يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 775 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 655|ئىنكاس: 4

باغچىدىكى تەنھا بوۋاي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 23:39:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تويدىن بۇرۇنقى مۇھەببەت بىلەن تويدىن كىيىنكى مۇھەببەت ئوتتۇرىرىسىدا كۆپ ھاللاردا مۇھىم پەرىق بولىدۇ.
ئۇلار ئىلگىرى قانچىلىك دەبدەبىلىك قەسەملەرنى بىرىشكەن، قانچىلىك ئىجىل- ئىناق ئۆتكەن،بىر-بىرىنى قانچىلىك سۆيۈشۈپ ئۆتكەن بولمىسۇن؛ ئۇلار ئىلگىرى ئورتاق تەقدىر ئۈچۈن قانچىلىك كۆرەش قىلغان بۇ يولدا قانچىلىك ئىسسىق-سوغۇقلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، قىز-يىگىت بىر كارۋاتقا چىقىپ ، بىر ياستۇققا باش قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۆزلىرىنىڭ كار ۋىتىنىڭ پەقەت كۆلدىكى بىر سال ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ.مۇھەببەت ئەسەببىلىكى ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن كۆل يۈزى تىنىچ، يىقىملىق ۋە ئادەتتىكىچە بولۇپ قالىدۇ .
شۇڭا ئەر-ئاياللار بىر-بىرىنى سۆيۈشسىمۇ، پات-پات يالغۇزلۇقنى خالاپ قالىدۇ. تىخى ئۇلار بىللە تۇرغان بەزى ۋاقىتلاردىمۇ، ئۆزىنى تەنھالىق ئىچىدە قالغاندەك ھىس قىلىدۇ. ئۇ ئادەم بىلەن قىلچە سىغىشالمايدىغان تەنھالىق.
مەن دائىم ئۆيىمىزگە يىقىن باغچىدا سەيلە قىلىمەن .باغچىدا بىر بوۋايغا دىققەت قىلىپ قالدىم.ئۇ ھەر كۈنى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا خىيالغا پىتىپ ئولتۇراتتى ،ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتىپ قويىدۇ،لىكىن باشقىلار بىلەن مۇڭدىشىشنى خالىمايدۇئۇ ھەر كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچلەر بىلەن كىلىپ، سائەت تۆتلەر بىلەن قايتىدۇ.بىز باش لىڭشىتىپ قويىدىغان دوسلاردىن بولۇپ قالغانىدۇق. بىر نەچچە ئايدىن كىيىن ئاخىرى قىزىقىشىمنى باسالماي،ئۇنىڭدىن سورىدىم:
- نىمە ئۈچۈن ھەر كۈنى مۇشۇنداق يالغۇز ئولتۇرىسىز؟
-يىگىت – دىدى بوۋاي كۈلۈمسىرەپ – توي قىلغىنىمغا 46 يىل، بەش ئاي، ئۈچ ھەپتە ، تۆت كۈن بولغان بىر ئەرنىڭ ئەڭ بولمىغاندا ھەر كۈنى بىرەر سائەت يالغۇز تۇرۇش ھوقوقى بولار؟ - ئۇ شۇ گەپتىن كىيىن سائىتىگە قارىدىۋە ماڭا بىشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ كىتىپ قالدى .
تۇرمۇشتىكى ئەڭ موھىم قائىدە مۇۋاپىق پەيىتتە يالغۇز تۇرۇشنى بىلىشتە. بۇ ئەقىل پاراسەتنىڭ ھەقىقىتى .
بەزىدە بىزنى ئازاپقا سالىدىغان ئادەم بىز يۆلىنىپ كىلىۋاتقان ئادەم بولۇپ قالىدۇ؛ يالغۇز تۇرۇش ئادەمگە ئاجايىپ بىر خىل تىنىچلىق ئىلىپ كىلىدۇ بۇ خىل تىنىچلىق تولىمۇ قىممەتلىكتۇر .


مەنبە : تەرمىلەر

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
846

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 07:58:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك توغرا گەپكەن، بەزىدە مەنمۇ يالغۇز چىقىپ ئايلىنىپ كېلىمەن. شۇندىلا كەيپىياتىم تېخىمۇ تەڭشىلىدۇ.
خەندانغا رەھمەتلەر بولغاي.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 2

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:11:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بەزىدە يالغۇز سىرتلارنى ئايلىنىپ، ئۆزۈم داۋاملىق بارىدىغان قەھۋەخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن ئىشلار ئۈستىدە ئويلنىمىمەن، زادى نىمىنى توغرا قىلدىم، نىمىنى خاتا قىلدىم دىگەندەك....

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:17:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ئادەم ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بىر ۋاقىتنى ئاجرىتىپ ئۆزى ئۈستىدىمۇ ئويلىشىپ قويۇش كېرەك!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 08:25:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇنلۇق گەپلەر ئىكەن. يالغۇز سۈكۈتتە ئولتۇرۇش ئادەمگە بىر خىل خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ نىمىنى خاتا نىمىنى توغرا قىلغانلىقىمىز توغرىسىدا ئويلىنىش توغرا كەلسە، توغرا قىلغانلىرىمىزدىن خاتا قىلغانلىرىمىز كۆپ چىقامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 11:49 , Processed in 0.056280 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش