ،قايتا روھلىنىپ كەتتى،ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ شىركىتى قايتا قەد كۆتۈرۈپ ، دۇنيادىكى بەش چوڭ شىركەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

       ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ، تەمكىنلىك بىلەن ئۆزىڭىزنى ئىنچىكە كۈزىتىڭ. ھەرگىزمۇ يوق نەرسىنى ياكى قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنى ئويلاپ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،شۇندىلا  ئۆزىڭىزنىڭ ناھايىتى بەختلىك ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز.....

مەنبە:«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» دىن

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
835

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 10:42:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ھازىر قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان مال- مۈلكىڭىزنى پەقەت بىر قېتىملىق ھەقسىز ئىشلەش دەپ بىلىڭ" مونۇ سۆز بەك ئورۇنلۇق ئېيتىلىپتۇ جۇمۇ. يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. تېما ئىگىسىگە رەھمەت. راستىنلا تەسىر قىلدى.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 10:53:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئايالنىڭ سۆزلىرى بەكلا تەسىرلىكقۇ. ھەقىقەتەنمۇ قولدىكى بەخىتنى قەدىرلەشنى بىلىش كېرەك. مال-دۇنيا قولدىن كەتكىنى بىلەن مېھىر-مۇھەببەت قولدىن كەتكىنى يوق. بۇ تېما شۇنداق يېقىشلىق تېمىكەن. رەھمەت خەندان خانقىز، داۋاملىق كۆرۈپ تۇرغايمىز!

Rank: 2

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
1
يازما
16
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:04:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام خەندانىم خانتەڭرىدىكى گۈزەل مىنۇتلارنى سېغىنىپ ئارقىڭىزدىنلا بۇ يەرگە كىرۋالدىم ھى ھى ھى ~
ئېسىل تىمىلىرىڭىزنى كۆرگىنىمدىن خۇرسەنمەن، بولسا دىدار، مۇختەرباي،ئاق بوزئات ......... قاتارلىق دوستلارنى يىغالىغان بولساق بەك ياخشى بولاتتى!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 08:32:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر كىشى كەسىپتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئايال بولغۇچى كەمتەرلىك بىلەن ئەرگە مەدەت بېرىش زۈرۈر ئىكەن. بەكلا پايدىلىق بىلىمدىن بىرنى بىلىۋالدىم.
خەنداننىڭ ئەھمىيەتلىك تېمىسىغا تەشەككۈر.
--------------------------------------------------------------
سالام خەندانىم خانتەڭرىدىكى گۈزەل مىنۇتلارنى سېغىنىپ ئارقىڭىزدىنلا بۇ يەرگە كىرۋالدىم ھى ھى ھى ~
ئېسىل تىمىلىرىڭىزنى كۆرگىنىمدىن خۇرسەنمەن، بولسا دىدار، مۇختەرباي،ئاق بوزئات ......... قاتارلىق دوستلارنى يىغالىغان بولساق بەك ياخشى بولاتتى!
-----------------------------------------------------------------------
نالەن خانقىزنىڭ يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنى ئۆزىنىڭ مۇنبىرى كۆرۈپ دائىملىق مېھمىنى بولغانلىقىدىن خۇرسەنمىز.
مۇختەرباينى تور ئېچىلغاندىن بۇيان بىرەر مۇنبەردە كۆرۈپ باقماپتىمەن، بولمىسا كونا مۇنبەرداشلاردىن ئىدۇق. مەن تۇنجى قەدەم باسقان مۇنبەردە نادىر تېما،ئىنكاسلىرى بار ئىدى. پۇرسەت بولسا ئۇنىمۇ مۇنبەرگە تەكلىپ قىلايلى.
قالغان دوستلارنى تۇنۇمايدىكەنمەن، ئۇلارمۇ مۇنبەرگە قەدەم تەشرىپ قىلسا، قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:05:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام نالەن قېرىندىشىم،سىز بىلەن يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدە يەنە كۆرۈشكىنىمدىن خۇرسەنمەن!
قايسى مەھەللە، قايسى تويلاردا ئويناپ يۈرۈيدىكىن تاڭ ئۇ مۇختەر باي...قۇلۇقى قىزىسا كىرىپ قالار ئەمدى بولسىمۇ...

[ خەندان بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:39  دە تەھرىرلىگەن. ]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:25:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇختەر باي، دىدارلارنى تېخى قايسى كۈنىلا ئۇچراتقانىدىم ، بىلسەم تەكلىپ قىلىپ قوياركەنمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:40 , Processed in 0.048803 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش