ئاياللارنىڭ تېرىسىنى ئاسراشتىكى خاتا قاراشلار60%شەھەر ئاياللىرىنىڭ تېرىسى سەزگۈر تىپقا كىرىدۇ ، بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرى يۈز تېرىسى قۇرغاقلىشىپ تىرە تاشلايدۇ ، قىچىشىدۇ ، يېرىلىدۇ .پەسىل ئالماشقاندا سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ ، يۈزىگە قىزىللىق تەپچىيدۇ ياكى قىزىل قان تومۇرلىرى قېنىقلىشىپ كېتىدۇ .بۇنداق چاغدا بەزى ئاياللار خاتا چارە قوللۇنۇپ ، مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغېرلاشتۇرىۋىتىدۇ .
[كۈز ، قىش پەسىللىرىدە ئاپتاپتىن ساقلانماسلىق
نۇرغۇنلىغان ئادەملەر « پەقەت يازدىلا ئاپتاپنىڭ كۆيدۈرىشىدىن ساقلانسا بولىدۇ ، چۈنكى كۈز ، قىش پەسىللىرىدە ئىنفىرا بىنەپشە نۇرى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس » دەپ قارايدۇ . ئەمىلىيەتتە بۇ خاتا قاراش .ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرىۋاتقان سەزگۈر تېرە قىسقا ۋاقىتتىكى كۈن نۇرىدا قاقلىنىشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي ، ئىنچىكە قىلدام تومۇرلار كېڭېيىپ يېرىلىپ كېتىدۇ .
ئىلمان سۇدا يۈز يۇيۇش
سەزگۈر ياكى نىپىز تېرىلەر ھەددىدىن ئىسسىق تېمپىراتۇرىنىڭ ئىنچىكە قىلدام قان تومۇرلارغا قان تولدۇرۇپ قويىشىدىن قورقىدۇ ، شۇڭا يۈز تېرىسى سەزگۈر ئاياللار قىش يازنىڭ ھەممىسىدە سوغۇق سۇ بىلەن ، ھېچ بولمىغاندا نورمال تېمپىراتۇرلۇق سۇدا يۈزىنى يۇغان ياخشى .
تېرىنىڭ مۇڭگۈز قەۋىتىنى چىقىرىۋىتىش
ھاۋا قۇرغاق كۈنلەردە ئەگەر سىزنىڭ يۈز تېرىڭىز قۇرغاقلىشىپ تېرە تاشلىسا ، ھەرگىزمۇ يىرىك ماددىلىق مۇڭگۈز قەۋىتىنى تازىلاش ئۇسۇلى بىلەن يۈز تېرىڭىزنىڭ ئۆلۈك تېرىسىنى تازىلىماي ، ئەڭ ياخشىسى تېزدىن يۈزىڭىزگە سۇ تولۇقلاپ بېرىڭ .
ھەر خىل ماركىدىكى تېرە ئاسراش مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىش
سەزگۈر تېرىلەر ياكى قىزىل قىلدام قان تومۇرلىرى ئېنىق بولغان يۈز تېرىلىرىگە ئامال بار سىرىتنىڭ غىدىقلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك .ھەر خىل ماركىدىكى تېرە ئاسراش مەھسۇلاتى ياكى تەركىۋى بەك مۇرەككەپ بولغان مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندە ، تېرىنىڭ سېزىمچانلىغىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋىتىدۇ .شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بىرلا ماركىدىكى تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ، تېرە ئاسراش تەرتىۋىنى ئامالنىڭ بارىچە ئازايتىش كېرەك .
رېئاكسىيە قىلىشتىن ئەنسىرەپ ھېچنىمە ئىشلەتمەسلىك
ئاياللارنىڭ ئىشلەتكەن مەھسۇلاتىنىڭ يۈز تېرىسىگە رېئاكسىيە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ھېچقانداق نەرسە سۇرتمەسلىگى تېرىگە نىسبەتەن تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ .ھېچ بولمىغاندا كۈندە ئەتتىگەن كەچتە يۈز تېرىڭىزگە كۆپ مىقداردا سۇ تولۇقلىشىڭىز كېرەك .
يۇيۇنغاندا تېرىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ
يۈز تېرىسى ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرغانلار ، بولۇپمۇ يۈز تېرىسى نىپىزلەر يۇيۇنۇش ۋاقتىنى ئازايتىش كېرەك . بولمىسا ۋاقىت ئۇزارغانسىرى سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى يۇقۇرلاپ ، تېرىدىكى تەبىئى ماي قەۋىتىنىڭ تەبىئى قوغداش ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ ، شۇڭا ھەر قېتىم 10 مىنۇت ئەتراپىدا يۇيۇنسىلا كۇپايە .
پەردەزخانىغا كۆپ بېرىش
بەزى پەردەزخانىنىڭ بىر قېتىملىق نامۇۋاپىق تېرە ئاسرىشى سىزنى گۈزەل قىلالمايلا قالماستىن ، بەلكى تېرىڭىزنىڭ ئەسلى ھالىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىۋىتىدۇ . ئەگەر بارغان تەقدىردىمۇ ، پەردازخانىنىڭ سىزنىڭ يۈزىڭىزگە ئىشلىتىدىغان پەرداز بويۇمىنىڭ سىزنىڭ تېرىڭىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان -كەلمەيدىغانلىغىنى تەكشۈرۈشنى ئۇنۇتماڭ .شۇنداقلا تېرە ئاقارتىشقا ، يۈز ھورداشقا ، يىرىك ماددىلىق مۇڭگۈز قەۋىتىنى تازىلاش مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىشكە ۋە ئۇزۇن ۋاقىت يۈز تېرىسىنى ئۇۋىلاشقا قارشى تۇرۇڭ .
يۈز تېرىسىدە داغ بولسا ئۇزۇن يىل داغ سۇسلاشتۇرۇش مەھسۇلاتى ئىشلىتىش
داغنى سۇسلاشتۇرىدىغان مەھسۇلاتلاردا ئادەتتە مۇڭگۈز قەۋىتىنى تازىلايدىغان تەركىپ بولىدۇ .ئۇزۇن يىل ، ھەتتا يىل بويى بۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكەندە ، ئوڭايلا قىزىل قىلدام قان تومۇرى پەيدا بولۇپ قالىدۇ .مەيلى ئاقارتىش مەھسۇلاتى ياكى داغ سۇسلاشتۇرۇش مەھسۇلاتى بولسۇن ، باسقۇچلۇق ئىشلىتىش كېرەك ، ھەرگىزمۇ ئۇزۇم مۇددەت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .
تېرە ئاسراش مەھسۇلاتى ئىشلەتكەندە يۈزگە يىنىك شاپىلاقلىغاندا تېرىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلەتكىىلى بولىدۇ دەپ قاراش
سەزگۈرلۈك ئالامىتى كۆرۈلگەن ئىككىلەمچى ساغلاملىق ھالىتىدە تۇرغان تېرىلەر ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ ، شۇڭا ھەرگىزمۇ كۈچەپ يۇمىلاق چەمبىرەك شەكلىدە بېسىشقا ۋە يىنىك شاپىلاقداپ ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ، بۇنداق بولغاندا تېرە تېخىمۇ ئوڭايلا غىدىقلىنىپ كېتىدۇ . شۇڭا بۇنداق تېرىلەرنى يىنىك ئۇۋىلاپ بەرسە ياكى يىنىك بېسىپ بەرسىلا كۇپايە قىلدۇ .
مەنبە : «ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتى » دىن