- تىزىملاتقان
- 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى
- توردا
- 38 سائەت
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 449
- يازما
- 58
- نادىر
- 2
- UID
- 224
  
- توردا
- 38 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى
- تىزىملاتقان
- 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
- نادىر
- 2
- يازما
- 58
|
 |
 |
 |
 |
كامىلجان ناسىر (دىلداش)
ئۆلدى ئارمان جىمجىت، قانسىراپ،
مىسرا ئارا پۈتتى قەبرىسى.
بىردەملىكمۇ بەرمىگەچ ئارام،
ئازاپ بىلەن ھىجران جەبرىسى.
سۈكۈناتقا چۆمدى ۋۇجۇدۇم ،
ئۈمۈدلىرىم قاتقاچ مۇز بولۇپ.
قارچۇغۇمدىن تۆكۈلەر تامچە،
بارماقتىمەن تەكرار ئويلىنىپ.
ۋاپا ئىستەپ ئەقىدەم ئۈچۈن،
تاپقانلىرىم ئازاپلىق كەچمىش.
زارىققانچە بولدى ھەدىيە ،
ھېسلىرىمدە تۈگىمەس تەشۋىش.
ئاھلىرىمدىن ئاسمان تۆكتى ياش،
قۇياش مۆكتى بۇلۇت قوينىغا.
ساختا، چۈشتەك بىردەملىك كۈلكە،
بەنت قىلىپ مەسخۇش تۇيغۇغا.
ئاپتۇر :كامىلجان ناسىر(دىلداش) قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە شىپاگەر.
|
 |
 |
 |
 |
|
|