يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 760|ئىنكاس: 12

راس ئىشلار خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:34:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ئىشلار خاتىرىسى
سىرلىق سۈرەت
   بۈگۈن بىزنىڭ پىلانىمىز تاققا چىقىش بولۇپ ،ئەتتىگەندىلا تەييەرلىقلارنى پۇختا قىلىپ تۈنۈگۈن كېلىشىپ قويغان ماشىنا بىلەن ، چوڭلاردىن بەش،  بالىلاردىن تۆت بولۇپ ، گۈزۈل ئىلى تاغلىرىدىن بولغان  <ماي تۆپە> دىگەن چوققىغا يۈرۈپ كەتتۇق ، يۇرتتىمىزنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلىرى باركەن جۇمۇ ، بۇ <ماي تۆپە>دىگەن يەر تاغنىىڭ ئەڭ يۇقۇرى چوققىسى بولۇپ ، ئۈستىگە چىققىچە پۇتۇن مەنزىرىنى كۆرۇپ ماڭىدىكەنسىز ، مەن بۇ مەنزىرىلەرنى تامماششە قىلىش بىلەن ئولتاسام ، بىزنى باشلاپ ماڭغان تاغام ئالدىمىزدا سىرلىق ئۈچ داۋان بارلىغىنى ، بۇ تاققا تۇنجى كەلگەن مىھمانلارنىڭ بىر رەسمىيەت ئۆتىمىسە ، ئات ، ئېشەك  ھەتتا ماشىنىمۇ  ماڭماي توختىۋالىدىغانلىغىنى ، شۇڭا قازاق چارۋۇچى قىرىنداشلىرىمىز ئات - ئۇلاقلاردىن چۈشۈپ ئاتنى يىتىلەپ ئېلىپ ماڭىدىغانلىغىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ رەسمىيەت بولسىمۇ  شۇ يەردىن يارگە چۈشۈپ ، ئەتراپتىن ئات بولامدۇ ، ئىشقىلىپ تېزەكتىن بىر تېپىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئېغىزىدا چىشلەپ ئوتۇشكەن  . بىزنى سۇر بېسىشقا باشلىدى  ، ماشىنىدىكى قايسىمىزنىڭ چۈشۈپ تېزەك چىشلىشىمىزنى ، قانداق ئۇسسۇلدا چىشلەشنى ئويلاپ ئولتۇراتتۇق ماشىنا شوپۇرى شەيتانلىق قىلىپ كۈلۈپ ئىشنى ئاشكارلاپ قويدى ، بولمىسا بەلكىم بىرسىمىز تېزەكنىمۇ چىشلەپ سالىمىزكەنتۇق .  گۈزەل مەنزىرىلەرنى داۋاملىشىۋاتماقتا ، يول بويى ياۋا ئۇرۇك ، قارا قات ، ۋاي-ۋاي شۇنداق قويۇق ئوسكەن بولۇپ ، قارىقاتنىڭ تىككىنى بارلىغىنى ئويلىمىغان بولسام قولۇمنى سۇزۇپ بىر سىقىم ئېلىۋالاتتىم ، مېۋىلىك دەرەخلەر ئاخىرلىشىپ ، يايلاقلار ، گومبەز-گومبەز دوڭلەردىكى مال توپىلىرى ، چارۋىچىلارنىڭ كېگىز ئۆيلىرى كۆرۇنۇشكە باشلىدى ، شۇنداق قىلىپ ئاخىرى مەنزىلىمىزگە يەتتۇق .
   تاغنىڭ ھاۋاسى قوساق ئاچۇرامدۇ ، سەمىرىپ كېتىمىز دەپ تاماقنى كونتۇرۇل قىلىۋاتقان ئادەم ماشىنىدىن چۇشۇپلا  قازاقلارنىڭ قىزىق بىر پىيەلە ئەتكەن چېيىنى سېغىندىم ، بارغان يىرىمىز يايلاقتىكى چارۋىچىلارنىڭ بازىرى ئىكەن ، كىچىك ئاشپۇزۇللار ، دوكانلار بار خېلى ئاۋات جايكەن ، بالىلارمۇ قوساق ئاشتى دەپ چۇقۇراشقا باشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئاشپۇزۇلغا كېرىپ بىر چىنە لەڭمەننى نېرى تۇر دىمەي كانايغا ئۇرىۋەتتۇق . تاغنىڭ سالقىن شامىلى ، كۆز يەتكۇسىز داۋانلار ، قارغايلىقنىڭ قويۇقلىغىدىن قارامتۇل كورۇنگەن جىرالار  ، سىزگە قانداق تۇيغۇ بېرە ؟ ؟ ؟  بىز نىشاننى مۇزدەكلىگىدىن سېزىمى ئۇدۇل سۇڭەككە بارىدىغان  بۇلاق سۇلىرى بار ، تاغ باغرىدىكى بىر جىراغا توغرىلىدۇق . چۈنكى ئۇ جايدا قارغاينىمۇ ، جىرانىمۇ ، بۇلاق سۇلىرىنىمۇ ، كۆرگىلى بولىدىكەن ، ھەم يولدا ماڭغىچە تاغنىڭ ياۋا مېۋىلىرىدىن ، تېرىپ يەپ ماڭىدىكەنمىز لېكىن تىك چوقىدىن پەسكە چۈشىمىزكەن ، يول سەل يىراق ھەم تىك خەتەرلىك .  ھەر بىر چوڭلارنىڭ قولىدا بىردىن بالا ، شۇ تاغاملا ئۇسساپ قالساق دەپ تاۋۇز ئېلىۋالغان شۇنى كۆتەردى ، ، تاغ باغرىنى بويلاپ پەسكە قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، يولنىڭ يىرىمىغا كەلگەندە بىر قارغاينىڭ يېنىغا يىغىلىپ ئولتۇرۇپ ھاردۇقىمىزنى چىقارماقچى بولۇپ تاۋۇزنى تىلىپ يەپ ئولتۇراتتۇق ، قىزىم  ئوت-چوپلەرنى پەرىقلەندۇرۇشنى بىلمىگەندىن كېيىن  ،<چاققاق> دىگەن چوپنى ئۈزۈپ ئوينايمەن دەپ قولى بىلەن بىراقلام تۇتىۋاپتۇ . قانداق قىلارمەن....  بۇ بالىنىڭ يىغىسى ،ئۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ چىدىماي قالدىم ، ھېلىمۇ يول يۈرۈپ تۇرىدىغان ئادەم دەپ سومكىلارغا چىش پاستىسى سەۋاپتىكەنمىز ، قوللىغا دەرھاللا شۇنى سۇركىۋالدىم ، قوللىرى بىردەمدە قىزىرىپ قاپىرىپ كەتتى .
- ئەمدى غۇلجىغا ئىككىنجى كەلمەيمەن.......- دەپ تۇرۇپ يىغلايدۇ تېخى  ، ھەممىمىز بەزلەپ يۈرۈپ يىغىسىنى توختىۋالدۇق ، تاغام ئەنسىرەپ  قىزىمنى كۆتۇرۋالدى . بىز يەنە پەسكە قاراپ ماڭدۇق. شۇنداق قىلىپ جىرانىڭ تېگىگە يېتىپ باردۇق . راس دىگەندەك بۇ يەر ئاجايىپ بىر گۈزەل جايكەن ، بۇ مەنزىرىلەر كىشىگە شۇنداق بىر ئارام بەخش تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدىكەن ، تەبىئەتنىڭ بۇ سېھىرلىرىدا تۇرمۇشتىكى پۇتۇن بېسىم ، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇيدىكەنسىز . قىزىمنىڭ ئەبىيەمقى يىغىلىرى يوق ئېقىۋاتقان سۇغا كېچىپ ھەدىلىرى بىلەن سۇ چېچىشىپ ئويناپلا كەتتى ، بىز ھاردۇغىمىزنى ئېلىپ ئولتاغاچ بۇلاق سۇيىنى ئىچىپ مەنزىرىنى كۆردۇق ، قولىمىزدا تىلفۇن بولغاندىكىن بۇ مەنزىرىلەرنى تېلفۇنغا چۇشۇرۇپ ساخلىۋالماقچى بولدۇق ، تاغام تارتىشقا باشلىدى بىر چاغدا :
- توۋااااا، قاراڭلار ئالدىمىزدىكى قارغاينىڭ ئاستىدا بىر ئايال بىلەن بىر بالىنىڭ سۇرىتى چۈشىۋاتىدۇ ، تىلفۇننى چۇشۇرۇپ قارىسام يوق، يەنە تىلفۇننى توغرىلىسام چىقىۋاتىدۇ ، كېلىپ قاراپ بېقىڭلار ، مانا يەنە توغرىلىسام يەنە چىقتى - دەيدۇ ،
  يولدا كەلگىچە <تېزەك ۋەقەسى>بولغاندىكىن ، بۇ بىر قىزىقچىلىق دەپ ئويلاپ بىرەسىمىز بىرىپ قاراپ باقماپتۇق ، كېيىن تاغام تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇدى  ، ئارقىدىنلا بولدى كېتەيلى ھاۋا ئۆزگىرىۋاتىدۇ يامغۇردا قالىمىز دەپ ھەمىمىزنى ئالدىغا سېلىپ ماڭدى ، كەلگىچە ئانچە قىيلانماي چۈشكەن يول ، بۇ چىققىشنىڭ تەسلىگى ئاخىرى چىدىماي مەن قولۇمغا بىر قارغاي تايىغىنى ئېلىپ ھاسا قىلىۋالدىم ، بىر جىراغا چۈشۈپ چىقىچە كۈن يىرىم ئولتۇرۇپ بوپتۇ .
  كېلىپ بىر تەخسە لەڭمەن يەۋەتكەن ئادەم  ، جىرادىن چىققىچە يەنە قوساق ئېچىپ كەتتى ، يەنە مەڭپەر سۇيقاشتىن بىر بۇيرۇتۇپ ئېشتۇق ، ئەسلىدە كىرا قىلىپ چىققان ماشىنىنى ، بىر كېچە قونىمىز دەپ پىلانلاپ ، ئەتىگەنلىككە بىزنى كېلىپ ئەكىتىشكە پۇتۇشۇپ يىزىمىزغا چۇشۇرۋەتكەنتۇق ، تاغام:
- بىز تاماقنى ئىچىپ بولغىچە ،  يامغۇر ياغسا بۇ چوققىغا ماشىنا چىقالمايدۇ ، نەچچە كۈن تۇرۇپ كېتىدىغىنىمىز بۈگۈنلا تاغدىن چۈشۈپ كېتەيلى  - دىدى  .
  تاغام بېزدىن بۇرۇن چىقىپ ماشىنا ئۇقۇشۇپ قويۇپتۇ ، قارىساق ھاۋانىڭ پەيلى يامان تۇراتتى بىزمۇ قوشۇلدۇق . ماشىنا كەلدى ، قانداق ماشىنىكەن دىمەمسىلەر ؟!  بىر كالا ئاغرىپ قاپتىكەن ، موزىيى بىلەن  شۇ كالىنى ئالغىلى چىققان ، ئارقىسىدا كوزۇپى بار بۇرۇنقى قارا ماشىنىكەن ، يەنە يىرىم يولدا تۆت قوي بار بېسىۋالىدىغان دەيدۇ .خۇدايىم سالامەت بېرىۋالساق نىمە بولسا بوپتۇ دىدىق .  
  تاغنىڭ ھاۋاسى ئۆزگىرىمەن دىسە بىردەمدە ئۆزگىرىدىكەن ، كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىغانتى ھاۋا سوۋۇپلا كەتتى ، بالىلاردىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى شوپۇرنىڭ يىنىغا ئورنلاشتۇردۇق ، بىز <چوڭ ئاپاش>لار بولغاندىكىن ھېلىقى قوي ، كالا ، مۇزايلار بىلەن كوزۇپنىڭ ئۇستىگە چىقتۇق ، ماشىنا قوزغالدى ، كەلگەندە كىچىك ماشىنىدا كېلىپ بىلىنمىگەنمۇ ، ماشىنا ئۇستىدە تۇرسا بەك بىلىنىكەن ، چاقىلىپ بىلەك ، قولىرىمىزنى ماشىنىنىڭ  گىرۋەكلىرىگە ئۇرۇپ كۆكەتىۋەتتۇق ،  يول يىرىمىغا كەلگەندە ، ئاسمان پاقەتلا ئۆزىنى تۇتالماي ھېلىقى مۇبارەك يامغۇرىنى قۇيىۋەتتى ، ئالا شەرىڭنىىىىىى... قانداق بوپ كەتتى دەپ تۇراتتۇق ، يەرلىكلەرنىڭ ئامالى جىقكەن نەدىن ئالدى  بىردەمدە يوغان بىر كېليەڭكىنى تېپىپپ چىقىپتۇ ، ھەممىمىز ئۇنىڭ ئىچىگە كېرىپ چورىلىرىنى قولىمىز  بىلەن تۇتۇپ تۇرۇشتۇق ، ماشىنا مېڭىۋاتىدۇ بىر قولدا كىليەڭكە بىر قولدا ماشىنا تۇتقۇچى ، سېلكىنىپ ھىش ھالىمىز قالمىدى ، بىر قاتتىق سىلكەنگەنتى ، ئارىمىزدىكى بىرسى سەنتۇرلۇك بېرىپ ياندا تۇرغان بىرىسىگە سوقۇلۇپ كەتتى ، يىقىلىپ چۇشمەي دىدىمۇ يېنىدىكى بالىغا قول ئۇزۇتۇپتىكەنتۇق ، قولى ئىشتانغا توغرا كېلىپ قىلىپ تاس قالدى شۇ يەردە باشقىلارنىڭ ئىشتىنىنى سالدۇرۋەتكىلى . ساياھەتكە چىققانلار بىزلا ئەمەسكەنمىز ، يەنە باشقا يۇرتتىن كەلگەن بىر يىگىت باركەنتۇق ، بېشىدىكى دوپىسى خېلى پۇللۇق دوپپا ئوخشايدۇ ، دوپپا ئۇستىگە نىپىز سىلياۋ تارتىپ بېشىغا كىيىۋاپتىكەنتۇق ، سىلكىنگەندە بېشىدىن چىقىپ كېتىپ كالىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كەتتى ، سەنتۇرلۇپ بېرىپ ئۇ دوپپىنى ئالغىچە ئۆزىمۇ شۇ كالىنىڭ يىنىغا موللاق ئاتتى .  كىيىم كېچەكلىرى بۇلغۇنۇپ پۇتۇنلەي كالىنىڭ تېزەكلىرى ، بىر بىر - بىرىمىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ ، ئاران دىگەندە ئۇ كېشىنى تارتىپ چىقىرۋالدۇق ۋاي....  كۈلۈپ تېلىقىپ قالدىم ...ھا ھا ھا ھا ....ھېلىقى ماشىنا ئازاۋى بىر يەرلەردە قاپتۇ .
كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۇشكەندە ئۆيگە كېلىۋالدۇق ، كەلسەك يەڭگىمىز تاماق قىلىپ تۇرۇپتىكەن، مەڭپەر ئىچىپ كىرگەن نوچىلار ، ئۇ تاماقنىمۇ  گەپ قىلماي يەۋەتتۇق ، شۇنداق قىلىپ بىر كۇندە 4 ۋاق تاماق يەپتۇق ، ئىشلار بېسىققاندىن كېيىن تاغام ئولتۇرۇپ تىلفۇننى يەڭگىمىزگە كۆرسەتكەنتى ، تاغدا تىلفۇنغا چىقىپ قالغان سۆرەت راس دىگەندەك باركەن ، دەل مېنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى قارغاي بولۇپ ، شۇ چاغدا مەن تازا شۇ تەرەپكە قاراپ ئولتۇراتتىم ، ئالدىمدا راسلام بىر قىزىل كىيىم كىيگەن ئايال كىشى يوق، ئەگەر كۆرمەي قالدىم دىسەممۇ ، ئۇنداق ئوچۇق كىيىم كىيگەن ، تېخى بالىسىمۇ يىنىدا بار ئادەم دىقىتىڭىزنى تاتمامدا ؟ مەنلا ئەمەس يىنىمدىكى 3ئادەممۇ ئۇنداق ئادەمنى كۆرمەپتۇ ....... بۇ سىرلىق سۇرەت نەدىن كەلدى ؟
ئاللا...... شۇ كېچىسى بىر كېچە  ئۇيقا كېلەمدۇ ؟ كۆزۈمنى يۈمساملا ھېلىقى ئايال كىشى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدۇ ، سەھرا يېرى بولغاچ كېچىدە ئايدىڭ بولماي ، ھاۋا تۇتۇلۇپ قالسا ناھايىتى قاراڭغۇ بىلىنىدىكەن . بۇ كېچە تاڭ ئاتمىقى شۇنداق تەس بولدى ، سەھەردە ئۇخلاپ قالدىممىكىن تاغام چايغا چاقىرغاندا بىرەقلا ئويغۇنۇپتىمەن . يۈزلىرىمنى يۇيۇپ ئەينەككە قارىسام ئاغزىلىرىمىزغا ئۇچۇقلار چىقىپ كېتىپتۇ .
بىر نەچچە كۈن ئوتۇپ بىز ھېلىقى سۇرەتنى شەھەرگە ئەكىرىپ يۇدۇرۇپ كۆرۇپ باقتۇق . سۇرەتكە ئايال بىلەن ئوەۇل بالىنىڭ يۈز قىسمى ئانچە ئېنىق چىقماپتۇ ، شەھەردىن قايتىپ يېزىدىكى چوڭاراق بىر مويسىپىتقا ئاچىقىپ كۆرسەتسەك :
- سىلەر چىققان ئۇ تاغ باغرىنى تۇڭگان قىرىلدى دەپمۇ قويىمىز ، ئىلىدا توڭگان ئۇرۇشى بولغاندا ، بىزنىڭ ئادەملار بىر تۇركۈم توڭگانلار بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان جاي ، مىللى ئىنقىلاپتۇمۇ ھەرەم باغدىن قاشقان گومىنداڭ ئەسكەرلىرىمۇ شۇ يەرگە كەلگەندە تاغنىڭ قار قىش كۈنلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي توڭلاپ قالغان .  ئۇنداق يەرگە نىمىشقا قاراملىق قىلىپ باردىڭلار . ھېلىمۇ ساق- سالامەت قايتىپسىلەر .
  تېلفۇندىكى پۇتۇن مەنزىرىلەرنى يۇۋەتتىم . رەسىمنى سوغا ئېقىتىۋەتتىم .
ئۇف.............. تاغقا ئويناپ چىقايلى دىسە شۇنداق قىزىقىمەن . ئەمما .... بىراق .... شۇ..... بۇ ۋەقەلىكنى ئولىسام قار تەر باسىدۇ .....
2008-يىل 7-ئاي .

Rank: 8Rank: 8

توردا
539 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
830

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 10:24:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق قورقۇنۇچلۇق ؟
ئېلى دەرياسىدا مۇشۇنداق بىر ئەسلىمە بار. ئوقۇپ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتكەن.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 14:05:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ياكى ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا بىر دىققەت قىلساڭلار دەيمەن.

  يۇقىرىدىكى راست ئىشلار بەك كۆڭۈللۈك بوپتۇ. ئالدىنقى ھەپتە مەنمۇ شۇ يەردىن ئۆتكەن تېخى.

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:31:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە جانىم ، تەھرىرلەش قولدىن كەلسە شاققىدە كىرىپ ئۇيان - بۇيان قىلىۋەتسىڭىز بولمىدىمۇ ، ئى....دامنى خىجىل قىلىپ باڭغا چىقامىسىڭىزمۇ .
قەلەم تۇتمىغىلى يىللا ئۆتۈپ كېتىپتۇ ، كۆڭلۈم تاتقان شۇ سىلەرنى بار دەپ يوللىمىسام ، ئىلىپەنى قايتا ئۈگۈنەتتىم مەن .
يەنە بىرگەپ ، ئالدىقى ھەپتە سىز قەيەردىن ئۆتكەن ؟ سىز  تېشلىقسىز ؟ بۇ سوغاقتا نىمە دەپ تاغلارغا يامىشىپ يۇرىسىز ؟ خۇدا ساقلاپتۇ  ، بىرە ئىش چىقسا ، ما مۇنبەردىكى قەھۋە ئىچىدىغانلار قانداق قىلىدۇ دەيمەن ..... ( ئاللاھ ئۆز پاناھېڭدا ساقلارسەن) .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:18:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا مانداق ئىشلارمۇ بار دەڭە ، شۇنىڭدىن قارىغاندا .... بولدىلا كىچىدە بۇ گەپلەرنى قوياي .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 11:08:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Jilwe بۇ يازمىنى 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:31 دە يوللىغان
قەھۋە جانىم ، تەھرىرلەش قولدىن كەلسە شاققىدە كىرىپ ئۇيان - بۇيان قىلىۋەتسىڭىز بولمىدىمۇ ، ئى....دامنى خىجىل قى ...



ۋاپادارنى يوقلاپ بارغان دەڭە ، قايتىشتا شۇ تاغقا يېقىن يەردە تۇرۇپ قالدۇق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى.
بەك ئېسىل تېما يازاتتىڭىز، ئىملانىمۇ ھەم. شۇڭا ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي دېدىم. سىز تېزرەك ئەسلىنى تېپىۋالسۇن، دەپ. خىجىل بولمىسڭىزمۇ بولىدۇ. مۇنبەردە بۇنداق ئىشلار نورمالغۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 12:21:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىلۋە نىڭ ساياھەت خاتىرىسنى شۇنداق ھوزۇر بىلەن ئوقۇپ تۈگەتتىم. قىزىڭىز ئوماقنى ياخشىراق مۇھاپىزەت قىلماي ساياھىتىمۇ ساياھەت بولماپتۇ. قولى قانچىلىك ئاغرىغاندۇ؟
يەنە ھېلىقى سىرلىق ئايال بۇ نېمە ئىش؟  ئادەم قورقماي ساياھەتكە بارغىلىمۇ بولمامدۇ نېمە؟
سىلەرنىڭ چوڭ كۇزۇپلۇق ماشىنىغا چىقىپ ماڭغان ھالىتىڭلار كۆز ئالدىمغا كېلىۋاتىدۇ.  جىلۋە، بىر قولىدا ماشىنىنىڭ يان كۇزۇپىنى تۇتۇپ يەنە بىر قولىدا ئۈستىگە ياپقان نەرسىنى تۇتۇش بىلەن ئاۋارە ئوينىغىلى چىققانغا تويە
يەنە تېخى ھېلىقى بالىنىڭ دوپپىسىنى تۇتىمەن دەپ كالا پوقىنى تۇتۇشلىرى
ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىققىدەك تېما بوپتۇ. جىلۋىگە رەھمەت. مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرايلى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
212
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 14:19:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت جانلىرىم  !!!

جۇلالىق ، داۋامىغا يەنە بىر ۋەقەلىكنى يازاي ئۇنىمۇ كۆرۇپ بېقىڭلار ، بۇ لېكىن قوقۇنۇشلۇق ئەمەس .

   شار- شار يامغۇر
  سىم-سىم يامغۇردا مىڭىشنى ، دىسەم - دىمىسەم مۇنبەردىكى يىرىمدىن كۆپ تورداشلار ياختۇرىدۇ  ، ھەممىمىز ئاجايىپ بىر رومانتىك مۇھەببەت تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ دەپ قارايمىز . ئۇزۇن كەتكەن ئىككى قاسنىقى سىدە دەرىخى بىلەن ئورالغان باغ يوللىرىدا يىنىڭىزدىكى مەشۇغىڭىز بىلەن قولتۇقلىشىپ ماڭسىڭىز ، بۇ مىنۇتلارنىڭ ماڭماي بىر ئىزىدا توختاپ قىلىشىنى تىلەپ كېتىسىز ، ياكى سۆيگۈنىڭىزنى ئەسلىگەندە سىم-سىم يامغۇردا تۇرسىڭىز يۈرەكتىكى سېغىنىشنى بۇ يامغۇر تۇيغاندەك سىز ئۈچۈن كۆز ياش قىلغاندەك بىلىنىدۇ  ..........يەنە تەسەۋۇر قىلساق نۇرغۇن ........  
  لېكىن شار- شار يامغۇردا مېڭىشنى ياختۇرامسىلەر ، يامغۇردا ماڭغاندىمۇ 2سائەت مېڭىشنىچۇ ؟ تاغ باغرىدىكى سىرلىق رەسىم ساياھىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، شەھەردىكى تۇقانلارنى يوقلاپ كىلىش ئۈچۈن ھەدەم ئىككىمىز بالىلىرىمىزنى ئېلىپ چۈشتىن كېيىن شەھەرگە ماڭدۇق .  ئەتىگەنلا كۈلرەڭ بۇلۇتلىرىنى كەڭرى يىيىپ بۇتناپ قالغان ئاسمان ، يەنە ئۆز پىتى قاپىغىنى ئاچىدىغاندەك ئەمەس ، يامغۇر ياغامدىكىن دىسەك  تۆكىدىغىنىنى تۆكۇپلا ۋەتمىدى ، بىر كۈن ياغمىغان يامغۇر بىز ئۆيگە كىرگىچە يېغىپ كەتمەس دەپ ئويلاپ سەپەرگە شۇنداقلا چىقىپتۇق . شەھەرگە كىرىپ ئازراق سودۇلۇقلارنى قىپتۇق ، ئىشلىرىمىز تۈگدى ئۆيگە ماڭايلى دىسەك ، بۇشاكىچىكلەرنىڭ توخو يىگىسى كەپ كەتتى ، بۇپتىلا سېغىنىپمۇ قالغاندۇ ، يىسەكمۇ يەيلى دەپ ، مەدىرىسنىڭ ئۇدۇلىدىكى <يۇلغۇن> رىستۇرانىغا كىردۇق ،  شۇ چاغدا يامغۇر سەل تىمىشقاندەك قىلدى ، بىز ئاشخانىدىن ئىشلىرىمىزنى پۈتۈرۈپ چىقساق بۇ كاساپەت شاقىراپ يېغىشقا باشلاپتۇ . بارىدىغان مەھەللىمىز <مويكا> كۆچىسىنىڭ ئاياغ تەرىپى ئىدى . ئىشىكتىن چىقىپلا  بىر ماشىنىنى توسىدۇق ، شوپۇر خەنزۇ مىللىتىكەن ، ئەمدى بۇ مويكىنى خەنزۇچە نىمە دەر دەپ  < مويىكا> دەپ ئالدىمىز ئىشارەت قىلساق ، ھە ، دەپلا ماڭدى بۇ بايقۇشمۇ . قىزىق يېرى ، سۇ دەرۋازدىن تۆت دۇكان تەرەپكە ئايلىنىدىغان ئايلانمىغا  كەلگەندە شۇپۇر ماشىنى توختۈتۈپ ئالدىدا يول يوقلۇغىنى ، تۆت دۇكانغا قارىلغان تار كۆچىدىن تارتىپ ھەممە يەرگە تۇربا ياتقۇزىمىز دەپ كولىۋەتكەن بولۇپ ھىچ قانداق ماشىنا ماڭالمايدىغانلىغىنى چۈشۈندۇردى . ۋە  مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالىسىلەر دەيدۇ   ، ماڭغان يولىمىز100 مېتىر كەلمەيدۇ ، توۋا بالدۇر بىلگەن بولساق پۇل بۇزۇپمۇ ئىشمۇ بىكاردىن بەش سومنىڭ كۆزىگە پىچاق تىققاندەك ئىش بولدى . يامغۇر قۇيىۋىتىپ بارىدۇ ، يېرىم يولدىن كۆپەرەكىنى بېسىپ بوپتۇق ، ئارقىمىزغا قايتايلى دىسەكمۇ بىز قاتناشقا بارغىچە يىزىمىزنىڭ كىرا ماشىنىلىرى توختاپ بولىدۇ .  ئاز قالدۇققۇ مېڭىپلا كېتەيلى يامغۇرمۇ توختاپ قالار دەپ ئويلاپ ئالدىمىزغا يەنە ماڭدۇق بۇ يامغۇردا  كىرا قىلىدىغان قاتناش قۇرالى تاپقىلى بولمايدىكەن ، بۇ مەھەللە ئارلىغى بولغاندىكىن پانالىدىغان يەرمۇ يوقكەن ، بەدەنلىرىمىز يامغۇر سۇيىنىڭ سوغاق تەپتىدە جالاقشىپ تىترەشكە باشلىدى ، باش كۆزىمىزگە شاقىراپ چۇشىۋاتقان يامغۇرغا شۇنداق نەپرەتلەندىم ، ئومرۇمگە كېلىپ مۇشۇ ۋاققىچە بۇنداق قاتتىق يامغۇرمۇ كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن . بىزنىڭ ئۇ ئوت شەھىرىدە يامغۇر ئاز ياغىدىغان بولغاچ يامغۇر دەپ ياققاندا تالاغا چىقىپ تاماشا قىلاتتۇق . ئەمدىلىكتە كىرىدىغان بىرە توشۇكمۇ يوق دەڭلار . قىزلارغا قارىساق ئۇلار بىزدىن بەتەر تىترەۋاتىدۇ ،  يولدا شۇنداق ئىچىنىشلىق كېتىپ بارساق ، بىر موتسىكلىت كەپ قالدى ، توساپ بارىدىغان يېرىمىزنى ئېيتىپ ئاپىرىپ قويۇشنى دىسەك ، بىز بارىدىغان ئۆينىڭ ئەتراپىنى كولاپ  ماشىنا -موتسىكلىتلار كىرمەس قىلىۋەتكەنلىگىنى ئېيتىپ مويكىنىڭ ئۇدۇلىغا ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن بىزنى ئېلىپ ماڭدى . موتسىكلىت بىزنى مويكىنىڭ دوقمۇشقا  ئاپىرىپ بىر دۇكان ئۇدۇلىغا چۈشۈرۈپ قويدى ، بىردەم ساقلاپ تۇرساق يامغۇرمۇ توختاپ قالا دىگەننى مەقسەت قىلىپ ، دۇكانغا كىرىپ تۇردۇق ، دوكان ئىگىسى بىزدىن خېلى كىچىك بالا بولۇپ ،ئۇستى-بېشىمىزغا  قاراپ ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدى ، يۇز -كۆزلىرىمىز يۆل بولۇپ كەتكەشكە ، لوڭگە باركان سېتىۋىلىپ ئېتىشتۇردۇق ، يىرىم سائەتچە تۇرغاندىمىز ، يامغۇر توختايدىغاندەك ئەمەس ، كەش بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ئۆي ئىگىسىنى يېرىم كېچىدە چۆچۈتۈپ قويماسلىقىمىز ئۈچۈن يامغۇردا يەنە مېڭىشنى ئويلىدۇق ، لېكىن بۇدا قېتىم ئازراق قۇراللانمىساق بۇ يامغۇرغا يەنە يەم بولىمىز ، دوكانغا قارىدۇق ئۇستىمىزگە ئارتىۋالغۇدەك بىرە نەرسە چىقارمۇ دەپ ئويلاپ تۇرساق ، نىمىگە ئەپ قويدىكىن ، ئىككى يان تەرەپ خالتا شەكىلدە چىتىلغان ئىككى قات قىپ ئورالغان بىر توپ ئاق سولياۋ چىقىپ قالدى ، يىنىمىزدىكى ئىككى بالىغا بىر مىتىردىن ئېلىپ بىر تەرەپنى بىراقلا كىسىپ ئېچىۋەتتۇق ، بىر تەرەپنى باش پاتقۇدەك قىلىپ يۇچۇق ئاشتۇق دەل بىر يامغۇرلۇق چاپىنى بولدى ، ئاندىن كىيگۈزۇپ يەنە ئۇستىدىن پىلاستىر بىلەن چاپلاپ يۇچۇقلىرىنى ياپتۇق ، بۇ ئىشلارنى تۇگەتكىچە دۇكاندار بىزنىڭ سېرتتىن كەلگەنلىكىمىز بىلىپ ، ئاجايىپ ئەسلىمە بولىدۇ دەپ بىزگە مەدەت بەردى ، باشلىرىغا كىچىك سىلياۋ خالتا كىيدۇردۇق ، ئۆزىمىزگە 2مېتىر ئېلىپ يوغان ئېچىپلا ئۇستىمىزگە ئارتىۋالدۇق ، دۇكاندىن چىققاندا توققاننىڭ ئۆيىگە تىلفۇن قىلىپ ، ئۆزىمىزنىڭ قەيەردە نىمە ئىش بولىۋاتقىنىمىزنى يەتكۈزۇپ قويدۇق ، شۇنداق قىلىپ تولۇق قۇراللانغان بىز ، يەنە بىر مۇشەققەتلىك سەپەرگە ئاتلاندۇق . كۆچا قاپ-قارارڭغۇ ، يامغۇر يەنە سېخىلىق بىلەن يېغىۋاتىدۇ ، ئىككى مېتىر نېرىدىكى ئادەمنى كۆرمەيسىز ، يامغۇر سۇيى بىردەمدە يىغىلىپ ، كومزەك-كومزەك كولچەكلەرنى شەكىللەندۇرۇپ قويۇپتۇ ، بالىلار يىنىك بولغاندىكىن ئالدىمىزدا ماڭدى بىز ئارقىدىن كېتىۋاتىمىز ، ھالىتىمىزنى بىرە نەرسىگە ئوخشىتاي دىسەممۇ ئويلاپ تاپالمىدىم ، پۇتۇمدا سەتەڭلىك قىلىپ ئېگىز ، ئېگىز بولغاندىمۇ ئاجايىپ بىر ئېگىز پاشنىسى بار ئاياق كىيىۋاپتىكەنمەن ، توپا يول بولغاندىكىن يامغۇر سۇيىدە پاتقاق بولۇپ ماڭغۇلى بولمايدىكەن ، بۇ ئاياقنىڭ ئەپلەشمەي كىتىۋاتقىنى ، ۋايييي جانننننننننن ، بۇ كەشتە كىم كۆرىتى دەپ ئاياقنى سېلىۋەتتىم ، يالاڭ ئاياق ماڭدىم ، كۈندۈزى بولغان بولسا پاتقاقتا نىمە باردۇ دەپ شۇركىنىپ ھەرگىز  ماڭماس ئىدىم ، بۇنداق چاغدا كۆزگە ھىچ نەرسە كۆرۇنمەيدىكەن . كۆچا شۇنداق ئۇزاق كۆچىكى 2كېلومىتىر كەلمىسىمۇ ، 1 كېلومىتىردىن ئاشىدىغۇ دەيمەن ، تۈگەيدىغاندەك ئەمەس كېتىۋاتىمىز  ، شۇنداق مېڭىپ كېتىۋاتساق ، ھەدەمنىڭ قىزى <ئاپاممممم> دەپلا ئالدىمىزدا كېتىۋاتقان ئادەم يوقاپ كەتتى ، ئەتراپىمىزغا قارىساق يوق .  مېنىڭ قىزىم يىنىدىكى سۇ كولچىكىگە قاراپ ھەدە دەپ توۋلاۋاتىدۇ . ئىش چاتاق دەپ پالاقچىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈۋاتساق قاياقتىن كەلدى ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ بىزدىن بۇرۇن بېرىپ ئۇ قىزنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يۇقۇرغا تارتىۋىتىپتۇ . تازا سەپ سېلىپ قارىساق ئۆزىمىزنىڭ كىشلىرىمىز ،  بىزنىڭ تۇققانلاركەن ، ئۇلار بىزنى كۆرۇپ ھەيران قاپتۇ .
- ئووووووھۇشتە ،،،، بىزنى بەكلا چۈچۈتۈۋەتتىڭلار ، باشتا ئاق سولياۋغا ئورالغان ئىككى بالىدىن قۇرقۇپ كەتتۇق ، ئاپپاق نىمىدۇ كېلىۋاتقان ئادەممۇ جىنمۇ دەپ ، ئىككىلىنىپ كىلىۋاتقانتۇق . كېيىن ئىككى بالا ئىكەنلىگىنى بىلىپ ، كۆچىغا قويىۋەتكەن مەسئۇلىيەتسىز، ئانىلىرىنى تىللاپ غۇدۇڭشىۋاتساق  ، ئېگىزىرەكى يوقاپ كەتكەنتى ...چۆچۈپ قۇرقۇپ ، ئاقىمزىغا بۇرۇلۇپ قاچايلى دەپ تۇراتتۇق ، كىچىكى < ھەدە >دەپ توۋلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئادەمكەن دەپ ئالدىمىزغا يۈگۈردۇق - دەيدۇ .
ئىنسان ھاياتىدا نىمىگە ئۇچۇرمايدۇ ، نىمىنى كۆرمەيدۇ دىمەيسىزلەر . ھەدەمنىڭ قىزىنى شۇ ئىككى تۇققانلان تارتىپ چىقتى .   مەن بۇ نىمە ئورەكتۇ دىسەم ، تۇربا كۆمۇدىغانلار كولاپ قويغان  ئوراككەن ، ئىچى خېلى چوڭقۇر بولۇپ ھېلىمۇ يېرىمىغا تاختاي قويۇپ قويۇپتىكەن ، بۇ تەلەيلىك قىزىمىز تازا تاختاينىڭ ئۇستىگىلام چۈشۈپتۇ . نىمىلا بولمىسۇن ساق قالدى ، خۇداغا مىڭ شۇكرى ،.
  شۇنداق قىلىپ يالاڭ ئاياق  ، يىقىلىپ ، قوپۇپ تۇقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالدۇق . ئۆيگە كىرىپلا ئاپىسى :
- مەن چاي قىلاي ، قىزلار سىلەر بۇ تۆتىنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ قۇرۇق كىيىملىرىڭلارنى يەڭگۈشلەپ قويۇڭلار ، بولمىسا كېچىچە قىزىپ ئەتىلام بىزگە تەييار بولۇپ بەرمىسۇن - دەپ ئۆز ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتى .
قىزىق چاي ئىشتۇق ، قورۇق كىيىمنىمۇ كىيدۇق ......يا..........يا........يا.....ئىسسامدىغان . سائەتكە قارىساق ساق 2 سائەت يامغۇردا يۇرۇپتۇق ،  يوتقانغا كىردۇق ، ماڭا قىشلىق قېلىن يوتقان يىپىپ قوي دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدىم ، كېچىچە شۇنداق قېلىن يوتقاندىمۇ ئىسسىمىدىم ،  بەدەنلىرىم چىقىپ ئاغرىپ چىقتى ، جولىگەندەكلا ھېلى ئۇيغاق ، ھېلى مۇگدەپ دىگەندەك ، ئاران دىگەندە تاڭ ئاتقۇزدۇم ، ئەتىگەندە قوپسام بەدەنلىرىم ئاغرىپ بېلىمگە يەل تۈرىۋاپتۇ ئۆرە بولالمايمەن ، باشقىلارنى دىمەيلا قوياي ....بولمىدى جۈرۈڭلار بېزنى دوختۇرغا ئاپىرىڭلار دەپ غىڭشىغىلى تۇردۇم .... دوختۇرغا باردۇق .............  


2008 - يىل 7 - ئاي

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 14:42:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ.... ئەمما شۇنى يازىدىغانلار ئاز...
    مەنمۇ تونۇر بېشىدا ئولتۇرۇپ، سامسىغا ئۆچىرەت تۇرۇۋاتقانلاردىن ھەرخىل قىززىق گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمەن...
لېكىنــــزە.... تونۇرغا بىر ئىڭىشتىممۇ، بولدى... ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىمەن... بولمىسا مەنمۇ يېزىپ قوياتتىم...
   مۇنبەردە مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى ناچار بولسۇن ئىجادىي ئەسەرلەر كۆپرەك بولسا بولاتتى.... قاراپ باقسام، شائىر-شائىرەلەر خېلى بار ئىكەن مۇنبەردە... لېكىن مۇشۇنداق ئۇششاق ھىكايىلەرنى يېزىپ تۇىدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىكەن....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى 14:53:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارچە ئادەم سىم–سىم يامغۇر دەپ مۇھەببەتلىك، لىرىكىلىق تېما يازسا، ما جىلۋە، شار–شار يامغۇر دەپلا قاخشاپ تېما يېزىپتۇيا
سىزلەرگىمۇ يامغۇردا سىرىتقا چىقىشنى نېمە قويۇپتۇ. يامغۇرنى نەدە توختار دەپ ئۈمۈد قىلغاندا توختىماي تازا ياغىدىكەن. شۇ تاپتا سىز ۋە ھەدىڭىز بالىلارنىڭ يامغۇردا بىر پەس، بىر ئېگىز دەسسەپ مېڭىشلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىمەن.
ئەنە جىلۋە، مودا پاشنىسى بىر غېرىچ كېلىدىغان چىرايلىق ئايىقىنى سېلىۋېتىپ يالاڭئاياق لاي–پاتقاقلارنى كېچىپ تار كوچىلاردا كېتىۋاتىدۇ. مۇزدەك لاي–لاتقىلارغا ھەر بىر دەسسىگىنىدە قوينىغا مۇز پارچىسى سېلىۋەتكەندەك ئەندىكىپ ئاران–ئاران ئۆرە تۇرۇپ مىڭبىر جاپالار بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.
ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن يوتقانغا يۆگىنىپ ئولتۇرۇپ توختىماي ياغقان يامغۇرغا لەنەتلەر ئوقۇۋاتىدۇ.
مەنمۇ يامغۇرغا بەكلا ئامراق ئىدىم، يامغۇر ياغسىلا سىرىتقا چىقىپ يامغۇرغا ياغقانغا قاراپ تۇرۇش مەن ئۈچۈن بەكلا ھوزۇر بىلىنەتتى. بۇ يىل كۆپ ياغقان يامغۇر مېنىمۇ بىزار قىلىۋەتتى. يامغۇر ياغسىلا ئۆيلىرىمدىن ئۆتۈپ گىلەملەرنى ھۆل قىلىپ بەكلا زېرىكتۈرىدى. ھەر نەرسە چەكتىن ئېشىپ كەتسە ئادەمنى بىزار قىلىپ قويىدىكەن. كونىلاردا"ھالۋىنى كۆپ يېسە ئەمەن تېتىيدۇ' دېگەنگە ئوخشاش.
جىلۋىنىڭ تېمىسىغا ئوخشاش ئۆز تۇرمۇشۇڭدا بولغان ئىشلار يېزىلغان تېمىلارنى ئوقۇش ئادەمگە باشقىچە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. كۆپ رەھمەت. باشقا قىزىقارلىق ئىشلارنىمۇ يېزىپ تۇرۇڭ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 01:25 , Processed in 0.050960 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش