يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 426|ئىنكاس: 4

غەزەللەر (ي.ئىبراھىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 12:21:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

غەزەللەر

ياسىنجان ئىبراھىم

  1
چۈشۈمدىن چىقمىدىڭ ئەسلەپ سېنى قەدرىڭ ئۆتۈلگەندە،
نىمە دەي ئازدۇرۇپ تەقدىر ئېغىر قىسمەت  پۈتۈلگەندە.

    كۆزۈمنى نەم قىلىپ ئاچسام چۈشۈمدىن قايغۇنى يۈكلەپ،
    پىغانىمنى تۆكەر  بۇلبۇل  بېغىمدا  تاڭ  سۈزۈلگەندە.

ئۆتەر بولغاندا نەشتەرلەپ شىۋىرغان ھۇشقىتىپ ياندىن،
باھارنىڭ قەدرىنى بىلدىم چىچەك،ياپراق  تۆكۈلگەندە.

تۇغۇلسام  قايتىلاپ دەيمەن ئۆمۈرلۈك بىر پۇشايماندىن،
بەخىتنى ئاختۇرۇپ شىرىن خىياللارغا   سۆيۈلگەندە.

نىتەي يانمايدۇ ئاتقان ئوق ئۆكۈنمەك دىل ئازارىدۇر،
پۇرامدۇ خۇش ھىدى ئەمدى بېغىمدىن گۈل ئۈزۈلگەندە.

سەھەردە ئۇيقۇلۇق بۇلبۇل قۇساركەن قان ۋىسال تاپماي،
شۇ بۇلبۇل زارى كەلگەيمۇ ياشاپ قەددىم پۈكۈلگەندە.

كۆڭۈل مۇز ئېرىمەس بەلكىم ئازارى- بىۋاپالىقتىن،
كېلىپ بىر يوقلىساڭ روھىم كۈلەر گۆرگە كۆمۈلگەندە.
                            2
خەۋەر بەرگەندۇ كەچكۈز  ياپرىقى سولغۇن گىيارىڭدىن،
ئەجەپ تەسكەيدە قالدۇردۇڭ قىلىپ مەھرۇم زىيارىڭدىن.

شىپالىق خۇش ھىدىڭغا ھەم بېخىللىق قىلدى سەلكىنمۇ،
ئەجەپ تەس بولدى گۈل ئۈزمەك پەسىلدەك ئىختىيارىڭدىن.

قىياندەك دىل ئازارىڭدا يۈرەك لەيلەيدۇ مىڭ لەختە،
قارايسەن شۇنچە پەرۋاسىز تۆكۈپ مۆلدۈر چىرايىڭدىن.

چۈشۈمدە سۆيگىنىڭ ئىللىق باھارى يوققۇ كۆز ئاچسام،
بۇ ھالدا كەچمىكىم مۈمكىنمىدۇ شىرىن خىيالىڭدىن،

مېنى بىر ئەسلە خانەڭدە كۆرۈپ پەرۋانە مەجنۇننى،
كۆيۈكنىڭ دەردىنى سالدىڭ يىراق قىلما چىراقىڭدىن.

سېنى دەپ شۇنچە سەۋدالىق ئازابى مۇپتىلا  جانغا،
سەدىقەڭ بولسا سۆيگۈڭ جان نىساردۇر ئول بىدارىڭدىن...
                           3
ئىگەم رىسقىنى كەم قىلسا ئېشىمدىن ئىزدىگەنلەر كۆپ،
ئۇچۇپ كەتكەن ھۇماسىنى بېشىمدىن ئىزدىگەنلەر كۆپ.

قۇرۇتلۇق كۆل كەبى روھتىن ھەسەت كۈلسە گۇمان كۈلسە،
يوقاتقان كۈلكىسىنى كۆز يېشىمدىن ئىزدىگەنلەر كۆپ.

يېرىلسا باشلىرى ئالجىپ ئورۇنسىز قىلمىشى بىرلە،
ئۆچىنى يولدا قالغان بىر تېشىمدىن ئىزدىگەنلەر كۆپ.

يېلىڭ تاشلاپ زىمىستانغا جۇگامدا ئۆزلىرى تەرلەپ،
گېزى كەلسە ھارارەتنى مېشىمدىن ئىزدىگەنلەر كۆپ.

ئۆلەيمەن قان يۇتۇپ مەيلى ھامان ئادەمچە خىسلەتنى_
نە ئارمان بولسىلا قەبرە تېشىمدىن ئىزدىگەنلەر كۆپ...
                               4
ئەجەپ ھال تۈندە ئالەمگە خىياللار چاچقىنىڭ پۇل دەپ،
سەھەر بىر چۈشنى تەكرارلاپ كۆزۈڭنى ئاچقىنىڭ پۇل دەپ.

سېلىپ قويغانمىدۇ شۇنداق سېنى ۋەسۋەسكە بىر شەيتان،
زىمىننى تىترىتىپ ھەتتا خۇداغا قاخشىدىڭ پۇل دەپ.

سېھىرلەنگەن كەبى بارچە ئەقىدەڭ پۇلغا باغلاندى،
كېچە مۈگدەركى،ئۇيقۇڭنى تەرىكلەپ ياتمىدىڭ پۇل دەپ.

سېزەلمەي دەسسىشىڭ تەتۈر تىكەنمۇ،چوغمۇ،پاتقاقمۇ...
سۈرۈپ يىلتىزنى گاھ سەزمەي قوقاستا شاخلىدىڭ پۇل دەپ.

نىمە ئۇ مېھرى-شەپقەتلەر تىقىپ كاچكۇلغا توڭلاتتىڭ،
مېشىڭگە كەلسە توڭغانلار ئاڭا ئوت ياقمىدىڭ پۇل دەپ.

چىرىتتى ئاش قىلىپ قۇمدەك قۇرۇتلار بەلكى ۋىجداننى،
دىبان ئاھۇنى يىرتقۇچ، چىل بۆرىنى ماختىدىڭ پۇل دەپ.

ئۆتۈنسە لوقمىنى تۈلكە تۆكۈلسە مىكرىدىن كۈلكە،
پېيىڭدىن قىسقىچە قاپقان ئۇنى دوست چاغلىدىڭ پۇل دەپ.

يولىدا پۇل تېپىش رىسقىڭ بالا نەپسىڭگە ھاي بەرگىن،
ھامان ئالدىڭدا بار ئاچچىق ساۋاققا قالمىشىڭ پۇل دەپ.
                            5
ئوۋلىبان كۆڭلۈم قۇشىن ھەردەم يېنىمدا يايرىدىڭ،
خۇشپۇراق گۈلزارلىقىم كەڭرى بېغىمدا يايرىدىڭ.

بىر يولى ئەيلەپ قامال سۆيگۈڭگە قەلبىم مۈلكىنى،
بۇلبۇلۇڭمەن دەپ قونۇپ سۇنغان شېخىمدا يايرىدىڭ.

دىل بېغىمنىڭ كۆركى-تاجى بىر گۈلى رەيھان دىسەم،
شاخلىدىڭ ئازغان بولۇپ تەرىم-قېنىمدا  يايرىدىڭ.

يىلتىزىڭنى شاخلىتىپ كەلدىڭ يۈرەككە بەك تىرەن،
تولغىنىپ چەكسەم ئازاپ ئاققان يېشىمدا يايرىدىڭ.

ئالدىراپ قەلبىمنى تۇتقۇزدۇم ساڭا ئاھ نە ئۈچۈن،
مىڭ پۇشايمان دەرت بىلەن قاتقان بېشىمدا يايرىدىڭ.

     مەنبە :  ئۆزۈم


Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:19:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نەچچە قىتىم ئوقىغان بولساممۇ،تازا چۈشۈنەلمىدىم.....
بىراق مەنچە غەزەل يىزىشقا نۇرغۇن بىلىم كىرەك.....

قايىلمەن سىزگە......
تىخىمۇ تىرىشىپ كۆپلەپ بىلىم بىلەن تەمىنلىگەيسىز......

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:23:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
< ئالدىراپ قەلبىمنى تۇتقۇزدۇم ساڭا نە ئۈچۈن،
مىڭ پۇشايمان دەرت بىلەن قاتقان بىشىمدا يايرىدىڭ>
بۇ مىسرالار ماڭا بەكمۇ ياقتى.............
ئالدراپ كۆڭۈل بەرسە ھەقىقەتەن بولمايدۇ.....
بۇنۇڭدىن كىيىن دىققەت قىلىڭ ھە-.........

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:32:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tabassum333 بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:23 دە يوللىغان
< ئالدىراپ قەلبىمنى تۇتقۇزدۇم ساڭا نە ئۈچۈن،
مىڭ پۇشايمان دەرت بىلەن قاتقان بىشىمدا يايرىدىڭ>
بۇ مىسرالار ماڭ ...



نەسىھىتىڭىزنى ئاڭلاي ھەر بىر ئادەم تۇرمۇش يولىدىكى ھەر بىر قەدەمنى ئېھتىيات بىلەن باسمىسا،ئويلىمىغان يەردىن ئاچچىق پۇشايمان ئازابىغا دۇچار بولىدىكەن...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 13:13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزىلىڭىزنى تولۇق ئوقۇدۇم، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز. نادىر شېئىرلىرىڭىزنى يېزىشنى توختىتىپ قويماڭ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 13:41 , Processed in 0.043083 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش